يۇھاننا
1
«يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• ئەيسا مەسىھنىڭ ئەينى سالاھىيىتى ــ «خۇدانىڭ كالامى»دۇر
مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. «مۇقەددەمدە» ــ باشقا بىر ئىپادىلىنىشى «ھەممىدىن بۇرۇن» («ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا») كالام (ئاللىقاچان) بار ئىدى».  «كالام» ــ «سۆز»، شۇنداقلا «خۇدانىڭ سۆزى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ بىر نامىدۇر؛ كۆرسىتىدىغان مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇردۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.  «كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى...» ــ مۇشۇ يەردىكى «بىلەن بىللە» دېگەن گرېك تىلىدا يەنە «ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە»، «(خۇداغا) قاراپ ئۇنى سۆيىدىغان» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىدۇ. «ھەم كالام خۇدا ئىدى» ــ بۇ مۇھىم بايان كالامنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ.   پەند. 8‏:22؛ كول. 1‏:17؛ 1يۇھ. 1‏:1، 2. ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. يـۇھ. 17‏:5. ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. «ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس» ــ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كالام ئۆزى ھېچ يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن خۇدا بىلەن بىللە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر. «يارىتىلغان» گرېك تىلىدا، مۇشۇ يەردە «بارلىققا كەلتۈرۈلگەن» «ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك باشقا خىل ئىپادىلىنىشى: ــ «ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولدى ۋە بولغان نەرسىلەردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭسىز بولمىدى».   يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16؛ ئىبر. 1‏:2. ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى» ــ ياكى «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارنىڭ نۇرى ئىدى».   يـۇھ. 5‏:26؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ 1يۇھ. 1‏:5؛ 2‏:8-11؛ 5‏:11. ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس» ــ مۇشۇ سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ چۈشەنگەن ئەمەس» ياكى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.   يـۇھ. 3‏:19.
بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. «بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى» ــ گرېك تىلىدا «بىر ئادەم خۇدادىن ئەۋەتىلدى».  «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى» ــ يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «يۇھاننا» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.   مال. 3‏:1؛ مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2، 4؛ لۇقا 3‏:3؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:33. ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى. يەھيانىڭ ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى.
ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى. «ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر، دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى» ــ «كېلىۋاتقانىدى» دېگەننى قانداق يول بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ بىزنىڭچە، بۇ بىر جەرياننى كۆرسىتىدۇ ــ يەنى بەلكىم ئاۋۋال مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا پەيدا بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئاندىن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىكە كىرىش جەريانى ئارقىلىق «كېلىۋاتاتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ بولسا دۇنياغا كېلىدىغان ھەربىر ئىنساننى يورۇتىدىغان ھەقىقىي نۇردۇر».   يـۇھ. 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46. 10 ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. ئىبر. 1‏:2؛ 11‏:3. 11 ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. «ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى» ــ «ئۆزىنىڭكىلەر» دېگەنلىك ئالەم ۋە ئۇنىڭدا بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىسى مەسىھنىڭكىدۇر، چۈنكى خۇدا ئالەمنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئارقىلىق ياراتقانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانىدى. «ئۆز خەلقى» ــ ئىسرائىل خەلقى، يەنى يەھۇدىي خەلقى ــ گرېك تىلىدا «ئۆزىدىكىلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 12 شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. يەش. 56‏:5؛ رىم. 8‏:15؛ گال. 3‏:26؛ 2پېت. 1‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:1. 13 ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ. «ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ» ــ
(1) «قاندىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» (گرېك تىلىدا «قانلاردىن ئەمەس») ــ دېمەك، مەلۇم بىر مىللەتتىن بولغانلىقىدىن ئەمەس. مەسىلەن، بەزى ئادەملەر: «مەن خۇدا ئالاھىدە تاللىغان خەلق بولغان يەھۇدىيلاردىن (ياكى «كاھىن ئائىلىسى» قاتارلىقلاردىن) بولغاچقا خۇدانىڭ پەرزەنتىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ («روس.» 26:17نى كۆرۈڭ).
(2) «ئەتلەردىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشىش-تىرمىشىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆپ ئادەملەر: «مەن خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ.
(3) «ئىنساننىڭ (گرېك تىلىدا «ئەركەك ئىنسان»نىڭ) خاھىشىدىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىنسان (مەيلى پەيغەمبەر، مەيلى كاھىن مەيلى جامائەتتىكى بىرەر ئەرباب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)، باشقا بىر ئىنساننى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېچكىم «ئۆز ئىرادىسى بىلەن» ئۆزىنى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ.
(4) «خۇدادىن تۆرىلىش»، يەنى «قايتا تۇغۇلۇش» توغرۇلۇق 3:1-22-ئايەتنى كۆرۈڭ.
14 كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر. «كالام ئىنسان بولدى» ــ «ئىنسان» مۇشۇ يەردە «ئەت ئىگىسى» ياكى «تەن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى» ــ گرېك تىلىدا «كالام تەن (ئەت) بولدى ۋە ئارىمىزدا چېدىر تىكتى». «چېدىر» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بولۇشى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس چېدىر»ىدا تۇرۇپ، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھازىر بولغىنىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.   يەش. 7‏:14؛ مات. 1‏:16؛ 17‏:2؛ لۇقا 1‏:31؛ 2‏:7؛ كول. 1‏:19؛ 2‏:9؛ 2پېت. 1‏:17. 15 (يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى) «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىد» ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».   مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26،30. 16 چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق. «ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلىرىدىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» ــ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقان مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» دېگەنلىكتۇر. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. «ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات» دېگەن ئىبارە مۇسانىڭ «مىس.» 3:33دە ئېيتقان سۆزىدىن ئېلىنغان.   كول. 2‏:10.
17 چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. «مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى» ــ «مەسىھ» بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتىشىچە، خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى ۋە قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭلار.   مىس. 20‏:1. 18 خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى. «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى ئۆزى بىردىنبىر خۇدا بولغۇچى ئۇنى ئايان قىلدى» دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋارىيانتنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ پەرقى يوق (1:1-4نى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى»دا نېمىلا بولمىسۇن خۇدالىق تەبىئىتى باردۇر.   مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ مات. 11‏:27؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 1تىم. 6‏:16؛ 1يۇھ. 4‏:12.
 
