بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «مەسىھكە» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. ■يار. 15:13؛ مىس. 12:40؛ روس. 7:6. 18 چۈنكى ۋەدە قىلىنغان مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان.□«چۈنكى ۋەدە قىلىنغان مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان» ــ «ۋەدە قىلىنغان مىراس» ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك بەختنى كۆزدە تۇتىدۇ. ■رىم. 4:14.
بۇ مۇھىم 19-ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەۋرات قانۇنى... ئىنسانلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن» ــ بۇ سۆزنىڭ كۆپ جەھەتلىرى بار ــ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز. ■قان. 5:5؛ يـۇھ. 1:17؛ 15:22؛ روس. 7:38،53؛ رىم. 4:15؛ 5:20؛ 7:8. 20 ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر. □«ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر» ــ بۇ ئايەتكە بېرىلگەن بىرنەچچە شەرھ بار. مەنىسى بەلكىم: «ئىككى ئادەم كېلىشىم تۈزگەندە، بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. لېكىن، خۇدا ئۆز ئەھدىسىنى ئىبراھىمغا بەرگەندە، ئۇنى ۋاسىتىچىسىز بەرگەن، ئۇ ساپ خۇدانىڭ قولىدىن كەلگەن؛ شۇڭا بۇ ئەھدە بەرىبىر تەۋرات قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇمۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز. 21 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز! ئەگەر بىرەر قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەققانىيلىق جەزمەن شۇ قانۇنغا ئاساسلانغان بولاتتى. 22 ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئالەمنى گۇناھنىڭ ئىلكىگە قاماپ قويغان؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھنىڭ ساداقەت-ئېتىقادى ئارقىلىق ۋەدىنىڭ ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر. ■رىم. 3:9؛ 11:32. 23 لېكىن ئېتىقاد يولى كېلىپ ئاشكارە بولغۇچە، بىز تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىپ، ئاشكارە بولىدىغان ئېتىقادنى كۈتۈشكە قاماپ قويۇلغانىدۇق. 24 شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ، بىزنى مەسىھكە يېتەكلىدى. □«بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ،..» ــ «تەربىيىلىگۈچى» گرېك تىلىدا «پېداگوگ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ■مات. 5:17؛ روس. 13:38؛ رىم. 10:4. 25 لېكىن ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولۇپ، بىز ئەمدى يەنە «تەربىيىلىگۈچى»نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. 26 چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار. □«... چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار» ــ بۇ مۇھىم 23-26-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، يۇقىرىقى 19:3-ئايەت ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى كۆرۈڭ. ■يەش. 56:5؛ يـۇھ. 1:12؛ رىم. 8:15؛ گال. 4:5. 27 چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار. □«چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار» ــ دېمەك، مەسىھگە ئېتىقاد قىلىپ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا باغلانغان بولساق، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئىگىلەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن «مەسىھگە مەنسۇپ ئادەم» بىزنىڭ ئاساسىي سالاھىيىتىمىز بولىدۇ. ■رىم. 6:3. 28 مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر. □«مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ... ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر» ــ «گرېك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە «يەھۇدىي ئەمەس»، «يات ئەللەكلەر»نى بىلدۈرۈلىدۇ. ■يـۇھ. 17:21. 29 سىلەر مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە مىراسخوردۇرسىلەر.■يار. 21:12؛ رىم. 9:7؛ ئىبر. 11:18.
□3:1 «ئى ئەقىلسىز گالاتىيالىقلار، كۆز ئالدىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئېنىق سۈرەتلەنگەن، ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن، كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن ئازدۇرۇپ سېھىرلىدى» ــ «ئەيسا مەسىھ ... ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق ئىككى كۆزقاراش بار. (1) پاۋلۇس خۇش خەۋەردە ئەيسا توغرۇلۇق پاكىتلارنى شۇنچە ئېنىق يەتكۈزۈپ جاكارلىغاچقا، ئاڭلىغۇچىلار «نەق مەيداندا تۇرغاندەك، ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغاندەك» بولغانلىقىنى ياكى: (2) پاۋلۇسنىڭ كېچە-كۈندۈز ئۆز ھاياتى ئارقىلىق مەسىھنىڭ كرېستلەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (16:1، 20:2نى كۆرۈڭ). بىزنىڭچە ئىككىلا كۆزقاراش توغرا.
■3:1 گال. 5:7.
□3:2 «سىلەر روھنى تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ، ياكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» ــ «روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.
□3:3 «سىلەر شۇنچە ئەقىلسىزمۇ؟ روھقا تايىنىپ ھاياتنى باشلىغانىكەنسىلەر، ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟» ــ «روھقا تايىنىپ» ــ گرېك تىلىدا «روھتا» (خۇدانىڭ روھىدا، ئەلۋەتتە). «ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟» ــ «ئەت ئارقىلىق» ياكى «ئىنسانىي ئەتلەر ئارقىلىق» ــ دېمەك، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئەمەس، نىجاتىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز كۈچىگە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلارغا تايىنىشتىن ئىبارەت.
□3:5 «سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى» ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى. «سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى» خۇدائاتىنىڭ ئۆزى.
■3:6 يار. 15:6؛ رىم. 4:3؛ ياق. 2:23.
□3:7 «... ئېتىقادتىن تۇغۇلغانلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدۇر» ــ گرېك تىلىدا «ئېتىقادتىن بولغانلار...» ــ دېمەك، مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد باغلاپ «قايتىدىن تۇغۇلغان»لار، ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى باسقانلار.
