37
ھەزەكىيانىڭ دۇئا قىلىشى ــ پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى
2پاد. 19
شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى» ــ ئۇنىڭ (سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان) ئىبادەتخانىسى. ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز يېپىنچاقلىغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ
«ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ
«بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن كۈلپەت چۈشىدىغان، رەسۋا ۋە مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈندۇر. ئۆز خوجىسى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېپ قالغان قالدىلار ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ»» ــ دېدى.
شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى. يەشايا ئۇلارغا: ــ
«خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ
«ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما...» ــ يەشايانىڭ مۇشۇ جاۋاب سۆزلىرىنى (6-7-ئايەتلەرنى) دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، ئۇ ھەزەكىيانىڭ تەلىپى بويىچە دۇئا قىلماي، بەلكى بىۋاسىتە خەۋەرچىلەرگە جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن خەلققە ۋە ھەزەكىياغا ئاسۇرىيە توغرۇلۇق نۇرغۇن بېشارەتلەرنى قىلغان. خۇدا مۇشۇ پەيت-ئەھۋال توغرۇلۇق ئىسرائىلغا ئۇقتۇرغانىدى (مەسىلەن، 10-باب، 5-21-ئايەتلەرنى، 14-باب، 24-25-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). بىراق ھەزەكىيا ۋە ئوردىسىدىكىلەر مۇشۇلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەن كارامەت مۆجىزىلەرنى (كېيىنكى 38-بابنىمۇ كۆرۈڭ) پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ ئۆز زېمىنىدا تۇرغاندا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى.
راب-شاكەھ كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئاسۇرىيە پادىشاھى لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانىدى. ئاندىن پادىشاھ: «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» ــ بۇ ئىش ئەمەلىيەت ئەمەس، ھەمدە شۇ چاغدا مۇمكىن بولمىغانىدى. بىراق خۇدا ئۆزى ئەۋەتكۈزگەن «ئالدامچى روھ»نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرگەن.
10 «سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ
«سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛ 11 مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قانداقمۇ قۇتقۇزۇلىسەن؟ «ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقى ئاڭلىغانسەن» ــ «ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلىش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا، يەنى ««ھارام» قىلىش» ياكى ««ھەرەم» قىلىش» بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 12 ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ؟ تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟ 13 خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». «گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرى.. تېلاسسار... خامات..، ئارپاد ...، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ...» ــ (12-13-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن) مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىزگە بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم.
14 ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى. 15 ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
16 «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ
سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن. «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان... پەرۋەردىگار» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ ئىچكىرى ئۆي، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېگەن ئۆيدە، خۇدانىڭ «رەھىم كۆرسىتىدىغان ئورۇن-تەختى» («كافارەت تەختى») («رەھىمگاھ») بار ئىدى. مۇشۇ ئورۇندا خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئالاھىدە قۇربانلىقلىرىنىڭ قانلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئورۇننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ھەربىرىدە ئالتۇندىن ياسالغان، تەختكە قارىتىلغان بىردىن «كېرۇب» بار ئىدى. مۇسانىڭ دەۋرىدىن ئەزاكىيال پەيغەمبەر دەۋرىگىچە خۇدانىڭ پارلاق شان-شەرىپى سىرلىق ھالدا «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدە، يەنى «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا» تۇراتتى.
كېرۇبلار بولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل پەرىشتىلەر بولۇپ، خۇدانىڭ چىقارغان ھۆكۈم-جازالىرىنى بېجىرىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان» دېگىنى، «سەن بىزگە يېقىنلاشقان ھەم بىزگە رەھىم كۆرسەتمەكچى بولغان خۇداسەن» دېگەنلىكتۇر.
17 ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! 18 ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى ۋە شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار..» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇلارغا ئائىت». بىز شەرھلەش ئۈچۈن «بېقىندى» قوشتۇق. 19 ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى. 20 ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».
 
