21
قانائنىيلارنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى
جەنۇبتا تۇرۇشلۇق ئاراد مەملىكىتىنىڭ قانائانىيلاردىن بولغان پادىشاھى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئاتارىم يولى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، نەچچەيلەننى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى.«جەنۇبتا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەگەۋدە». نەگەۋ بولسا پەلەستىن زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى چوڭ چۆللۈك يەردۇر. ئاندىن ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا پۈتۈنلەي تاپشۇرىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايمىز» — دېدى. پەرۋەردىگار ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، قانائانلىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانائانىيلارنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شۇ يەرنى «خورماھ» دەپ ئاتىدى.«خورماھ» ــ دېگەننىڭ مەنىسى «ۋەيرانە».
 
زەھەرلىك يىلانلار بىلەن مىس يىلان
ئۇلار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ، ئېدوم زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قىزىل دېڭىز بويىدىكى يولنى بويلاپ ماڭدى؛ خەلق مۇشۇ يول سەۋەبىدىن كۆڭلىدە تولىمۇ تاقەتسىز بولۇپ، خۇداغا ۋە مۇساغا قارشى چىقىپ: — سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى چۆل-جەزىرىدە ئۆلسۇن دەپ مىسىر زېمىنىدىن باشلاپ چىققانسىلەر؟ بۇ يەردە يا ئاشلىق، يا سۇ يوق، كۆڭلىمىز بۇ ئەرزىمەس نانلاردىن بىزار بولدى، دېيىشتى.«ئەرزىمەس نانلار» — بۇ سۆز خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى چۈشۈرىدىغان «ماننا»نى كۆرسىتىدۇ. «مىس.» 13:16-36نى كۆرۈڭ. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى؛ يىلانلار ئۇلارنى چاقتى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائ‍ىللاردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.«زەھەرلىك يىلانلار» — ئىبرانىي تىلىدا «ئوت يىلانلار».  1كور. 10‏:9 خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز ئاغزىمىزنى بۇزۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەم ساڭا ھۇجۇم قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ گۇناھ قىلدۇق؛ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلساڭ، ئۇ بۇ يىلانلارنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەي، — دېۋىدى، مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: —
سەن بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ شەكلىنى ياساپ خادىغا ئېسىپ قويغىن؛ يىلان چېقىۋالغان ھەربىرى ئۇنىڭغا قارىسىلا قايتا ھاياتقا ئېرىشىدۇ، — دېدى.يـۇھ. 3‏:14 مۇسا مىستىن بىر يىلان ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويدى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يىلان بىركىمنى چېقىۋالغان بولسا، ئۇ بۇ مىس يىلانغا قارىسىلا، ئۇلار ھايات قالدى.«مىستىن بىر يىلان... ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويغىن» — بۇ ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «يۇھ.» 14:3-15نى كۆرۈڭ.  2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:14
 
ئوبوتتىن پىسگاھغىچە مېڭىش
10 ئىسرائ‍ىللار يەنە يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى.چۆل. 33‏:43 11 يەنە ئوبوتتىن يولغا چىقىپ، موئاب زېمىنىنىڭ ئۇدۇلىدا كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئىيە-ئىبارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 12 ئۇلار يەنە ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ زەرەد جىلغىسىدا چېدىر تىكتى. 13 يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېتىدىن چىقىپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ، ئېقىپ تۇرغان ئارنون دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا چېدىر تىكتى ‹چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابىيلارنىڭ چېگرىسى بولۇپ، موئابىيلار بىلەن ئامورىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. ھاك. 11‏:18 14‏-15 شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: —
«سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى،
ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى،
ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ،
موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›.«تەرجىمە» — بۇ قەدىمكى شېئىرنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. بۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇنى نەقىل كەلتۈرۈشىنىڭ مەقسىتى، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگار قەدىمدىن تارتىپ موئاب ئۈچۈن بېكىتكەن چېگرانىڭ ئارنون دەرياسى بىلەن ئار شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.
16 ئىسرائ‍ىللار يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ بەئەرگە كەلدى؛ «بەئەر» قۇدۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنى يىغ، مەن ئۇلارغا ئىچىدىغان سۇ بېرەي» دېگەندە شۇ قۇدۇقنى كۆزدە تۇتقان. 17 شۇ چاغدا ئىسرائ‍ىللار مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىشقان: —
«ئاھ قۇدۇق، چىقسۇن سۈيۈڭ بۇلدۇقلاپ،
ناخشا ئېيتىڭلار، قۇدۇققا بېغىشلاپ:
18 بۇ قۇدۇقنى ئەمىرلەر،
خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان،
قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن،
ھاسىلىرى بىلەن قازغان».
ئىسرائ‍ىللار چۆل-باياۋاندىن يەنە ماتتاناھقا،«قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «تاياقلىرى بىلەن». «خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، ... ھاسىلىرى بىلەن قازغان» ــ بۇ ئىشنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكى باركى، پەقەت ئاددىي پۇخرالارلا ئەمەس، خەلقنىڭ كاتتىلىرىمۇ ئەمگەك قىلىپ قۇدۇق كولاشتى. 19 ماتتاناھتىن ناھالىيەلگە، ناھالىيەلدىن باموتقا، 20 باموتتىن موئاب دالاسىدىكى جىلغىغا، يەنە چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراپ تۇرغان پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا يېتىپ باردى.
 
ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن باشان پادىشاھىنى يەڭگەنلىكى
21 ئىسرائ‍ىللار ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ:«ئىزاھات» ــ «قان.» 26:2-11:3نىمۇ كۆرۈڭ.  قان. 2‏:26؛ ھاك. 11‏:19 22 — بىزنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزگە ئىجازەت بەرگەيلا؛ بىز سىلىنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىغا كىرمەيمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ تەۋەلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە «خان يولى»دىن چىقمايمىز، — دېدى.چۆل. 20‏:17 23 سىھون ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز چېگرىسىدىن ئۆتكىلى قويمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ ئىسرائ‍ىللار بىلەن سوقۇشىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بارلىق خەلقىنى يىغىپ چۆلگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ ياھازغا كېلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى.قان. 2‏:30؛ 29‏:7؛ يە. 24‏:8؛ ھاك. 11‏:20 24 ئىسرائ‍ىللار ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئارنون دەرياسىدىن ياببوك دەرياسىغىچە، يەنى ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى؛ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا بەك مۇستەھكەم ئىدى.«ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى يائازەر ئىدى» (32-ئايەتنى كۆرۈڭ).  قان. 2‏:37،33؛ 29‏:7؛ يە. 12‏:2؛ 24‏:8؛ ھاك. 11‏:2؛ زەب. 135‏:10-12؛ 136‏:19-21؛ ئام. 2‏:9 25 ئىسرائ‍ىللار بۇ يەردىكى ھەممە شەھەرنى ئىگىلىدى ھەم ئامورىيلارنىڭ شەھەرلىرىگە، يەنى ھەشبونغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق يېزا-قىشلاقلارغىمۇ كىرىپ ئورۇنلاشتى.قان. 2‏:34، 35 26 چۈنكى ھەشبون ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ئىدى؛ سىھون ئەسلىدە موئابنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان ھەممە زېمىنىنى تارتىۋالغانىدى. 27 شۇ سەۋەبتىن شائىرلار: —
«ھەشبونغا كېلىڭلار!
مانا سىھوننىڭ شەھىرى يېڭىۋاشتىن قۇرۇلسۇن،
سىھوننىڭ شەھىرى مەھكەم قىلىنسۇن.
28 چۈنكى ھەشبوننىڭ ئۆزىدىن چىقتى بىر ئوت،
سىھوننىڭ شەھىرىدىن بىر يالقۇن يالقۇنلاپ،
يۇتۇۋەتتى موئابتىكى ئار شەھىرىنى،
ئارنوندىكى ئېگىز جايلارنىڭ ئەمىرلىرىنى.يەش. 48‏:45
29 ۋاي ساڭا ئەي موئاب!
ھەي كېموشنىڭ ئۈممىتى، تۈگەشتىڭلار!
چۈنكى كېموش ئۆز ئوغۇللىرىنى قاچقۇنغا ئايلاندۇردى،
قىزلىرىنى ئەسىرلىككە بېرىپ، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا تۇتۇپ بەردى!«كېموش» ــ كېموش موئاب چوقۇنغان بۇت ئىدى. موئابىيلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى («2پاد.» 27:3نى كۆرۈڭ). بۇ تارىخقا قارىغاندا، كېموشنىڭ «ئۆز خەلقىگە» ھېچ پايدىسى بولمىغانىدى!  1پاد. 11‏:7، 33 30 بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق،
ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛
بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى.«بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق» ــ ياكى «بىز ئۇلارغا ئاتتۇق».
31 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامورىيلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتى. 32 مۇسا يائازەرنى چارلاپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار يائازەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئامورىيلارنى يېرىدىن قوغلىۋەتتى. 33 شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائ‍ىللار بۇرۇلۇپ، باشاننىڭ يولىنى بويلاپ ماڭدى؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى چىقىپ ئەدرەيدە ئىسرائ‍ىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ تۈزدى.قان. 3‏:1؛ 29‏:7 34 پەرۋەردىگار مۇساغا: — قورقما، مەن ئۇنى، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ھەم زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ سەن ئۇنى ئىلگىرى ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغاندەك قىلىسەن، — دېدى.زەب. 136‏:20 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ھەم بارلىق خەلقىنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى.زەب. 136‏:20، 21، 22
 
