2
يېرۇسالېمدا تۇرغان روسۇللارنىڭ پاۋلۇسنى ئېتىراپ قىلىشى
يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن، مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم. «يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن..» ــ يەنى بەلكىم ئۇ مەسىھگە ئېتىقاد قىلغاندىن 14 يىل كېيىن. «مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم» ــ بىزنىڭچە، بۇ «روس.» 2:15دە تىلغا ئېلىنغان سەپەر ئىدى. بەزى ئالىملار ئۇ زىيارەتنى «روس.» 30:11 ۋە 25:12دە تىلغا ئېلىنغان سەپەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.   روس. 15‏:2. مەن بىر ۋەھىيگە بىنائەن شۇ يەرگە بارغانىدىم؛ ۋە مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئالدىدا (ئەمەلىيەتتە پەقەت «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى»دەكلەرگە ئايرىم ھالدا) ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم. «مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ... ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم» ــ «بىكار چاپمىغىنىم» ۋە «بىكار چېپىۋاتقىنىم» دېگەن مەنىسى نېمە بولاتتى؟ پاۋلۇس ئۆزىنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلاش خىزمىتىنى «مېنىڭ چېپىشىم» ياكى «يۈگۈرۈشۈم» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ يەردە باشقا روسۇللار بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ يەتكۈزگەن «خۇش خەۋەر»نىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتى توغرۇلۇق خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىدى.   روس. 19‏:21. نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى؛ «نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى» ــ «يۇنانلىق» ياكى «گرېك» ــ يەنى يەھۇدى ئەمەس، شۇنىڭدەك خەتنە قىلىنغان كىشى ئەمەس.   روس. 16‏:3؛ 1كور. 9‏:21. شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى» بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى. «شۇ چاغدىكى «خەتنە مەسىلىسى» بولسا، ... يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى» ــ بىزنىڭچە «شۇ چاغدىكى خەتنە مەسىلىسى» (گرېك تىلىدا «بۇ ئىش») يۇقىرىقى 3-ئايەتتە «ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى» دېيىلگەن ئىش بىلەن باغلىق. دېمەك، ئەينى چاغدا بەزى «يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار» «شۇ يات ئەللىك ئادەم خەتنە قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كېرەك.   روس. 15‏:24. لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛ لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق ئەربابلار دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى خۇش خەۋەرگە قوشقىنى يوق ئىدى. «لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەر...» ــ پاۋلۇس بۇ سەل كىنايىلىكرەك كۆرۈنگەن گەپنى ئىشلىتىشى بىلەن باشقا روسۇللارغا ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى ئەمەس، بەلكى گالاتىيالىقلارغا (شۇنداقلا، بىزلەرگە!) ئىنسانلارنى خۇدادىن يۇقىرى قويماسلىق كېرەك، دەپ كۆرسەتمەكچى. «مۇشۇ ئابرۇيلۇق ئەربابلار دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى خۇش خەۋەرگە قوشقىنى يوق ئىدى» ــ گرېك تىلىدا: «ماڭا ھېچنەرسە قوشمىدى».   قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17. دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ «دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ...» ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «خەتنە قىلىنغانلار» يەھۇدىيلارنى، «خەتنىسىزلەر» يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. (چۈنكى پېترۇسنى خەتنىلىكلەرگە روسۇللۇققا كۈچلەندۈرگۈچى بولسا، مېنىمۇ ئەللەرگە روسۇل بولۇشقا كۈچلەندۈرگەنىدى)، روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:16؛ ئ‍ەف. 3‏:8. ماڭا ئاتا قىلىنغان شۇ مېھىر-شەپقەتنى تونۇپ يەتكەن «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى» ھېسابلانغان ياقۇپ، كېفاس ۋە يۇھاننالار بولسا، سىلەر ئەللەرگە بېرىڭلار، بىز خەتنىلىكلەرگە بارايلى دەپ بارناباس بىلەن ئىككىمىزگە ھەمدەملىك ئوڭ قولىنى بېرىشتى. 10 ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى؛ مەن دەل بۇ ئىشقا قىزغىن بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. «ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، روسۇللارنىڭ پاۋلۇسقا «كەمبەغەللەر» توغرۇلۇق بولغان تەلىپى ئۆزلىرى ئارىسىدىكى، يېرۇسالېم جامائىتىدىكى كەمبەغەللەرنى تەكىتلەپ كۆرسەتمەكچى.   روس. 11‏:30؛ 24‏:17؛ رىم. 15‏:25؛ 1كور. 16‏:1؛ 2كور. 8‏:1؛ 9‏:1.
 
پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيادا پېترۇسنى ئەيىبلىشى
11 بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. 12 چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ شۇ قېرىنداشلاردىن ئۆزىنى تارتتى. «چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى» ــ «ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر» يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىي قېرىنداشلار ئىدى. «بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ شۇ قېرىنداشلاردىن ئۆزىنى تارتتى» ــ «خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ..»: ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، مۇشۇ كىشىلەر: «يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك» دەپ ئويلىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا «كونا ئەھدە» بويىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ئەسلىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ يېمەكلىكلىرىنى يېيىشىگە، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولۇشقا بولمايتتى. 13 ھەتتا باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. 14 ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» ــ دېدىم، روس. 10‏:28. 15 ۋە يەنە: «بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز، «بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز...» ــ پاۋلۇسنىڭ مۇشۇ «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر» دېگەن سۆزلىرى بىلەن پېترۇسقا يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆزقارىشىنى ياكى پوزىتىسيىسىنى ئەسلىتىدۇ. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىمۇ گۇناھكارلار، ئەلۋەتتە! 16 لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم. «لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز» ــ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ: «قانۇندىكى ئەمەللەر بىلەن...» ياكى «قانۇنغا قارىتىلغان ئەمەللەر بىلەن» ياكى «قانۇندىن چىققان ئەمەللەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە «رىم.» 20:3، 28، «گال.» 2:3، 5، 10دىمۇ تېپىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى» ئۆزىنىڭ گۇناھقا پاتقان بىر گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس. «ئىنسان...بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ...» ــ ياكى «ئىنسان ... بەلكى ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ...». «مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق» ــ «بىزمۇ» ــ پاۋلۇس پېترۇسقا سۆز قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ سۆزى بىلەن ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ.   روس. 13‏:38؛ رىم. 3‏:20،28؛ 8‏:3؛ گال. 3‏:11؛ ئىبر. 7‏:18.
 
17 ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز! «ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز!» ــ «بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ» ــ ھەر ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىشەنسە، خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا بارلىق گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. 18 ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن. «ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن» ــ «غۇلاتقان نەرسىلەر» توغرۇلۇق: ــ بۇ ئەسلى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۆز رېئاللىقىغا ئاساسەن: «مېنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالىشىم قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىكەن» دەپ شۇ تىرىشىشنى تاشلاپ، مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش يولى بىلەن ھەققانىيلىققا ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئاندىن يەنە قايتىدىن تىرىشىپ، ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا قايتىدىن ئىنتىلسە، بەرىبىر ئۆزىنىڭ گۇناھكارلىقىنى ئىسپاتلاپ قوياتتى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 19 چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن. «... چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىككى ئايەت (19-20) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
«خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاش» ــ بۇنىڭ بەلكىم ئۈچ مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن؛ (1) خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ياشاش؛ (2) خۇداغا پۈتۈنلەي تايىنىپ ياشاش (شۇنداق قىلغاندا ئۆلۈم بولمايدۇ)؛ (3) خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ياشاش. روسۇل بەلكىم ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يېڭى ھاياتىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي نىيەتلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان» بولۇشى كېرەك، دېمەكچى بولىدۇ («رىم.» 10:6-11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).
   رىم. 7‏:4؛ 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ 1تېس. 5‏:10؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 4‏:2. 20 مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر. «مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، ... خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا... خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقاد بىلەن». ئۆزىمىزنىڭ تەرجىمىمىز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   گال. 1‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14. 21 مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى. «مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى» ــ ئەگەر ئادەملەر تىرىشىپ-تىرمىشىپ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالىغان ياكى قىلالايدىغان بولسا، شۇنداقلا ئۆزىنى ھەققانىي ئادەم دەپ ئىسپاتلىسا، نېمىشقا ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلدى؟ ئۇنداق بولغاندا ئىنسانلار گۇناھلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە موھتاج بولمىغان بولاتتى؛ يەنى، مەسىھنىڭ ئادەمنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ نىجات يولىنى ئېچىش ئۈچۈن بولغان ئۆلۈشى بىكار بولاتتى (مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ئەسلى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى؛ بۇ تارىختا ئەڭ كارامەت، ئالەمشۇمۇل ئاجايىب ۋەقە ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى ««ھايات ئۆزۈمدۈرمەن»، «تىرىلىش ئۆزۈمدۈرمەن» دېگەنىدى؛ «ھايات» بولغۇچى قانداقمۇ ئۆلسۇن؟).   ئىبر. 7‏:11.
 
