گالاتىيالىقلارغا
1
روسۇل پاۋلۇس گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە يازغان مەكتۇپ •••• سالاملار
مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن) «ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا...» ــ «ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ــ گرېك تىلىدا: «ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى». ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام. خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛ مات. 20‏:28؛ گال. 2‏:20؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14؛ ئىبر. 9‏:14. خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن!
 
بىردىنبىر خۇش خەۋەر
سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس. روس. 15‏:1. لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! 2كور. 11‏:4. بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!
10 مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم. «مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟» ــ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئۆزى بېكىتىپ ئەۋەتكەن، ئەلۋەتتە. «خۇش خەۋەر»نى ئۆزگەرتىمەن، دەپ خام خىيال قىلغۇچىلار «خۇدانى ئىشەندۈرۈش»ى كېرەك! بىراق ۋەزىپىمىز ئادەملەرنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا ئىشەندۈرۈشتۇر. «مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم» ــ «مەسىھنىڭ قۇلى» ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا «قۇل»نىڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بار ئىدى. ئىززەتلىك ئادەمنىڭ قۇلى بولۇشنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك ئىش.   1تېس. 2‏:4؛ ياق. 4‏:4. 11 ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس. 1كور. 15‏:1. 12 چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. ئ‍ەف. 3‏:3. 13 چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر. «يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولى» ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدائىزم». «ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ...» ــ ياكى «تاشقىن قىزغىنلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ...».   روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ فىل. 3‏:6؛ 1تىم. 1‏:13. 14 ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم.
15‏-16 ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي، «خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە...» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللىكلەر»، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.   روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ مات. 16‏:17؛ روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8. 17 ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم. 18 ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. «ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم» ــ «پېترۇس» روسۇل پېترۇس (باشقا ئىسمى «كېفاس»). 19 ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم. «رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئەيسانىڭ ئاز دېگەندە تۆت ئىنىسى بار ئىدى («مات.» 55:13). 20 مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس! رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1. 21 كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. 22 ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى. 23 ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛ 24 شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى. «شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى» ــ گرېك تىلىدا «شۇنىڭدەك ئۇلار مەندە خۇدانى ئۇلۇغلىدى».
 
 

1:1 «ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا...» ــ «ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ــ گرېك تىلىدا: «ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى».

1:3 رىم. 1‏:7؛ 1كور. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.

1:4 مات. 20‏:28؛ گال. 2‏:20؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14؛ ئىبر. 9‏:14.

1:7 روس. 15‏:1.

1:8 2كور. 11‏:4.

1:10 «مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟» ــ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئۆزى بېكىتىپ ئەۋەتكەن، ئەلۋەتتە. «خۇش خەۋەر»نى ئۆزگەرتىمەن، دەپ خام خىيال قىلغۇچىلار «خۇدانى ئىشەندۈرۈش»ى كېرەك! بىراق ۋەزىپىمىز ئادەملەرنى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشقا ئىشەندۈرۈشتۇر. «مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم» ــ «مەسىھنىڭ قۇلى» ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا «قۇل»نىڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بار ئىدى. ئىززەتلىك ئادەمنىڭ قۇلى بولۇشنىڭ ئۆزى ئىززەتلىك ئىش.

1:10 1تېس. 2‏:4؛ ياق. 4‏:4.

1:11 1كور. 15‏:1.

1:12 ئ‍ەف. 3‏:3.

1:13 «يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولى» ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدائىزم». «ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ...» ــ ياكى «تاشقىن قىزغىنلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ...».

1:13 روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ فىل. 3‏:6؛ 1تىم. 1‏:13.

1:15‏-16 «خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە...» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللىكلەر»، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ.

1:15‏-16 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ مات. 16‏:17؛ روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8.

1:18 «ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم» ــ «پېترۇس» روسۇل پېترۇس (باشقا ئىسمى «كېفاس»).

1:19 «رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئەيسانىڭ ئاز دېگەندە تۆت ئىنىسى بار ئىدى («مات.» 55:13).

1:20 رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ 1تېس. 2‏:5؛ 1تىم. 5‏:21؛ 2تىم. 4‏:1.

1:24 «شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى» ــ گرېك تىلىدا «شۇنىڭدەك ئۇلار مەندە خۇدانى ئۇلۇغلىدى».