21 شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ
ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«سەن ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىڭ بىلەن،
22 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ
«پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ،
سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛
يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛
23 سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟
سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ،
نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى! «كۇپۇرلۇق» ــ كىم ئۆزىنى خۇدانىڭ ئورنىدا قويۇپ، «ھەممە ئىشنى قىلالايمەن» دېسە، كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ھامان بىر كۈنى يىقىتىلىدۇ.
24 قۇللىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ: ــ
«مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىلىرىغا،
لىۋان تاغ باغىرلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى،
ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛
مەن ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكىگە يامىشىپ چىقىپ،
ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن. «ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقى» ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈك-باراقسان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «كارمەل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كارمەل بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە چىرايلىق جايى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ «ئۇنىڭ «كارمەل» ئورمانزارلىقىغا كىرىمەن» دېگىنى «ئۇنىڭ (لىۋاننىڭ) ئەڭ چىرايلىق جايىغا (ھېچ توسالغۇسىز) بارىمەن» دېگەندەك پو ئاتىدىغان مەنىنى ئىپادىلەيتتى؛ چۈنكى لىۋاندا «كارمەل» دېگەن جاي يوق.
25 ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچتىم؛
پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم ــ دېدىڭ. «...پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم» ــ يۇقىرىقى 24-ئايەتتە پادىشاھ ئۆزىنىڭ تەس ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، مەسىلەن، لىۋان رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى تاغلارغا چىقالايدىغانلىقىنى (كۆچمە مەنىسى، بەلكىم ئالىيجاناپ، كۈچلۈك پادىشاھلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. مۇشۇ 25-ئايەتتىكى «پۇتۇم... قۇرۇتىۋەتتىم» دېگىنى، دېھقاننىڭ پۇتى بىلەنلا توپىنى ئىتتىرىپ ئېرىقنى توسۇپ، سۇنى قۇرۇتىۋەتكىنىدەك، «مەن خالىساملا ناھايىتى ئاسانلا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن، ھەتتا نىل دەرياسىنىمۇ قۇرۇتىۋېتەلەيمەن» دېگەن مەنمەنلىكنى بىلدۈرمەكچى.
26 ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟
ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى،
قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى،
ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى،
مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛
27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ،
يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛
ئۇلار ئېتىزدىكى ئوتتەك،
يۇمران كۆك چۆپلەردەك،
ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. «ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر...» ــ بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.
28 بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛
29 ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى تۈپەيلىدىن،
مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن،
يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن،
ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن. «مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن...» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى مۇشۇنداق رەھىمسىز يول بىلەن ئەسىرلەرنى يالاپ ماڭاتتى.
30 ئى ھەزەكىيا، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ
مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن،
ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛
ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛
ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر. «ئى ھەزەكىيا، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر» ــ مۇشۇ مۆجىزە ئىشەنچ-ئېتىقادنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەم خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېرىقچىلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ ئاسۇرىيە قوشۇنى كەتكەندىن كېيىنكى يىلىدىمۇ، بەلكىم قوشۇنىدىن قالغان قىسىملىرى يەنىلا پاراكەندىچىلىك قىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مۆجىزە ئۈچىنچى يىلغىچە سوزۇلىدۇ.
«ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر... مېۋىسىنى يەيسىلەر» دېگەن ۋەدە، تىنچلىق مەزگىلنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئۈزۈم تاللىرىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئەلۋەتتە).
كىشىلەرنىڭ ئاسۇرىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز چېكىنىشىنى «تاسادىپىيلىقتىن» دېمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىككىنچى مۆجىزە بېرىلدى. شۇنداقتىمۇ، تەۋراتتىكى «پادىشاھلار» دېگەن قىسىمغا قارىغاندا، خەلقلەر يەنىلا ئىككى مۆجىزىنى تېزلا ئۇنتۇپ خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىۋەردى.
31 يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ،
يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛
32 چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى،
زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ.
33 شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
ئۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ،
نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛
نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ،
نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ.
34 ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا،
شۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
35 ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». 2پاد. 20‏:6
36 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 18-بابنى كۆرۈڭ).   2پاد. 19‏:35 37 شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى. 38 شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. «ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى» ــ مۇشۇ ۋەقە، سەنناخېرىب ئىسرائىلدىن چېكىنىشتىن 20 يىل كېيىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 681-يىلى) بولدى.
 
 

37:1 «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى» ــ ئۇنىڭ (سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان) ئىبادەتخانىسى.

37:6 «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما...» ــ يەشايانىڭ مۇشۇ جاۋاب سۆزلىرىنى (6-7-ئايەتلەرنى) دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، ئۇ ھەزەكىيانىڭ تەلىپى بويىچە دۇئا قىلماي، بەلكى بىۋاسىتە خەۋەرچىلەرگە جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن خەلققە ۋە ھەزەكىياغا ئاسۇرىيە توغرۇلۇق نۇرغۇن بېشارەتلەرنى قىلغان. خۇدا مۇشۇ پەيت-ئەھۋال توغرۇلۇق ئىسرائىلغا ئۇقتۇرغانىدى (مەسىلەن، 10-باب، 5-21-ئايەتلەرنى، 14-باب، 24-25-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). بىراق ھەزەكىيا ۋە ئوردىسىدىكىلەر مۇشۇلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەن كارامەت مۆجىزىلەرنى (كېيىنكى 38-بابنىمۇ كۆرۈڭ) پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

37:9 «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» ــ بۇ ئىش ئەمەلىيەت ئەمەس، ھەمدە شۇ چاغدا مۇمكىن بولمىغانىدى. بىراق خۇدا ئۆزى ئەۋەتكۈزگەن «ئالدامچى روھ»نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرگەن.

37:11 «ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقى ئاڭلىغانسەن» ــ «ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلىش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا، يەنى ««ھارام» قىلىش» ياكى ««ھەرەم» قىلىش» بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.

