50
ياقۇپنىڭ دەپنە قىلىنىشى
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى.«مۇمىيا قىلىش» ــ ئادەمنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. مىسىردا ئالاھىدە مۇمىيا قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بار ئىدى؛ لېكىن ئۇ كىشىلەر مۇمىيا قىلغاندا كۆپ بۇتپەرەسلىك مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزەتتى، شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئىشلەتمەي، بەلكى ئۆز تېۋىپلىرىنى شۇ ئىشقا بۇيرۇدى. بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.
4‏-5 ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى.يار. 47‏:29.
پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى.
10 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى. 11 شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر.«ئابەل-مىزرائىم» ــ مەنىسى: «مىسىرلىقلارنىڭ ماتىمى» ۋە «مىسىرلىقلارنىڭ ئېتىزلىقى» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە» ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە.
12 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛ 13 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى.يار. 23‏:16؛ روس. 7‏:16،15. 14 يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى.
 
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى
15 لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى.
16 ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ 17 «سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى.
18 ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى.
19 لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟يار. 45‏:5. 20 سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى. 21 شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى.
 
يۈسۈپنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى
22 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. 23 بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.«ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى» ــ دېگەن ئىبارە بەلكىم: (1) يۈسۈپ مۇشۇ چەۋرىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىدەك قارايتتى؛ (2) مۇشۇ چەۋرىلىرى يۈسۈپنىڭ بىۋاسىتە مىراسخورى قىلىندى.  چۆل. 32‏:39. 24 يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.«خۇدانىڭ يوقلىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بۇ پېئىل خۇدا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئىبر. 11‏:22.
25 ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى.«يوقلاش» ــ توغرۇلۇق 24-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.  مىس. 13‏:19؛ يە. 24‏:32.
26 يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى.

50:2 «مۇمىيا قىلىش» ــ ئادەمنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. مىسىردا ئالاھىدە مۇمىيا قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بار ئىدى؛ لېكىن ئۇ كىشىلەر مۇمىيا قىلغاندا كۆپ بۇتپەرەسلىك مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزەتتى، شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئىشلەتمەي، بەلكى ئۆز تېۋىپلىرىنى شۇ ئىشقا بۇيرۇدى.

50:4‏-5 يار. 47‏:29.

50:11 «ئابەل-مىزرائىم» ــ مەنىسى: «مىسىرلىقلارنىڭ ماتىمى» ۋە «مىسىرلىقلارنىڭ ئېتىزلىقى» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە» ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە.

50:13 يار. 23‏:16؛ روس. 7‏:16،15.

50:19 يار. 45‏:5.

50:23 «ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى» ــ دېگەن ئىبارە بەلكىم: (1) يۈسۈپ مۇشۇ چەۋرىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىدەك قارايتتى؛ (2) مۇشۇ چەۋرىلىرى يۈسۈپنىڭ بىۋاسىتە مىراسخورى قىلىندى.

50:23 چۆل. 32‏:39.

50:24 «خۇدانىڭ يوقلىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بۇ پېئىل خۇدا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

50:24 ئىبر. 11‏:22.

50:25 «يوقلاش» ــ توغرۇلۇق 24-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

50:25 مىس. 13‏:19؛ يە. 24‏:32.