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقى
مات. 3‏:1-12؛ مار. 1‏:2-8؛ لۇقا 3‏:15-17
19 يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى:   «يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار» ــ بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «سەن كىمسەن؟» ــ بۇ سوئالنىڭ «سەن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ پەيغەمبەرمۇسەن ياكى خۇدا ئەۋەتىدىغان مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمۇسەن» دېگەندەك ئىچكى مەنىسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىشكە تەييار ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، «مات.» 25:21-25نى كۆرۈڭ. «كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار» ــ «كاھىنلار» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ئىدى؛ «لاۋىيلار» («لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغانلار) كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.   يـۇھ. 5‏:33.
20 ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى. «ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي... دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى» ــ «ھېچ ئىككىلەنمەي» گرېك تىلىدا «ئىنكار قىلماي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   يـۇھ. 3‏:28؛ روس. 13‏:25.
21 ئۇلار ئۇنىڭدىن:
ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ.
ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار.
ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى. «سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟» ــ بۇ سوئال مۇسا پەيغەمبەر ئالدىنئالا ئېيتقان، ئۆزىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرغان پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («قان.» 15:18-22). ئەمەلىيەتتە بولسا، مۇسانىڭ «شۇ پەيغەمبەر» توغرۇلۇق بېشارىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
22 شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن:
ــ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە جاۋاب بېرىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئېيتقىن، ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
23 يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن! «يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!» ــ يەشايا ئۆز كىتابىدىكى 3:40-ئايەتتە بايان قىلغان «پەرۋەردىگارنىڭ يولى» ياكى «رەبنىڭ يولى» بولسا، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يەھيانىڭ خىزمىتى رەب ئەيسا ئۈچۈن توۋا قىلىدىغان خەلقنى تەييارلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ھەتتا كەمتەرلىك بىلەن ئۆزى توغرۇلۇق «مەن پەيغەمبەر» دېمەيدۇ، «مەن ناھايىتى بىر ئاۋازمەن، خالاس» دەيدۇ.   يەش. 40‏:3؛ مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4.
24‏-25 ئەمدى يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن:
ــ سەن يا مەسىھ، يا ئىلياس ياكى ھېلىقى پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. «يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى» ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا تىرىشىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر. «نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟» ــ يەھۇدىي خەلقى ئارىسىدىكى «راببىلار» (ئۇستازلار) خېلى بۇرۇن مۇنداق بىر ئادەت بېكىتكەنكى، ئەگەر بۇتپەرەس مىللەتلەر («يات ئەللەر»)دىن بولغانلار «تەۋرات-زەبۇر ئېتىقادى»نى قوبۇل قىلاي دېسە، ئاۋۋال خلتنە قىلىنىشى، ئاندىن نىرخىل «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن ھازىر «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك بولغانلار بۇتپەرەس «يات ئەللەر» ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك!
يەھيا پەيغەمبەر يۈرگۈزگەن «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا بولغان ئىقرار-توۋىسىنى، شۇنداقلا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كېلىشىگە بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش يولى ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 2:3-12نى كۆرۈڭ).
   قان. 18‏:18.
26 يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
ــ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا تۇرغۇچى سىلەر تونۇمىغان بىرسى بار؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 19‏:4. 27 ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!
28 بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.
 
