2
كانا يېزىسىدىكى توي زىياپىتى
ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.
تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا:
ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى. «ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ» ــ مۇشۇنداق ئىش توي ئىگىسىنى چوڭقۇر خىجالەتكە قويۇپلا قالماي، گاھى ئەھۋاللاردا قىز تەرەپتىكىلەر يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭ ئۈستىدىن دەۋا قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى. «خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟» ــ مەسىھنىڭ بۇ سۆزى بىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. نېمىشقا ئەيسا ئۆز ئانىسىغا شۇنداق گەپ قىلىدۇ؟
مەريەم ئۆز ئوغلىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇ بەلكىم: «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭ ئانىسى، چوقۇم مېنىڭ تەلىپىمنى ئورۇنلىشى كېرەك» دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە بىزنىڭ خۇدانىڭ مەلۇم ئادىمى بىلەن بولغان بىرەر «جىسمانىي مۇناسىۋەت»نىڭ ھېچقانداق ئىناۋىتى يوقتۇر؛ پەقەت خۇدانىڭ مەسىھدە بولغان مېھرى-شەپقىتىگە ئىمان-ئىشەنچ باغلىساق، ئاندىن ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. مەريەمنىڭ خاپا بولماسلىقى ۋە 5-ئايەتتىكى ئىمانلىق سۆزلەرنى ئېيتىشى ئۇنىڭ بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئوبدان چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. «مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى» ــ «مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، تىرىلىشى ۋە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزدە تۇتۇلغىنى ئەيسانىڭ بۇ ئىشلار ئارقىلىق «ئۇلۇغلاندۇرۇلۇشى»دۇر ــ 23:12، 27، 28، 31نى كۆرۈڭ. شۇڭا مۇشۇ يەردە بەلكىم «مەن ئاشكارە قىلىنىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى» دېگەندەك مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «يۇھ.» 21:4، 23، 25:5، 28، 29، 30:7، 20:8، 23:12، 27، 28، 31، 31:13، 26:16، 1:17نى كۆرۈڭ.
ئانىسى چاكارلارغا:
ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى.
ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. «ئىككى-ئۈچ تۇڭ» ــ گرېك تىلىدا «ئىككى-ئۈچ «مېترېت»». ھەربىر كۈپكە 80-100 لىتر سۇ سىغىدۇ، جەمئىي 480-720 لىتر سۇ بار ئىدى.
ئەيسا چاكارلارغا:
ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى.
ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە:
ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى.
ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى.
توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، 10 ئۇنىڭغا:
ــ ھەربىر توي قىلغۇچى ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى.
11 بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. «بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ،...» ــ «يۇھاننا»دا ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن «مۆجىزىلىك ئالامەت» ياكى «مۆجىزىلىك بەلگە»لەر جەمئىي يەتتە بولۇپ، ھەربىرى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىدىن بىر تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىدۇر. «بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى» ــ «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى» دېيىلگىنى بىلەن، كېيىنكى نۇرغۇن ئىشلار مۇخلىسلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنىڭ مۇقىم ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەلۋەتتە. 12 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.
 
سودا-سېتىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەتخانىدىن قوغلىنىشى
مات. 21‏:12-13؛ مار. 11‏:15-17؛ لۇقا 19‏:45-46
13 يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ــ («پاسخا» ھېيتى) ــ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئىبادەتخانىدا قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ھېيتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. «مىس.» 12-بابنى كۆرۈڭ. 14 ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى. «ئىبادەتخانا» ــ پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ بىرىنچى بولۇپ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 950-يىلى قۇرغانىدى؛ ئاندىن يەھۇدىيلار پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى قايتا قۇرغانىدى. بۇ ئىبادەتخانىنى ھېرود پادىشاھ بۇرۇنقىدىنمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. «كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك» ــ بۇلارنى قۇربانلىقلار ئۈچۈن ساتاتتى.   مات. 21‏:12؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45. 15 ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى 16 ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا:
ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى. «ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما!» ــ «زەك.» 20:14-21نى كۆرۈڭ.
17 بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى زەبۇردا مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى:
 
«سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!». «سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!» ــ «زەب.» 9:69نى كۆرۈڭ.   زەب. 69‏:9
 
18 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن:
ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى. مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ يـۇھ. 6‏:30.
19 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:
ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى. «ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن» ــ ئەيسا ئېيتقان بۇ ئالامەت ئۇ كېيىن ئېيتقان «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن ئالامەت-كارامەت»كە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 39:12نى كۆرۈڭ).   مات. 26‏:61؛ 27‏:40؛ مار. 14‏:58؛ 15‏:29.
20 شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا:
ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى. 21 ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى. 22 شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى. لۇقا 24‏:8.
23 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى. 24 لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. «لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى» ــ بۇ باياندىن «خۇش خەۋەر»دىكى ئاخىرقى مەقسەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارغا بەخت-بەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئاتا قىلىشنى ياكى «تاپشۇرۇش»نى خالايدۇ. لېكىن ئىنسان ئۆزى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىسە، تېخى كونا گۇناھىي تەبىئەتتە بولسا، «ئۆزىنى تاپشۇرۇش» قەتئىي مۇمكىن بولمايتتى. ھەربىر ئىنسان روھتا «قايتا تۇغۇلۇشى» كېرەك ــ بۇ 3-بابنىڭ چوڭ تېمىسىدۇر. 25 ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى. 1سام. 16‏:7؛ 1تار. 28‏:9؛ زەب. 7‏:9؛ 103‏:14؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ يـۇھ. 6‏:64.
 