 

2:1 «يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن..» ــ يەنى بەلكىم ئۇ مەسىھگە ئېتىقاد قىلغاندىن 14 يىل كېيىن. «مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم» ــ بىزنىڭچە، بۇ «روس.» 2:15دە تىلغا ئېلىنغان سەپەر ئىدى. بەزى ئالىملار ئۇ زىيارەتنى «روس.» 30:11 ۋە 25:12دە تىلغا ئېلىنغان سەپەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

2:1 روس. 15‏:2.

2:2 «مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ... ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم» ــ «بىكار چاپمىغىنىم» ۋە «بىكار چېپىۋاتقىنىم» دېگەن مەنىسى نېمە بولاتتى؟ پاۋلۇس ئۆزىنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلاش خىزمىتىنى «مېنىڭ چېپىشىم» ياكى «يۈگۈرۈشۈم» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ يەردە باشقا روسۇللار بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ يەتكۈزگەن «خۇش خەۋەر»نىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتى توغرۇلۇق خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

2:2 روس. 19‏:21.

2:3 «نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى» ــ «يۇنانلىق» ياكى «گرېك» ــ يەنى يەھۇدى ئەمەس، شۇنىڭدەك خەتنە قىلىنغان كىشى ئەمەس.

2:3 روس. 16‏:3؛ 1كور. 9‏:21.

2:4 «شۇ چاغدىكى «خەتنە مەسىلىسى» بولسا، ... يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى» ــ بىزنىڭچە «شۇ چاغدىكى خەتنە مەسىلىسى» (گرېك تىلىدا «بۇ ئىش») يۇقىرىقى 3-ئايەتتە «ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى» دېيىلگەن ئىش بىلەن باغلىق. دېمەك، ئەينى چاغدا بەزى «يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار» «شۇ يات ئەللىك ئادەم خەتنە قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كېرەك.

2:4 روس. 15‏:24.

2:6 «لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەر...» ــ پاۋلۇس بۇ سەل كىنايىلىكرەك كۆرۈنگەن گەپنى ئىشلىتىشى بىلەن باشقا روسۇللارغا ياكى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى ئەمەس، بەلكى گالاتىيالىقلارغا (شۇنداقلا، بىزلەرگە!) ئىنسانلارنى خۇدادىن يۇقىرى قويماسلىق كېرەك، دەپ كۆرسەتمەكچى. «مۇشۇ ئابرۇيلۇق ئەربابلار دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى خۇش خەۋەرگە قوشقىنى يوق ئىدى» ــ گرېك تىلىدا: «ماڭا ھېچنەرسە قوشمىدى».

2:6 قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17.

2:7 «دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ...» ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «خەتنە قىلىنغانلار» يەھۇدىيلارنى، «خەتنىسىزلەر» يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

2:8 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:16؛ ئ‍ەف. 3‏:8.

2:10 «ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، روسۇللارنىڭ پاۋلۇسقا «كەمبەغەللەر» توغرۇلۇق بولغان تەلىپى ئۆزلىرى ئارىسىدىكى، يېرۇسالېم جامائىتىدىكى كەمبەغەللەرنى تەكىتلەپ كۆرسەتمەكچى.

2:10 روس. 11‏:30؛ 24‏:17؛ رىم. 15‏:25؛ 1كور. 16‏:1؛ 2كور. 8‏:1؛ 9‏:1.