37:13 «گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرى.. تېلاسسار... خامات..، ئارپاد ...، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ...» ــ (12-13-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن) مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىزگە بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم.

37:16 «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان... پەرۋەردىگار» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ ئىچكىرى ئۆي، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېگەن ئۆيدە، خۇدانىڭ «رەھىم كۆرسىتىدىغان ئورۇن-تەختى» («كافارەت تەختى») («رەھىمگاھ») بار ئىدى. مۇشۇ ئورۇندا خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئالاھىدە قۇربانلىقلىرىنىڭ قانلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئورۇننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ھەربىرىدە ئالتۇندىن ياسالغان، تەختكە قارىتىلغان بىردىن «كېرۇب» بار ئىدى. مۇسانىڭ دەۋرىدىن ئەزاكىيال پەيغەمبەر دەۋرىگىچە خۇدانىڭ پارلاق شان-شەرىپى سىرلىق ھالدا «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدە، يەنى «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا» تۇراتتى. كېرۇبلار بولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل پەرىشتىلەر بولۇپ، خۇدانىڭ چىقارغان ھۆكۈم-جازالىرىنى بېجىرىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان» دېگىنى، «سەن بىزگە يېقىنلاشقان ھەم بىزگە رەھىم كۆرسەتمەكچى بولغان خۇداسەن» دېگەنلىكتۇر.

37:18 «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار..» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇلارغا ئائىت». بىز شەرھلەش ئۈچۈن «بېقىندى» قوشتۇق.

37:23 «كۇپۇرلۇق» ــ كىم ئۆزىنى خۇدانىڭ ئورنىدا قويۇپ، «ھەممە ئىشنى قىلالايمەن» دېسە، كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ھامان بىر كۈنى يىقىتىلىدۇ.

37:24 «ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقى» ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈك-باراقسان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «كارمەل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كارمەل بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە چىرايلىق جايى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ «ئۇنىڭ «كارمەل» ئورمانزارلىقىغا كىرىمەن» دېگىنى «ئۇنىڭ (لىۋاننىڭ) ئەڭ چىرايلىق جايىغا (ھېچ توسالغۇسىز) بارىمەن» دېگەندەك پو ئاتىدىغان مەنىنى ئىپادىلەيتتى؛ چۈنكى لىۋاندا «كارمەل» دېگەن جاي يوق.

37:25 «...پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتۇۋەتتىم» ــ يۇقىرىقى 24-ئايەتتە پادىشاھ ئۆزىنىڭ تەس ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، مەسىلەن، لىۋان رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى تاغلارغا چىقالايدىغانلىقىنى (كۆچمە مەنىسى، بەلكىم ئالىيجاناپ، كۈچلۈك پادىشاھلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. مۇشۇ 25-ئايەتتىكى «پۇتۇم... قۇرۇتىۋەتتىم» دېگىنى، دېھقاننىڭ پۇتى بىلەنلا توپىنى ئىتتىرىپ ئېرىقنى توسۇپ، سۇنى قۇرۇتىۋەتكىنىدەك، «مەن خالىساملا ناھايىتى ئاسانلا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن، ھەتتا نىل دەرياسىنىمۇ قۇرۇتىۋېتەلەيمەن» دېگەن مەنمەنلىكنى بىلدۈرمەكچى.

37:27 «ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر...» ــ بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

37:29 «مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن...» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى مۇشۇنداق رەھىمسىز يول بىلەن ئەسىرلەرنى يالاپ ماڭاتتى.

37:30 «ئى ھەزەكىيا، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر» ــ مۇشۇ مۆجىزە ئىشەنچ-ئېتىقادنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەم خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېرىقچىلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ ئاسۇرىيە قوشۇنى كەتكەندىن كېيىنكى يىلىدىمۇ، بەلكىم قوشۇنىدىن قالغان قىسىملىرى يەنىلا پاراكەندىچىلىك قىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مۆجىزە ئۈچىنچى يىلغىچە سوزۇلىدۇ. «ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر... مېۋىسىنى يەيسىلەر» دېگەن ۋەدە، تىنچلىق مەزگىلنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئۈزۈم تاللىرىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئەلۋەتتە). كىشىلەرنىڭ ئاسۇرىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز چېكىنىشىنى «تاسادىپىيلىقتىن» دېمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىككىنچى مۆجىزە بېرىلدى. شۇنداقتىمۇ، تەۋراتتىكى «پادىشاھلار» دېگەن قىسىمغا قارىغاندا، خەلقلەر يەنىلا ئىككى مۆجىزىنى تېزلا ئۇنتۇپ خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىۋەردى.

37:35 2پاد. 20‏:6

37:36 «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 18-بابنى كۆرۈڭ).

37:36 2پاد. 19‏:35

37:38 «ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى» ــ مۇشۇ ۋەقە، سەنناخېرىب ئىسرائىلدىن چېكىنىشتىن 20 يىل كېيىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 681-يىلى) بولدى.