خۇدانىڭ قوزىسى
29 ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى! «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان...» ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھىنى ئېلىپ تاشلايدىغان ...». «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!» ــ تەۋراتتىكى قۇربانلىقلار مەسىھ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى «قۇربانلىق قوزا»دۇر. بۇ توغرۇلۇق «يار.» 7:22-8، «مىس.» 1:12-3، «يەش.» 7:53 ۋە تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە بېشارەت بېرىلگەن.   يەش. 53‏:5، 7؛ يـۇھ. 1‏:36. 30 مانا، مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان». 31 مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم.
32 يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى:
ــ مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. «مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.   مات. 3‏:16؛ مار. 1‏:10؛ لۇقا 3‏:22. 33 مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ــ «يەھيانى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى» ــ خۇدادۇر. «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ,...» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» ــ يەھيانىڭ مۇشۇ گۇۋاھلىقى مەسىھنى كۆرستىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ مۇقەددەس روھىنى تۆكۈشى بىلەن نىجات ئېلىپ كېلىدىغان «يېڭى ئەھدە»نى تۈزگۈچىدۇر («يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «يەش.» 15:32-20 ۋە باشقىلار). 34 مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم! «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
«خۇدانىڭ ئوغلى» بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «خۇدانىڭ تاللىغىنى» دېيىلىدۇ.
 
ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۇخلىسلىرى
35 ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى. 36 ئۇ ئۇ يەردىن مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ:
ــ قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! ــ دېدى. يەش. 53‏:7؛ يـۇھ. 1‏:29؛ روس. 8‏:32 37 ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 38 ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن:
ــ نېمە ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇلار:
ــ راببى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسەن؟ ــ دېدى.
39 ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى). «ئونىنچى سائەت» ــ يۇھاننا بايانىدا «رىم ۋاقتى»نى ئىشلىتىدۇ (بۇنىڭغا ئىسپات بار). شۇڭا بۇ ۋاقىت ئەتىگەن سائەت ئون بولسا كېرەك.
40 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى. 41 ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا:
ــ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! ــ دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) ««مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ» ــ «خرىستوس» دەرۋەقە گرېك تىلىدا «مەسىھ قىلىنغان»، «ماي سۈرۈلگەن» دېگەن مەنىدە. كېيىن، دۇنياۋى ئېتىقادچى جامائەتنىڭ بەزلىرى ئەيسانى «ئەيسا مەسىھ»، باشقا بەزىلىرى (گرېك تىلىدىكى تەلەپپۇزغا ئەگىشىپ) «يەيسۇس خرىستوس» دەيدۇ. يەھۇدىي ئېتىقادىچلار: «يەشۇئا مېشىياھ» دەيدۇ. 42 ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ:
سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون؛ بۇنىڭدىن كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن، ــ دېدى (مەنىسى «تاش»تۇر). «سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون» ــ «يۇنۇس» گرېك تىلىدا «يوناھ». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يۇھاننا» شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. «كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن» ــ «كىفاس» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «پېترۇس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ لېكىن «كىفاس» ئىبرانىي تىلىدا ھەر تۈرلۈك تاشنى بىلدۈرىدۇ، «پېتروس» گرېك تىلىدا ھەرخىل كىچىك تاشنى بىلدۈرىدۇ.   مات. 16‏:18.
 
فىلىپ ۋە ناتانىيەلنىڭ چاقىرتىلىشى
43 ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! ــ دېدى 44 (فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى). يـۇھ. 12‏:21. 45 فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:
ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ يازمىلىرىدا بېشارەت قىلىپ يازغان زاتنى تاپتۇق. ئۇ بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن! ــ دېدى. «فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ،...» ــ «ناتانىيەل» ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردا «بارتولوماي» (تولماينىڭ ئوغلى) دەپ ئېلىنىدۇ.   يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:18؛ 2سام. 7‏:12؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10، 11؛ 53‏:1-12؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ دان. 9‏:24؛ زەك. 6‏:12؛ 9‏:9.
46 بىراق ناتانىيەل:
ــ ناسارەت دېگەن جايدىن ياخشى بىرنېمە چىقامدۇ؟! ــ دېدى.
كېلىپ كۆرۈپ باق! ــ دېدى فىلىپ.
47 ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق:
ــ مانا، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىللىق! ــ دېدى.
48 ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، ــ دېدى.
49 ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى. «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».
50 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن! ــ دېدى 51 ۋە يەنە:
ــ بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! ــ دېدى. «ئىنسانئوغلى» ــ مۇقەددەس يازمىلاردا (تەۋراتتا) «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇزقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە، بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن «خۇدانىڭ ئوغلى» بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر!» ــ مۇشۇ يەردە بىزنىڭچە مەسىھ «يار.» 12:28نى كۆزدە تۇتىدۇ. ھەزرىتى ياقۇپ ئالامەتلىك بىر چۈشنى كۆرگەن. چۈشتە ئۇ يەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئاسمانغا يېتىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆرگەن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن «چىقىپ-چۈشۈپ تۇراتتى». دېمەك، ئەيسا مەسىھ ئۆزى دەل شۇ «ئاسمانغا يېتىدىغان پەلەمپەي»دۇر.   يار. 28‏:12.
 
 

1:1 «مۇقەددەمدە» ــ باشقا بىر ئىپادىلىنىشى «ھەممىدىن بۇرۇن» («ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا») كالام (ئاللىقاچان) بار ئىدى».  «كالام» ــ «سۆز»، شۇنداقلا «خۇدانىڭ سۆزى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ بىر نامىدۇر؛ كۆرسىتىدىغان مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇردۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.  «كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى...» ــ مۇشۇ يەردىكى «بىلەن بىللە» دېگەن گرېك تىلىدا يەنە «ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە»، «(خۇداغا) قاراپ ئۇنى سۆيىدىغان» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىدۇ. «ھەم كالام خۇدا ئىدى» ــ بۇ مۇھىم بايان كالامنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ.

1:1 پەند. 8‏:22؛ كول. 1‏:17؛ 1يۇھ. 1‏:1، 2.

1:2 يـۇھ. 17‏:5.