□3:8 «مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي قىلىدىغانلىقى ئالدىنئالا كۆرۈلۈپ...» ــ «يات ئەللىكلەر» ــ يەھۇدىي ئەمەسلەر. «سەندە بارلىق ئەل-مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ» ــ «يار.» 3:12.
■3:8 يار. 12:3؛ 18:18؛ 22:18؛ 26:4؛ 49:10؛ روس. 3:25.
□3:10 «لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ» ــ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر» ــ مۇشۇ يول بىلەن ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلايمىز دەيدىغانلار، ئەلۋەتتە، «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ» ــ «قان.» 26:27. ئەلۋەتتە، ھېچكىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە «ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلالمايدۇ» ــ شۇڭا ھەممە كىشى، يەھۇدىي بولسۇن، يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، مەسىھسىز بولسا لەنەت ئاستىدا تۇرىدۇ.
■3:10 قان. 27:26.
□3:11 «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ» ــ «ھاب.» 4:2.
■3:11 ھاب. 2:4؛ رىم. 1:17؛ 3:20؛ گال. 2:16؛ ئىبر. 10:38
□3:12 «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغۇچى شۇ ئىشلار بىلەن ھايات بولىدۇ» ــ «لاۋ.» 5:18. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
■3:12 لاۋ. 18:5؛ ئەز. 20:11؛ رىم. 10:5.
□3:13 «ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى» ــ گرېك تىلىدا: «ھۆر قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش» ياكى «قۇتۇلدۇرۇپ بەدەل تۆلەش» دېگەن ئىبارىلەر ئادەتتە قۇللارنى بازاردىن قايتىدىن سېتىۋېلىپ، ھۆر قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» ــ «قان.» 24:21.
■3:13 قان. 21:23؛ رىم. 8:3؛ 2كور. 5:21.
□3:15 «مەن ئىنسانلارچە سۆزلەيمەن» ــ مۇشۇ ئىبارە بەلكىم «ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىر مىسال كۆرسىتەي»، دېگىنى بولسا كېرەك.
■3:15 ئىبر. 9:17.
□3:16 «شۇنىڭدەك، خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر» ــ بۇ ۋەدە تەۋرات، «يار.» 7:12 ۋە 15:13، 7:17، 7:24دە تېپىلىدۇ. دېمىسەكمۇ، مەسىھ يەھۇدىيلاردىن بولۇپ، ئۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى، ئەلۋەتتە.
■3:16 گال. 3:8.
□3:17 «خۇدانىڭ مەسىھكە ئالدىن تۈزگەن بىر ئەھدىسى» ــ «مەسىھكە» ــ دېمەك، مەسىھ «ئىبراھىمنىڭ نەسلى»نىڭ سۈپىتىدە بولۇپ ئەھدە شۇ چاغدا ئۇنىڭغا تۈزگەن. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «مەسىھكە» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.
■3:17 يار. 15:13؛ مىس. 12:40؛ روس. 7:6.
□3:18 «چۈنكى ۋەدە قىلىنغان مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان» ــ «ۋەدە قىلىنغان مىراس» ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك بەختنى كۆزدە تۇتىدۇ.
■3:18 رىم. 4:14.
□3:19 «تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟... ئۇ پەرىشتىلەر ئارقىلىق بىر ۋاسىتىچىنىڭ قولى بىلەن بېكىتىلىپ يولغا قويۇلغان» ــ «بىر ۋاسىتىچى» شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم 19-ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەۋرات قانۇنى... ئىنسانلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن» ــ بۇ سۆزنىڭ كۆپ جەھەتلىرى بار ــ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.
■3:19 قان. 5:5؛ يـۇھ. 1:17؛ 15:22؛ روس. 7:38،53؛ رىم. 4:15؛ 5:20؛ 7:8.
□3:20 «ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر» ــ بۇ ئايەتكە بېرىلگەن بىرنەچچە شەرھ بار. مەنىسى بەلكىم: «ئىككى ئادەم كېلىشىم تۈزگەندە، بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. لېكىن، خۇدا ئۆز ئەھدىسىنى ئىبراھىمغا بەرگەندە، ئۇنى ۋاسىتىچىسىز بەرگەن، ئۇ ساپ خۇدانىڭ قولىدىن كەلگەن؛ شۇڭا بۇ ئەھدە بەرىبىر تەۋرات قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇمۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.
■3:22 رىم. 3:9؛ 11:32.
□3:24 «بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ،..» ــ «تەربىيىلىگۈچى» گرېك تىلىدا «پېداگوگ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■3:24 مات. 5:17؛ روس. 13:38؛ رىم. 10:4.
□3:26 «... چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار» ــ بۇ مۇھىم 23-26-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، يۇقىرىقى 19:3-ئايەت ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى كۆرۈڭ.
■3:26 يەش. 56:5؛ يـۇھ. 1:12؛ رىم. 8:15؛ گال. 4:5.
□3:27 «چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار» ــ دېمەك، مەسىھگە ئېتىقاد قىلىپ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا باغلانغان بولساق، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئىگىلەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن «مەسىھگە مەنسۇپ ئادەم» بىزنىڭ ئاساسىي سالاھىيىتىمىز بولىدۇ.
■3:27 رىم. 6:3.
□3:28 «مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ... ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر» ــ «گرېك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە «يەھۇدىي ئەمەس»، «يات ئەللەكلەر»نى بىلدۈرۈلىدۇ.
■3:28 يـۇھ. 17:21.
■3:29 يار. 21:12؛ رىم. 9:7؛ ئىبر. 11:18.