 

21:1 «جەنۇبتا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەگەۋدە». نەگەۋ بولسا پەلەستىن زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى چوڭ چۆللۈك يەردۇر.

21:3 «خورماھ» ــ دېگەننىڭ مەنىسى «ۋەيرانە».

21:5 «ئەرزىمەس نانلار» — بۇ سۆز خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى چۈشۈرىدىغان «ماننا»نى كۆرسىتىدۇ. «مىس.» 13:16-36نى كۆرۈڭ.

21:6 «زەھەرلىك يىلانلار» — ئىبرانىي تىلىدا «ئوت يىلانلار».

21:6 1كور. 10‏:9

21:8 يـۇھ. 3‏:14

21:9 «مىستىن بىر يىلان... ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويغىن» — بۇ ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «يۇھ.» 14:3-15نى كۆرۈڭ.

21:9 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:14

21:10 چۆل. 33‏:43

21:13 ھاك. 11‏:18

21:14‏-15 «تەرجىمە» — بۇ قەدىمكى شېئىرنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. بۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇنى نەقىل كەلتۈرۈشىنىڭ مەقسىتى، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگار قەدىمدىن تارتىپ موئاب ئۈچۈن بېكىتكەن چېگرانىڭ ئارنون دەرياسى بىلەن ئار شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.

21:18 «قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «تاياقلىرى بىلەن». «خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، ... ھاسىلىرى بىلەن قازغان» ــ بۇ ئىشنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكى باركى، پەقەت ئاددىي پۇخرالارلا ئەمەس، خەلقنىڭ كاتتىلىرىمۇ ئەمگەك قىلىپ قۇدۇق كولاشتى.

21:21 «ئىزاھات» ــ «قان.» 26:2-11:3نىمۇ كۆرۈڭ.

21:21 قان. 2‏:26؛ ھاك. 11‏:19

21:22 چۆل. 20‏:17

21:23 قان. 2‏:30؛ 29‏:7؛ يە. 24‏:8؛ ھاك. 11‏:20

21:24 «ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى يائازەر ئىدى» (32-ئايەتنى كۆرۈڭ).

21:24 قان. 2‏:37،33؛ 29‏:7؛ يە. 12‏:2؛ 24‏:8؛ ھاك. 11‏:2؛ زەب. 135‏:10-12؛ 136‏:19-21؛ ئام. 2‏:9

21:25 قان. 2‏:34، 35

21:28 يەش. 48‏:45

21:29 «كېموش» ــ كېموش موئاب چوقۇنغان بۇت ئىدى. موئابىيلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى («2پاد.» 27:3نى كۆرۈڭ). بۇ تارىخقا قارىغاندا، كېموشنىڭ «ئۆز خەلقىگە» ھېچ پايدىسى بولمىغانىدى!

21:29 1پاد. 11‏:7، 33

21:30 «بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق» ــ ياكى «بىز ئۇلارغا ئاتتۇق».

21:33 قان. 3‏:1؛ 29‏:7

21:34 زەب. 136‏:20

21:35 زەب. 136‏:20، 21، 22