49
ياقۇپنىڭ ۋەسىيىتى ــ ئوغۇللىرىغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەتلىرى ۋە بەرگەن بېشارەتلىرى
ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھەممىڭلار جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ
يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛
ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار.
ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن،
كۈچ-قۇدرىتىمسەن،
كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن،
سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ،يار. 29‏:32؛ قان. 21‏:17؛ زەب. 78‏:51.
لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك،
ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛
سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ،
شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ!
ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!«ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!» ــ رۇبەننىڭ ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىللە ياتقىنىنى كۆرسىتىدۇ (22:35).
ياقۇپنىڭ بۇ ئۇلۇغ بېشارەتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تەپسىلىيرەك توختىلىمىز.
  يار. 35‏:22؛ 1تار. 5‏:1.
شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛
ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر! «ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر!» ــ 25:34-31-نى كۆرۈڭ.
ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن!
ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي!
چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ،
ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى.يار. 34‏:25.
ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن!
غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن!
مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن،
ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن.«تارقىتىۋېتىمەن،... چېچىۋېتىمەن» ــ ياقۇپ پەيغەمبەر بولغاچقا ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزلىرى خۇدانىڭ سۆزىگە باراۋەر بولىدۇ. بۇ سۆزنى خۇدا ئۆزى ياقۇپنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان بولسا كېرەك.  يە. 19‏:1؛ 21‏:3-45.
ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر،
قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار.
ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار،«سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «يەھۇدا» دېگەننىڭ مەنىسى «تەرىپلەش» ياكى «مەدھىيە»دۇر (35:29نى كۆرۈڭ).
يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛
ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛
ئۇ شىردەك ئوۋنىڭ يېنىدا چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا،
ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا،
كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟«سەن ئوۋ تۇتۇپلا چىقتىڭ» ــ بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، يەھۇدانىڭ كەلگۈسىدە تولۇق غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شىردەك چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا» دېگەن سۆزلەرگە «ئوۋنىڭ يېنىدا» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ كىرگۈزدۇق؛ چۈنكى بىزنىڭچە بۇ جۈملە ئالدىنقى جۈملە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. دېمەك، يەھۇدا غەلىبە قىلىپلا قالماي، بەلكى غەلىبىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىمالال ھۇزۇرلىنىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. يەھۇدا مەسىھنىڭ ئەجدادى بولغاچقا، مۇشۇ سۆزلەر مەسىھنىڭ ئۆزى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىناۋەتلىك بولۇشى كېرەك.
«ئۇ شىردەك ئوۋنىڭ يېنىدا چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا،...» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ شىردەك ياكى چىشى شىردەك ماراشقا يېتىۋالسا،...».
  چۆل. 24‏:9؛ مىك. 5‏:7.
10 شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ،
يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ،
تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛
كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.«يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھۇدانىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن» ــ دېمەك، ئۇنىڭ نەسلىدىن، پۇشتىدىن. «قانۇن چىقارغۇچى» ــ ياكى «ئىدارە قىلغۇچىنىڭ تۇتقان تايىقى». «شۇ ھوقۇق ئىگىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شىلوھ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ بېشارەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.  مات. 2‏:6.
11 ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا،
ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار.
ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ،
تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار.«شارابتا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈزۈم قېنىدا». «ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار، ... لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار» ــ دېمەك، يەھۇدا قەبىلىسى شۇنچە باي بولىدۇكى، تەخەينى ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلىغا باغلايدۇ، تەخەينىڭ ئۇنى تارتىپ يۇلۇۋېتىشىدىن ياكى ئۇنى يەپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ ۋە خالىسا كىيىمىنى يۇغاندا سۇنىڭ ئورنىدا شاراب ئىشلىتىدۇ.
12 ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر،
چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار.«قىزىرىپ كېتەر» ــ ياكى «نۇرلىنار».
13 زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار،
ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار،
يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار.يە. 19‏:11،10.
14 ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر،
ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛
15 ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ،
زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ،
يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ،
ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار.«ئارامگاھ» ــ بەلكىم خۇدا ئۆزىگە ۋەدە قىلغان مىراس زېمىنىنىڭ ياخشى بىر قىسمىنى كۆرسەتسە كېرەك.
16 دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار،
ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار.«دان» ــ بۇ نامنىڭ مەنىسى «ھۆكۈم» ياكى «ھۆكۈم چىقارغۇچى» ياكى «سوتچى».
17 دان يول ئۈستىدىكى يىلان،
چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر.
ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ،
ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار.
18 ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم!
 
