◘6:1 2پاد. 15:7
◼6:2 «سارافلار» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «كۆيگۈچىلەر» «كۆيۈۋاتقانلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئىبرانىي تىلىدىكى مۇشۇ كۆپلۈك ئىسىم بولسا «ئۈچ ياكى ئۈچتىن كۆپ»نى بىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار بىرخىل پەرىشتىدۇر. ئۇلار ئاز دېگەندە ئۈچ بولىدۇ، بىراق زادى قانچىسى بارلىقىنى بىلمەيمىز.
◘6:2 ۋەھ. 8:4؛ ئىبر. 6:1؛ 1تىم. 16:3
◼6:3 «... مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۈپەت ئىككى قېتىم تەكرالانسا، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا مەلۇم بىر سۈپەتنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى پەقەت مۇشۇ يەردىلا تېپىلىدۇ؛ خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەسلىكى، شۈبھىسىزكى، «مۇكەممەل، ئىنسان تەسسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجە»دە بولغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
◘6:3 يەش. 9:11؛ ۋەھ. 8:4؛ چۆل. 21:14؛ زەب. 8؛1، 9؛ ھاب. 14:2
◼6:5 «مەن تۈگەشتىم!» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ ۋە «مەن پارچە-پارچە قىلىندىم!» ھەم «مەن سۈكۈتتە تۇرغۇزۇلدۇم» دېگەننىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
◼6:7 «گۇناھىڭ كەفارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ «كەفارەت» توغرۇلۇق «مىس.» 17:25 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
◘6:7 يەر. 1:9؛ دان. 10:16
◼6:8 «مېنى ئەۋەتكەيسەن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا تەكىتلىگىنى: «ئەۋەتكەيسەن!»
◘6:9 مات. 13:14؛ مار. 4:12؛ لۇقا 8:10؛ يـۇھ. 12:40؛ روس. 28:26؛ رىم. 11:8
◼6:10 «مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن» ــ «يۈرىكى تاش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا «يۈرىكى مايلىق» دەپ ئېلىنغان. «كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، ... يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى» ــ مۇشۇ قورقۇنچلۇق سۆزلەرگە قارىغاندا، يەشايا مەزكۇر كىتابتىكى بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى شۇنداق ئېچىنىشلىق بولىدۇكى، ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز گۇناھلىرىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ھالاك بولۇش يولىنى تاللايدىغان بولىدۇ.
◘6:10 يەر. 5:21
◼6:11 «زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە،...» ــ «زېمىن» ئىسرائىل تۇرۇۋاتقان زېمىننى كۆرسىتىدۇ.
◼6:13 «مۇقەددەس نەسىل» ــ خۇداغا سادىق بولغان، يۇقىرىدا دېيىلگەن «قالدى»، يەنى خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىنى، خۇداغا سادىق بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.