11
«بابىل مۇنارى ۋەقەسى» ــ خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ تىلىنى پارچىلىۋېتىشى
ئۇ زاماندا پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ھەم سۆز بىرخىل ئىدى.«پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ... بىرخىل ئىدى» ــ بۇ تىل قايسى تىل بولۇشى كېرەك؟ بىز ئۇنى ئىبرانىي تىلى، دەپ قارايمىز. سەۋەبى: (1) «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»دا ئۇچرايدىغان، «بابىل مۇنارى» ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى بارلىق نام-ئىسىملار ئىبرانىي تىلىدىكى نام-ئىسىملار ئىدى؛ (2) «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 1-11 بابلاردىكى كۆپ ئايەتلەردە «سۆز ئويۇنى» ئىشلىتىلگەنلىكى بىزگە مەلۇم (مەسىلەن، 32:2، 9:11 ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ئەگەر شۇ زاماندىكى تىل ئىبرانىي تىلى بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»دا شۇنداق «سۆز ئويۇنى»نىڭ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولمايتتى. لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.يار. 10‏:10. ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى. ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى.« ئۈچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى» ــ ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەقسىتى بىر خىل مەغرۇرلۇقنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇنار ئارقىلىق ئاسماندىكى روھلار (جىن-شەيتانلار) بىلەن ئالاقە قىلىش («ئەف.» 2:2)، پالچىلىق قىلىش مەقسىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئۇ مۇنار خۇدانىڭ يولىغا قارىمۇقارشى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆزلىرىنى تارىلىپ كېتىشتىن ساقلاش تەدبىرى خۇدانىڭ ئادەملەرگە: «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار» (9:1) دېگەن ئەمرىگە خىلاپ ئىدى.  قان. 1‏:28
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرى بىنا قىلىۋاتقان شەھەر بىلەن مۇنارنى كۆرگىلى چۈشتى. پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى باشقا-باشقا قىلىپ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى.
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى.قان. 32‏:8؛ روس. 17‏:26 شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى «بابىل» دەپ ئاتالدى؛ چۈنكى ئۇ يەردە پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى.«بابىل» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ «خۇدانىڭ دەرۋازىسى» ۋە «قالايمىقانچىلىق»؛ شۈبھىسىزكى، شەھەرنى قۇرغۇچىلار «مۇشۇ شەھەر بىلەن ئاسمانلارغا يېتىمىز» دېگەن مەقسەتتە شەھەرگە «خۇدانىڭ دەرۋازىسى» دېگەن مەنىلىك نامنى قويغان؛ لېكىن كېيىن «بابىل» دېگەن سۆزنىڭ «قالايمىقانچىلىق» دېگەن ئىككىنچى مەنىسى شۇ شەھەرگە دەل مۇناسىپ كەلدى. «پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى» ــ بۇ ۋەقە 10-بابتىكى يەتمىش ئەل-قوۋمنىڭ قايسى يول بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەكتلەنلىكىنى، شۇنداقلا نىمرودنىڭ بابىل شەھىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى باركى، بابىلدىكىلەر كېيىنكى دەۋرلەردە چوقۇنغان ئىلاھ «ماردۇك» ياكى «مەروداك» ئەسلىدە نىمرودنىڭ ئۆزى ئىدى.
 
شەمنىڭ نەسەبنامىسى
1تار. 1‏:1-27
10 تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى.«تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ » ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ بەشىنچى «تولىدوتى» («تارىخى»)، يەنى «شەمنىڭ تولىدوتى» («شەمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:11-26:11) باشلىنىدۇ.  يار. 10‏:22-31؛ 1تار. 1‏:17. 11 ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
12 ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى. 13 شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
14 شېلاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى. 15 ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن شېلاھ تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
16 ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى. 17 پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېبەر تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
18 پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن رەئۇ تۆرەلدى.1تار. 1‏:25 19 رەئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن پەلەگ ئىككى يۈز توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
20 رەئۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن سېرۇگ تۆرەلدى. 21 سېرۇگ تۇغۇلغاندىن كېيىن رەئۇ ئىككى يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
22 سېرۇگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى. 23 ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن سېرۇگ ئىككى يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
24 ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى. 25 تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھور بىر يۈز ئون توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
26 تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى.
 