1:3 «ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس» ــ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كالام ئۆزى ھېچ يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن خۇدا بىلەن بىللە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر. «يارىتىلغان» گرېك تىلىدا، مۇشۇ يەردە «بارلىققا كەلتۈرۈلگەن» «ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك باشقا خىل ئىپادىلىنىشى: ــ «ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولدى ۋە بولغان نەرسىلەردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭسىز بولمىدى».

1:3 يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16؛ ئىبر. 1‏:2.

1:4 «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى» ــ ياكى «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارنىڭ نۇرى ئىدى».

1:4 يـۇھ. 5‏:26؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ 1يۇھ. 1‏:5؛ 2‏:8-11؛ 5‏:11.

1:5 «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس» ــ مۇشۇ سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ چۈشەنگەن ئەمەس» ياكى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.

1:5 يـۇھ. 3‏:19.

1:6 «بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى» ــ گرېك تىلىدا «بىر ئادەم خۇدادىن ئەۋەتىلدى».  «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى» ــ يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «يۇھاننا» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

1:6 مال. 3‏:1؛ مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2، 4؛ لۇقا 3‏:3؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:33.

1:9 «ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر، دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى» ــ «كېلىۋاتقانىدى» دېگەننى قانداق يول بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ بىزنىڭچە، بۇ بىر جەرياننى كۆرسىتىدۇ ــ يەنى بەلكىم ئاۋۋال مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا پەيدا بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئاندىن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىكە كىرىش جەريانى ئارقىلىق «كېلىۋاتاتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ بولسا دۇنياغا كېلىدىغان ھەربىر ئىنساننى يورۇتىدىغان ھەقىقىي نۇردۇر».

1:9 يـۇھ. 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46.

1:10 ئىبر. 1‏:2؛ 11‏:3.

1:11 «ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى» ــ «ئۆزىنىڭكىلەر» دېگەنلىك ئالەم ۋە ئۇنىڭدا بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىسى مەسىھنىڭكىدۇر، چۈنكى خۇدا ئالەمنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئارقىلىق ياراتقانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانىدى. «ئۆز خەلقى» ــ ئىسرائىل خەلقى، يەنى يەھۇدىي خەلقى ــ گرېك تىلىدا «ئۆزىدىكىلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:12 يەش. 56‏:5؛ رىم. 8‏:15؛ گال. 3‏:26؛ 2پېت. 1‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:1.

1:13 «ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ» ــ (1) «قاندىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» (گرېك تىلىدا «قانلاردىن ئەمەس») ــ دېمەك، مەلۇم بىر مىللەتتىن بولغانلىقىدىن ئەمەس. مەسىلەن، بەزى ئادەملەر: «مەن خۇدا ئالاھىدە تاللىغان خەلق بولغان يەھۇدىيلاردىن (ياكى «كاھىن ئائىلىسى» قاتارلىقلاردىن) بولغاچقا خۇدانىڭ پەرزەنتىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ («روس.» 26:17نى كۆرۈڭ). (2) «ئەتلەردىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشىش-تىرمىشىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆپ ئادەملەر: «مەن خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. (3) «ئىنساننىڭ (گرېك تىلىدا «ئەركەك ئىنسان»نىڭ) خاھىشىدىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىنسان (مەيلى پەيغەمبەر، مەيلى كاھىن مەيلى جامائەتتىكى بىرەر ئەرباب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)، باشقا بىر ئىنساننى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېچكىم «ئۆز ئىرادىسى بىلەن» ئۆزىنى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. (4) «خۇدادىن تۆرىلىش»، يەنى «قايتا تۇغۇلۇش» توغرۇلۇق 3:1-22-ئايەتنى كۆرۈڭ.

1:14 «كالام ئىنسان بولدى» ــ «ئىنسان» مۇشۇ يەردە «ئەت ئىگىسى» ياكى «تەن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى» ــ گرېك تىلىدا «كالام تەن (ئەت) بولدى ۋە ئارىمىزدا چېدىر تىكتى». «چېدىر» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بولۇشى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس چېدىر»ىدا تۇرۇپ، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھازىر بولغىنىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

1:14 يەش. 7‏:14؛ مات. 1‏:16؛ 17‏:2؛ لۇقا 1‏:31؛ 2‏:7؛ كول. 1‏:19؛ 2‏:9؛ 2پېت. 1‏:17.