 

2:3 «ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ» ــ مۇشۇنداق ئىش توي ئىگىسىنى چوڭقۇر خىجالەتكە قويۇپلا قالماي، گاھى ئەھۋاللاردا قىز تەرەپتىكىلەر يىگىت تەرەپتىكىلەرنىڭ ئۈستىدىن دەۋا قىلىشى مۇمكىن ئىدى.

2:4 «خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟» ــ مەسىھنىڭ بۇ سۆزى بىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. نېمىشقا ئەيسا ئۆز ئانىسىغا شۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مەريەم ئۆز ئوغلىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇ بەلكىم: «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭ ئانىسى، چوقۇم مېنىڭ تەلىپىمنى ئورۇنلىشى كېرەك» دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە بىزنىڭ خۇدانىڭ مەلۇم ئادىمى بىلەن بولغان بىرەر «جىسمانىي مۇناسىۋەت»نىڭ ھېچقانداق ئىناۋىتى يوقتۇر؛ پەقەت خۇدانىڭ مەسىھدە بولغان مېھرى-شەپقىتىگە ئىمان-ئىشەنچ باغلىساق، ئاندىن ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. مەريەمنىڭ خاپا بولماسلىقى ۋە 5-ئايەتتىكى ئىمانلىق سۆزلەرنى ئېيتىشى ئۇنىڭ بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئوبدان چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. «مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى» ــ «مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم» دېگەن ئىبارە ئادەتتە مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، تىرىلىشى ۋە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزدە تۇتۇلغىنى ئەيسانىڭ بۇ ئىشلار ئارقىلىق «ئۇلۇغلاندۇرۇلۇشى»دۇر ــ 23:12، 27، 28، 31نى كۆرۈڭ. شۇڭا مۇشۇ يەردە بەلكىم «مەن ئاشكارە قىلىنىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى» دېگەندەك مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. «يۇھ.» 21:4، 23، 25:5، 28، 29، 30:7، 20:8، 23:12، 27، 28، 31، 31:13، 26:16، 1:17نى كۆرۈڭ.

2:6 «ئىككى-ئۈچ تۇڭ» ــ گرېك تىلىدا «ئىككى-ئۈچ «مېترېت»». ھەربىر كۈپكە 80-100 لىتر سۇ سىغىدۇ، جەمئىي 480-720 لىتر سۇ بار ئىدى.

2:11 «بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ،...» ــ «يۇھاننا»دا ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن «مۆجىزىلىك ئالامەت» ياكى «مۆجىزىلىك بەلگە»لەر جەمئىي يەتتە بولۇپ، ھەربىرى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىدىن بىر تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىدۇر. «بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى» ــ «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى» دېيىلگىنى بىلەن، كېيىنكى نۇرغۇن ئىشلار مۇخلىسلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنىڭ مۇقىم ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەلۋەتتە.

2:13 «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ــ («پاسخا» ھېيتى) ــ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئىبادەتخانىدا قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ھېيتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. «مىس.» 12-بابنى كۆرۈڭ.

2:14 «ئىبادەتخانا» ــ پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ بىرىنچى بولۇپ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 950-يىلى قۇرغانىدى؛ ئاندىن يەھۇدىيلار پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى قايتا قۇرغانىدى. بۇ ئىبادەتخانىنى ھېرود پادىشاھ بۇرۇنقىدىنمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. «كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك» ــ بۇلارنى قۇربانلىقلار ئۈچۈن ساتاتتى.

2:14 مات. 21‏:12؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45.

2:16 «ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما!» ــ «زەك.» 20:14-21نى كۆرۈڭ.

2:17 «سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!» ــ «زەب.» 9:69نى كۆرۈڭ.

2:17 زەب. 69‏:9

2:18 مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ يـۇھ. 6‏:30.

2:19 «ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن» ــ ئەيسا ئېيتقان بۇ ئالامەت ئۇ كېيىن ئېيتقان «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن ئالامەت-كارامەت»كە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 39:12نى كۆرۈڭ).

2:19 مات. 26‏:61؛ 27‏:40؛ مار. 14‏:58؛ 15‏:29.

2:22 لۇقا 24‏:8.

2:24 «لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى» ــ بۇ باياندىن «خۇش خەۋەر»دىكى ئاخىرقى مەقسەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارغا بەخت-بەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئاتا قىلىشنى ياكى «تاپشۇرۇش»نى خالايدۇ. لېكىن ئىنسان ئۆزى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىسە، تېخى كونا گۇناھىي تەبىئەتتە بولسا، «ئۆزىنى تاپشۇرۇش» قەتئىي مۇمكىن بولمايتتى. ھەربىر ئىنسان روھتا «قايتا تۇغۇلۇشى» كېرەك ــ بۇ 3-بابنىڭ چوڭ تېمىسىدۇر.

2:25 1سام. 16‏:7؛ 1تار. 28‏:9؛ زەب. 7‏:9؛ 103‏:14؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ يـۇھ. 6‏:64.