دېمەك، مۇشۇ ئىككى ۋەقە (ھەزەكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە بېرىلگەن كارامەت مۆجىزە) ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تاجاۋۇزچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 703- ياكى 702-يىلى يۈز بەرگەن (39-بابتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ■2پاد. 20:7-9
□38:1 «شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى» ــ بۇ سۆزلەر بىلەن «يەشايا» دېگەن كىتابنىڭ «ئىككىنچى قىسمى» باشلىنىدۇ. كىرىش سۆزىمىزنى كۆرۈڭ.
□38:5 «ئاتاڭ داۋۇت» ــ ھەزەكىيا داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئون ئۈچىنچى ئەۋلادى ئىدى.
□38:8 «...شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى» ــ مېروداق-بالادان (1:39) ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى غۇلىتىلدى. مۇشۇ ئىشمۇ شۇ يىلدا بولغان بولۇشى كېرەك. دېمەك، مۇشۇ ئىككى ۋەقە (ھەزەكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە بېرىلگەن كارامەت مۆجىزە) ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تاجاۋۇزچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 703- ياكى 702-يىلى يۈز بەرگەن (39-بابتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).
■38:8 2پاد. 20:7-9
□38:11 «ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان» ــ «ياھ» دېگەن «ياھۋەھ» دېگەننىڭ قىسقا شەكلى، دېمەك پەرۋەردىگارنىڭ نامىنىڭ بىرخىل قىسقارتىلىپ ئېيتىلىشى. «ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم» ــ ھەزەكىيا: ــ «تەھتىسارادا بولغاندا، خۇدانى ياكى ئادەمنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن» دېمەكچى ئەمەس؛ تەكىتلەيدىغان ئىش تىرىك تۇرۇپ كۆرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشتۇر. تەھتىسارانىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدىن بىز 14-بابتا ئازراق مەلۇمات ئالالايمىز.
■38:14 يەش. 59:11
□38:20 «بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!» ــ خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان بۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلغىنى بىلەن، ھەزەكىيا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىككى كارامەت ئىشنى (ئۆزىنىڭ ساقايتىلىشى ۋە 7-ئايەتتىكى مۆجىزىنى) ئېسىدە چىڭ ساقلىغان ئەمەس. يۇقىرىقى بابلاردا دېگەندەك، ئاسۇرىيە قوشۇنلىرى بېسىپ كىرگەندە، ئۇ خۇدانىڭ 6-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ، ھودۇقۇپ كەتتى. تۆۋەندىكى 39-بابتىكى ۋەقەدىمۇ ئۇ «قەدەملىرىمنى ساناپ ماڭىمەن» دېگەن ئۆز ۋەدىسىنى ئۇنتۇيدۇ.
■38:21 2پاد. 20:7