1:15 «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىد» ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».

1:15 مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26،30.

1:16 «ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلىرىدىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» ــ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقان مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» دېگەنلىكتۇر. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. «ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات» دېگەن ئىبارە مۇسانىڭ «مىس.» 3:33دە ئېيتقان سۆزىدىن ئېلىنغان.

1:16 كول. 2‏:10.

1:17 «مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى» ــ «مەسىھ» بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتىشىچە، خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى ۋە قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭلار.

1:17 مىس. 20‏:1.

1:18 «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى ئۆزى بىردىنبىر خۇدا بولغۇچى ئۇنى ئايان قىلدى» دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋارىيانتنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ پەرقى يوق (1:1-4نى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى»دا نېمىلا بولمىسۇن خۇدالىق تەبىئىتى باردۇر.

1:18 مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ مات. 11‏:27؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 1تىم. 6‏:16؛ 1يۇھ. 4‏:12.

1:19 «يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار» ــ بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «سەن كىمسەن؟» ــ بۇ سوئالنىڭ «سەن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ پەيغەمبەرمۇسەن ياكى خۇدا ئەۋەتىدىغان مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمۇسەن» دېگەندەك ئىچكى مەنىسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىشكە تەييار ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، «مات.» 25:21-25نى كۆرۈڭ. «كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار» ــ «كاھىنلار» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ئىدى؛ «لاۋىيلار» («لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغانلار) كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.

1:19 يـۇھ. 5‏:33.

1:20 «ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي... دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى» ــ «ھېچ ئىككىلەنمەي» گرېك تىلىدا «ئىنكار قىلماي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:20 يـۇھ. 3‏:28؛ روس. 13‏:25.

1:21 «سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟» ــ بۇ سوئال مۇسا پەيغەمبەر ئالدىنئالا ئېيتقان، ئۆزىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرغان پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («قان.» 15:18-22). ئەمەلىيەتتە بولسا، مۇسانىڭ «شۇ پەيغەمبەر» توغرۇلۇق بېشارىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

1:23 «يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!» ــ يەشايا ئۆز كىتابىدىكى 3:40-ئايەتتە بايان قىلغان «پەرۋەردىگارنىڭ يولى» ياكى «رەبنىڭ يولى» بولسا، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يەھيانىڭ خىزمىتى رەب ئەيسا ئۈچۈن توۋا قىلىدىغان خەلقنى تەييارلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ھەتتا كەمتەرلىك بىلەن ئۆزى توغرۇلۇق «مەن پەيغەمبەر» دېمەيدۇ، «مەن ناھايىتى بىر ئاۋازمەن، خالاس» دەيدۇ.

1:23 يەش. 40‏:3؛ مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4.

1:24‏-25 «يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى» ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا تىرىشىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر. «نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟» ــ يەھۇدىي خەلقى ئارىسىدىكى «راببىلار» (ئۇستازلار) خېلى بۇرۇن مۇنداق بىر ئادەت بېكىتكەنكى، ئەگەر بۇتپەرەس مىللەتلەر («يات ئەللەر»)دىن بولغانلار «تەۋرات-زەبۇر ئېتىقادى»نى قوبۇل قىلاي دېسە، ئاۋۋال خلتنە قىلىنىشى، ئاندىن نىرخىل «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن ھازىر «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك بولغانلار بۇتپەرەس «يات ئەللەر» ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك! يەھيا پەيغەمبەر يۈرگۈزگەن «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا بولغان ئىقرار-توۋىسىنى، شۇنداقلا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كېلىشىگە بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش يولى ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 2:3-12نى كۆرۈڭ).

1:24‏-25 قان. 18‏:18.

1:26 مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 19‏:4.