19 گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛
لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر.«گاد» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گاد»نىڭ مەنىسى «قوشۇن» ياكى «ھۇجۇم».
20 ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار،
ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر.«ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار» ــ ياكى «ئاشىرنىڭ يېرىدىن مول ئاشلىق چىقار».
21 نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار،
ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر.
22 يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر،
بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛
ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر.«دەرەخنىڭ شېخى» ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردە «مېۋىلىك دەرەخنىڭ بالىسى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىككى جۈملە ئىچىدىكى «مېۋىلىك» دېگەن سۆز «ئەفرائىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى «ئەفرائىم» دېگەننىڭ مەنىسى «ئىككى ھەسسە مېۋىلىك». «ئۇنىڭ شاخچىلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ قىزلىرى».  1تار. 5‏:1.
23 يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ،
ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى.يار. 50‏:20.
24 ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار،
قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار،
شۇ كۈچ ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ
(ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!)«ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!» ــ دېمەك، «ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى»، «ئۇنىڭ ھەقىقىي پادىچىسى»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ خۇدانىڭ ئۆزىدىن چىقىسۇ.
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «(يەنى ئىسرائىلنىڭ قورام تېشىدىن، ئۇنىڭ پادىچىسىدىندۇر)».
25 ئاشۇ كۈچ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!)
يەنى ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر!
يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن،
تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن،
ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر!«ھەممىگە قادىر» ــ خۇدانىڭ بىر نامىدۇر.
26 سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى،
ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر،
ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر،
يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر.«ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغلارنىڭ بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى». «ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ...» ــ ياكى «ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ئەمىر بولغۇچىنىڭ...».  قان. 33‏:16
27 بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛
ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر،
كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى.
28 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى.
 
ياقۇپنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئاخىرقى ۋەسىيىتى
29 ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ 30 ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.يار. 23‏:16،9. 31 شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم.يار. 25‏:9؛ 35‏:29؛ روس. 7‏:16. 32 بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى».
33 ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى.روس. 7‏:15.
 
 

49:3 يار. 29‏:32؛ قان. 21‏:17؛ زەب. 78‏:51.

49:4 «ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!» ــ رۇبەننىڭ ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىللە ياتقىنىنى كۆرسىتىدۇ (22:35). ياقۇپنىڭ بۇ ئۇلۇغ بېشارەتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تەپسىلىيرەك توختىلىمىز.

49:4 يار. 35‏:22؛ 1تار. 5‏:1.

49:5 «ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر!» ــ 25:34-31-نى كۆرۈڭ.

49:6 يار. 34‏:25.

49:7 «تارقىتىۋېتىمەن،... چېچىۋېتىمەن» ــ ياقۇپ پەيغەمبەر بولغاچقا ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزلىرى خۇدانىڭ سۆزىگە باراۋەر بولىدۇ. بۇ سۆزنى خۇدا ئۆزى ياقۇپنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان بولسا كېرەك.

49:7 يە. 19‏:1؛ 21‏:3-45.

49:8 «سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «يەھۇدا» دېگەننىڭ مەنىسى «تەرىپلەش» ياكى «مەدھىيە»دۇر (35:29نى كۆرۈڭ).