تەراھنىڭ نەسەبنامىسى
27 تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.«تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ » ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئالتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «تەراھنىڭ تولىدوتى» («تەراھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (27:11-11:25) باشلىنىدۇ.  يە. 24‏:2؛ 1تار. 1‏:26. 28 لېكىن ھاران تۇغۇلغان يۇرتى بولغان، كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھنىڭ ئالدىدا، تەراھتىن ئىلگىرى ئۆلدى.«كالدىيلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كاسدىيلار». 29 ئابرام بىلەن ناھور ئىككىسى ئۆيلەندى. ئابرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ساراي، ناھورنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىلكاھ ئىدى؛ مىلكاھ ھاراننىڭ قىزى ئىدى؛ ھاران بولسا مىلكاھ ۋە ئىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.يار. 22‏:20. 30 لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى.يار. 16‏:1، 2؛ 18‏:11، 12.
31 تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.«قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى» ــ خەرىتە بېتىنى كۆرۈڭ.  يە. 24‏:2؛ نەھ. 9‏:7؛ روس. 7‏:4. 32 تەراھنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئىككى يۈز بەش يىل بولۇپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. «ئىبراھىمنىڭ سەپىرى» ــ مۇناسىۋەتلىك خەرىتىنى كۆرۈڭ.
 
 

11:1 «پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ... بىرخىل ئىدى» ــ بۇ تىل قايسى تىل بولۇشى كېرەك؟ بىز ئۇنى ئىبرانىي تىلى، دەپ قارايمىز. سەۋەبى: (1) «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»دا ئۇچرايدىغان، «بابىل مۇنارى» ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى بارلىق نام-ئىسىملار ئىبرانىي تىلىدىكى نام-ئىسىملار ئىدى؛ (2) «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 1-11 بابلاردىكى كۆپ ئايەتلەردە «سۆز ئويۇنى» ئىشلىتىلگەنلىكى بىزگە مەلۇم (مەسىلەن، 32:2، 9:11 ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ئەگەر شۇ زاماندىكى تىل ئىبرانىي تىلى بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»دا شۇنداق «سۆز ئويۇنى»نىڭ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولمايتتى.

11:2 يار. 10‏:10.

11:4 « ئۈچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى» ــ ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەقسىتى بىر خىل مەغرۇرلۇقنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇنار ئارقىلىق ئاسماندىكى روھلار (جىن-شەيتانلار) بىلەن ئالاقە قىلىش («ئەف.» 2:2)، پالچىلىق قىلىش مەقسىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئۇ مۇنار خۇدانىڭ يولىغا قارىمۇقارشى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆزلىرىنى تارىلىپ كېتىشتىن ساقلاش تەدبىرى خۇدانىڭ ئادەملەرگە: «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار» (9:1) دېگەن ئەمرىگە خىلاپ ئىدى.

11:4 قان. 1‏:28

11:8 قان. 32‏:8؛ روس. 17‏:26

11:9 «بابىل» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ «خۇدانىڭ دەرۋازىسى» ۋە «قالايمىقانچىلىق»؛ شۈبھىسىزكى، شەھەرنى قۇرغۇچىلار «مۇشۇ شەھەر بىلەن ئاسمانلارغا يېتىمىز» دېگەن مەقسەتتە شەھەرگە «خۇدانىڭ دەرۋازىسى» دېگەن مەنىلىك نامنى قويغان؛ لېكىن كېيىن «بابىل» دېگەن سۆزنىڭ «قالايمىقانچىلىق» دېگەن ئىككىنچى مەنىسى شۇ شەھەرگە دەل مۇناسىپ كەلدى. «پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى» ــ بۇ ۋەقە 10-بابتىكى يەتمىش ئەل-قوۋمنىڭ قايسى يول بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەكتلەنلىكىنى، شۇنداقلا نىمرودنىڭ بابىل شەھىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى باركى، بابىلدىكىلەر كېيىنكى دەۋرلەردە چوقۇنغان ئىلاھ «ماردۇك» ياكى «مەروداك» ئەسلىدە نىمرودنىڭ ئۆزى ئىدى.

11:10 «تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ » ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ بەشىنچى «تولىدوتى» («تارىخى»)، يەنى «شەمنىڭ تولىدوتى» («شەمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:11-26:11) باشلىنىدۇ.

11:10 يار. 10‏:22-31؛ 1تار. 1‏:17.

11:18 1تار. 1‏:25

11:27 «تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ » ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئالتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «تەراھنىڭ تولىدوتى» («تەراھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (27:11-11:25) باشلىنىدۇ.

11:27 يە. 24‏:2؛ 1تار. 1‏:26.

11:28 «كالدىيلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كاسدىيلار».

11:29 يار. 22‏:20.

11:30 يار. 16‏:1، 2؛ 18‏:11، 12.

11:31 «قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى» ــ خەرىتە بېتىنى كۆرۈڭ.

11:31 يە. 24‏:2؛ نەھ. 9‏:7؛ روس. 7‏:4.

11:32 «ئىبراھىمنىڭ سەپىرى» ــ مۇناسىۋەتلىك خەرىتىنى كۆرۈڭ.