1:29 «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان...» ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھىنى ئېلىپ تاشلايدىغان ...». «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!» ــ تەۋراتتىكى قۇربانلىقلار مەسىھ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى «قۇربانلىق قوزا»دۇر. بۇ توغرۇلۇق «يار.» 7:22-8، «مىس.» 1:12-3، «يەش.» 7:53 ۋە تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە بېشارەت بېرىلگەن.

1:29 يەش. 53‏:5، 7؛ يـۇھ. 1‏:36.

1:30 «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».

1:32 «مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.

1:32 مات. 3‏:16؛ مار. 1‏:10؛ لۇقا 3‏:22.

1:33 مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ــ «يەھيانى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى» ــ خۇدادۇر. «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ,...» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» ــ يەھيانىڭ مۇشۇ گۇۋاھلىقى مەسىھنى كۆرستىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ مۇقەددەس روھىنى تۆكۈشى بىلەن نىجات ئېلىپ كېلىدىغان «يېڭى ئەھدە»نى تۈزگۈچىدۇر («يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «يەش.» 15:32-20 ۋە باشقىلار).

1:34 «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى» بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «خۇدانىڭ تاللىغىنى» دېيىلىدۇ.

1:36 يەش. 53‏:7؛ يـۇھ. 1‏:29؛ روس. 8‏:32

1:39 «ئونىنچى سائەت» ــ يۇھاننا بايانىدا «رىم ۋاقتى»نى ئىشلىتىدۇ (بۇنىڭغا ئىسپات بار). شۇڭا بۇ ۋاقىت ئەتىگەن سائەت ئون بولسا كېرەك.

1:41 ««مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ» ــ «خرىستوس» دەرۋەقە گرېك تىلىدا «مەسىھ قىلىنغان»، «ماي سۈرۈلگەن» دېگەن مەنىدە. كېيىن، دۇنياۋى ئېتىقادچى جامائەتنىڭ بەزلىرى ئەيسانى «ئەيسا مەسىھ»، باشقا بەزىلىرى (گرېك تىلىدىكى تەلەپپۇزغا ئەگىشىپ) «يەيسۇس خرىستوس» دەيدۇ. يەھۇدىي ئېتىقادىچلار: «يەشۇئا مېشىياھ» دەيدۇ.

1:42 «سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون» ــ «يۇنۇس» گرېك تىلىدا «يوناھ». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يۇھاننا» شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. «كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن» ــ «كىفاس» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «پېترۇس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ لېكىن «كىفاس» ئىبرانىي تىلىدا ھەر تۈرلۈك تاشنى بىلدۈرىدۇ، «پېتروس» گرېك تىلىدا ھەرخىل كىچىك تاشنى بىلدۈرىدۇ.

1:42 مات. 16‏:18.

1:44 يـۇھ. 12‏:21.

1:45 «فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ،...» ــ «ناتانىيەل» ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردا «بارتولوماي» (تولماينىڭ ئوغلى) دەپ ئېلىنىدۇ.

1:45 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:18؛ 2سام. 7‏:12؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10، 11؛ 53‏:1-12؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ دان. 9‏:24؛ زەك. 6‏:12؛ 9‏:9.

1:49 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».

1:51 «ئىنسانئوغلى» ــ مۇقەددەس يازمىلاردا (تەۋراتتا) «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇزقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە، بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن «خۇدانىڭ ئوغلى» بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر!» ــ مۇشۇ يەردە بىزنىڭچە مەسىھ «يار.» 12:28نى كۆزدە تۇتىدۇ. ھەزرىتى ياقۇپ ئالامەتلىك بىر چۈشنى كۆرگەن. چۈشتە ئۇ يەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئاسمانغا يېتىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆرگەن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن «چىقىپ-چۈشۈپ تۇراتتى». دېمەك، ئەيسا مەسىھ ئۆزى دەل شۇ «ئاسمانغا يېتىدىغان پەلەمپەي»دۇر.

1:51 يار. 28‏:12.