24
ئەيسانىڭ تىرىلىشى
مات. 28‏:1-10؛ مار. 16‏:1-8؛ يـۇھ. 20‏:1-10
ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى. «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ ياكى «شاباتتىن كېيىنكى كۈن»، يەنى يەكشەنبە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ««ھەپتىلەر»نىڭ بىرىنچى كۈنى». «پېتىر نان ھېيتى»دىن «ئورما ھېيتى»غىچە 7 ھەپتە، يەنى 49 كۈن سانىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت «ھەپتىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، «ئورما ھېيتى» بەزىدە «ھەپتىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.   مات. 28‏:1؛ مار. 16‏:1؛ يـۇھ. 20‏:1. ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛ ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. «نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات» ــ «ئىككى زات» گرېك تىلىدا «ئىككى ئەر كىشى». بۇلار پەرىشتىلەر بولسا كېرەك. ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 6‏-7 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى. مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31.
ۋە ئۇلار ئۇنىڭ دەل شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛ يـۇھ. 2‏:22. ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى. مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10. 10 روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى. 11 لېكىن ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 12 بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى. يـۇھ. 20‏:3، 6.
 
ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقان سىرلىق مۇساپىر
مار. 16‏:12-13
13 ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. «ئون بىر چاقىرىم» ــ گرېك تىلىدا «ئاتمىش ستادىيون» ــ بىر ستادىيون تەخمىنەن 185 مېتر كېلىدۇ.   مار. 16‏:12. 14 ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. 15 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ مات. 18‏:20؛ لۇقا 24‏:36. 16 لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى.
17 ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ، 18  ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى.
19 ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى.
«ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ، لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14. 20 باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى. 21 بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ «بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق» ــ «ھەمجەمەت-ئازاد قىلغۇچى» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھات، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.   روس. 1‏:6. 22 يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10؛ يـۇھ. 20‏:18. 23 ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ. 24 بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ».
25 ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار! 26 مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى. يەش. 50‏:6؛ 53‏:5؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 12‏:2؛ 1پېت. 1‏:11.
27 ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى. يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24-25؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20.
28 ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى. 29 لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:
ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى. يار. 19‏:3؛ روس. 16‏:15؛ ئىبر. 13‏:2. 30 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. «ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى» ــ «نان ئوشتۇش» ئادەتتە بۇنى مېھمان ئەمەس، بەلكى ساھىبخانا قىلىشى كېرەك ئىدى. 31 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. 32 ئۇلار بىر-بىرىگە:
ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى.
33‏-34 ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. «ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار شۇ سائەتتىلا تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى». 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.
 
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا يەنە كۆرۈنۈشى
مات. 28‏:16-20؛ مار. 16‏:14-18؛ يـۇھ. 20‏:19-23؛ روس. 1‏:6-8
36 ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، ئەيسا ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ:
ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. «سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم»، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 1كور. 15‏:5.
37 ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى.
38 ئۇ ئۇلارغا:
ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟ 39 قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى.
40 ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 41 ئۇلار خۇشلۇقتىن كۆزلىرىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن:
ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. يـۇھ. 21‏:10. 42 ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى، 43 ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.
44 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:6.
45 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى 46 ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ مۇقەددەس يازمىلاردا شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، زەب. 16‏:10؛ 22‏:6. 22؛ روس. 17‏:3. 47 ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ. روس. 13‏:38؛ 1يۇھ. 2‏:12. 48 سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر. 49 ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار». «مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن» ــ «ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنى» ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى. خۇدا ئۇلارنى «قۇدرەت بىلەن كىيگۈزىدۇ». «لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار» ــ «بۇ شەھەر» ــ يېرۇسالېم.   يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7؛ روس. 1‏:4.
 
ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى
مار. 16‏:19-20؛ روس. 1‏:9-11
50 ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى. روس. 1‏:12. 51 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. مار. 16‏:19 روس. 1‏:9. 52 ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 53 ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى. «...ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى... ئۇلار ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى» ــ بۇ 36-53-ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىھنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئاخىرقى كۆرۈنۈشى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ تىرىلىشىنى بايان قىلىدىغان باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىرىنچى يەكشەنبىدىكى كۆرۈنۈشتىن كېيىن ئەيسا يەنە بىرنەچچە قېتىم مۇخلىسلىرىغا ئايان بولدى. لۇقانىڭ بۇ خاتىرىسى ئەيسانىڭ مۇخلىسلارغا بىرىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنىشلىرىدىن بىراقلا قىرىقىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشىگە ئاتلاپ ئۆتكەن بولسا كېرەك (45-ئايەتتە ياكى 50-ئايەتتە «ئاتلاپ ئۆتىدۇ»). شۇڭا ئىنجىلدىكى «تۆت بايان»دا ھېچقانداق زىت يەرلەر يوق، دەپ قارايمىز.
«لۇقا»نىڭ داۋامى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دۇر، ئەلۋەتتە.

24:1 «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ ياكى «شاباتتىن كېيىنكى كۈن»، يەنى يەكشەنبە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ««ھەپتىلەر»نىڭ بىرىنچى كۈنى». «پېتىر نان ھېيتى»دىن «ئورما ھېيتى»غىچە 7 ھەپتە، يەنى 49 كۈن سانىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت «ھەپتىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، «ئورما ھېيتى» بەزىدە «ھەپتىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

24:1 مات. 28‏:1؛ مار. 16‏:1؛ يـۇھ. 20‏:1.

24:4 «نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات» ــ «ئىككى زات» گرېك تىلىدا «ئىككى ئەر كىشى». بۇلار پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.

24:6‏-7 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31.

24:8 يـۇھ. 2‏:22.

24:9 مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10.

24:12 يـۇھ. 20‏:3، 6.

24:13 «ئون بىر چاقىرىم» ــ گرېك تىلىدا «ئاتمىش ستادىيون» ــ بىر ستادىيون تەخمىنەن 185 مېتر كېلىدۇ.

24:13 مار. 16‏:12.

24:15 مات. 18‏:20؛ لۇقا 24‏:36.

24:19 لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14.

24:21 «بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق» ــ «ھەمجەمەت-ئازاد قىلغۇچى» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھات، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.

24:21 روس. 1‏:6.

24:22 مات. 28‏:8؛ مار. 16‏:10؛ يـۇھ. 20‏:18.

24:26 يەش. 50‏:6؛ 53‏:5؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 12‏:2؛ 1پېت. 1‏:11.

24:27 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24-25؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20.

24:29 يار. 19‏:3؛ روس. 16‏:15؛ ئىبر. 13‏:2.

24:30 «ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى» ــ «نان ئوشتۇش» ئادەتتە بۇنى مېھمان ئەمەس، بەلكى ساھىبخانا قىلىشى كېرەك ئىدى.

24:33‏-34 «ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار شۇ سائەتتىلا تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى».

24:36 «سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم»، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

24:36 مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 1كور. 15‏:5.

24:41 يـۇھ. 21‏:10.

24:44 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:6.

24:46 زەب. 16‏:10؛ 22‏:6. 22؛ روس. 17‏:3.

24:47 روس. 13‏:38؛ 1يۇھ. 2‏:12.

24:49 «مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن» ــ «ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنى» ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى. خۇدا ئۇلارنى «قۇدرەت بىلەن كىيگۈزىدۇ». «لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار» ــ «بۇ شەھەر» ــ يېرۇسالېم.

24:49 يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7؛ روس. 1‏:4.

24:50 روس. 1‏:12.

24:51 مار. 16‏:19 روس. 1‏:9.

24:53 «...ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى... ئۇلار ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى» ــ بۇ 36-53-ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىھنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئاخىرقى كۆرۈنۈشى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ تىرىلىشىنى بايان قىلىدىغان باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىرىنچى يەكشەنبىدىكى كۆرۈنۈشتىن كېيىن ئەيسا يەنە بىرنەچچە قېتىم مۇخلىسلىرىغا ئايان بولدى. لۇقانىڭ بۇ خاتىرىسى ئەيسانىڭ مۇخلىسلارغا بىرىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنىشلىرىدىن بىراقلا قىرىقىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشىگە ئاتلاپ ئۆتكەن بولسا كېرەك (45-ئايەتتە ياكى 50-ئايەتتە «ئاتلاپ ئۆتىدۇ»). شۇڭا ئىنجىلدىكى «تۆت بايان»دا ھېچقانداق زىت يەرلەر يوق، دەپ قارايمىز. «لۇقا»نىڭ داۋامى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دۇر، ئەلۋەتتە.