49:9 «سەن ئوۋ تۇتۇپلا چىقتىڭ» ــ بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، يەھۇدانىڭ كەلگۈسىدە تولۇق غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شىردەك چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا» دېگەن سۆزلەرگە «ئوۋنىڭ يېنىدا» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ كىرگۈزدۇق؛ چۈنكى بىزنىڭچە بۇ جۈملە ئالدىنقى جۈملە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. دېمەك، يەھۇدا غەلىبە قىلىپلا قالماي، بەلكى غەلىبىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىمالال ھۇزۇرلىنىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. يەھۇدا مەسىھنىڭ ئەجدادى بولغاچقا، مۇشۇ سۆزلەر مەسىھنىڭ ئۆزى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىناۋەتلىك بولۇشى كېرەك. «ئۇ شىردەك ئوۋنىڭ يېنىدا چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا،...» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ شىردەك ياكى چىشى شىردەك ماراشقا يېتىۋالسا،...».

49:9 چۆل. 24‏:9؛ مىك. 5‏:7.

49:10 «يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھۇدانىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن» ــ دېمەك، ئۇنىڭ نەسلىدىن، پۇشتىدىن. «قانۇن چىقارغۇچى» ــ ياكى «ئىدارە قىلغۇچىنىڭ تۇتقان تايىقى». «شۇ ھوقۇق ئىگىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شىلوھ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ بېشارەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

49:10 مات. 2‏:6.

49:11 «شارابتا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈزۈم قېنىدا». «ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار، ... لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار» ــ دېمەك، يەھۇدا قەبىلىسى شۇنچە باي بولىدۇكى، تەخەينى ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلىغا باغلايدۇ، تەخەينىڭ ئۇنى تارتىپ يۇلۇۋېتىشىدىن ياكى ئۇنى يەپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ ۋە خالىسا كىيىمىنى يۇغاندا سۇنىڭ ئورنىدا شاراب ئىشلىتىدۇ.

49:12 «قىزىرىپ كېتەر» ــ ياكى «نۇرلىنار».

49:13 يە. 19‏:11،10.

49:15 «ئارامگاھ» ــ بەلكىم خۇدا ئۆزىگە ۋەدە قىلغان مىراس زېمىنىنىڭ ياخشى بىر قىسمىنى كۆرسەتسە كېرەك.

49:16 «دان» ــ بۇ نامنىڭ مەنىسى «ھۆكۈم» ياكى «ھۆكۈم چىقارغۇچى» ياكى «سوتچى».

49:19 «گاد» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گاد»نىڭ مەنىسى «قوشۇن» ياكى «ھۇجۇم».

49:20 «ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار» ــ ياكى «ئاشىرنىڭ يېرىدىن مول ئاشلىق چىقار».

49:22 «دەرەخنىڭ شېخى» ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردە «مېۋىلىك دەرەخنىڭ بالىسى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىككى جۈملە ئىچىدىكى «مېۋىلىك» دېگەن سۆز «ئەفرائىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى «ئەفرائىم» دېگەننىڭ مەنىسى «ئىككى ھەسسە مېۋىلىك». «ئۇنىڭ شاخچىلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ قىزلىرى».

49:22 1تار. 5‏:1.

49:23 يار. 50‏:20.

49:24 «ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!» ــ دېمەك، «ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى»، «ئۇنىڭ ھەقىقىي پادىچىسى»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ خۇدانىڭ ئۆزىدىن چىقىسۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «(يەنى ئىسرائىلنىڭ قورام تېشىدىن، ئۇنىڭ پادىچىسىدىندۇر)».

49:25 «ھەممىگە قادىر» ــ خۇدانىڭ بىر نامىدۇر.

49:26 «ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغلارنىڭ بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى». «ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ...» ــ ياكى «ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ئەمىر بولغۇچىنىڭ...».

49:26 قان. 33‏:16

49:30 يار. 23‏:16،9.

49:31 يار. 25‏:9؛ 35‏:29؛ روس. 7‏:16.

49:33 روس. 7‏:15.