2:12 «چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى» ــ «ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر» يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىي قېرىنداشلار ئىدى. «بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ شۇ قېرىنداشلاردىن ئۆزىنى تارتتى» ــ «خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ..»: ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، مۇشۇ كىشىلەر: «يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك» دەپ ئويلىغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا «كونا ئەھدە» بويىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ئەسلىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ يېمەكلىكلىرىنى يېيىشىگە، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولۇشقا بولمايتتى.

2:14 روس. 10‏:28.

2:15 «بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز...» ــ پاۋلۇسنىڭ مۇشۇ «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر» دېگەن سۆزلىرى بىلەن پېترۇسقا يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆزقارىشىنى ياكى پوزىتىسيىسىنى ئەسلىتىدۇ. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىمۇ گۇناھكارلار، ئەلۋەتتە!

2:16 «لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز» ــ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ: «قانۇندىكى ئەمەللەر بىلەن...» ياكى «قانۇنغا قارىتىلغان ئەمەللەر بىلەن» ياكى «قانۇندىن چىققان ئەمەللەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە «رىم.» 20:3، 28، «گال.» 2:3، 5، 10دىمۇ تېپىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى» ئۆزىنىڭ گۇناھقا پاتقان بىر گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس. «ئىنسان...بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ...» ــ ياكى «ئىنسان ... بەلكى ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ...». «مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق» ــ «بىزمۇ» ــ پاۋلۇس پېترۇسقا سۆز قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ سۆزى بىلەن ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

2:16 روس. 13‏:38؛ رىم. 3‏:20،28؛ 8‏:3؛ گال. 3‏:11؛ ئىبر. 7‏:18.

2:17 «ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز!» ــ «بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ» ــ ھەر ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىشەنسە، خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا بارلىق گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق.

2:18 «ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن» ــ «غۇلاتقان نەرسىلەر» توغرۇلۇق: ــ بۇ ئەسلى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۆز رېئاللىقىغا ئاساسەن: «مېنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالىشىم قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىكەن» دەپ شۇ تىرىشىشنى تاشلاپ، مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش يولى بىلەن ھەققانىيلىققا ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئاندىن يەنە قايتىدىن تىرىشىپ، ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا قايتىدىن ئىنتىلسە، بەرىبىر ئۆزىنىڭ گۇناھكارلىقىنى ئىسپاتلاپ قوياتتى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

2:19 «... چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىككى ئايەت (19-20) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاش» ــ بۇنىڭ بەلكىم ئۈچ مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن؛ (1) خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ياشاش؛ (2) خۇداغا پۈتۈنلەي تايىنىپ ياشاش (شۇنداق قىلغاندا ئۆلۈم بولمايدۇ)؛ (3) خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ياشاش. روسۇل بەلكىم ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يېڭى ھاياتىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي نىيەتلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان» بولۇشى كېرەك، دېمەكچى بولىدۇ («رىم.» 10:6-11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).

2:19 رىم. 7‏:4؛ 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ 1تېس. 5‏:10؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 4‏:2.

2:20 «مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، ... خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا... خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقاد بىلەن». ئۆزىمىزنىڭ تەرجىمىمىز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

2:20 گال. 1‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ تىت. 2‏:14.

2:21 «مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى» ــ ئەگەر ئادەملەر تىرىشىپ-تىرمىشىپ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالىغان ياكى قىلالايدىغان بولسا، شۇنداقلا ئۆزىنى ھەققانىي ئادەم دەپ ئىسپاتلىسا، نېمىشقا ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلدى؟ ئۇنداق بولغاندا ئىنسانلار گۇناھلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە موھتاج بولمىغان بولاتتى؛ يەنى، مەسىھنىڭ ئادەمنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ نىجات يولىنى ئېچىش ئۈچۈن بولغان ئۆلۈشى بىكار بولاتتى (مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ئەسلى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى؛ بۇ تارىختا ئەڭ كارامەت، ئالەمشۇمۇل ئاجايىب ۋەقە ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى ««ھايات ئۆزۈمدۈرمەن»، «تىرىلىش ئۆزۈمدۈرمەن» دېگەنىدى؛ «ھايات» بولغۇچى قانداقمۇ ئۆلسۇن؟).

2:21 ئىبر. 7‏:11.