تەۋرات كالېندارى بويىچە «پېتىر نان ھېيتى»نىڭمۇ بىرىنچى كۈنى («نىسان»، يەنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى) «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 6:23-7). شۇڭا ئۇنىڭ ھارپا كۈنىمۇ «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ «نىسان» ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدى.
شابات كۈنى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھەپتىنىڭ بارلىق كۈنلىرىگە ئوخشاشلا كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ. 55 ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار يۈسۈپكە ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. ■لۇقا 8:2. 56 ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە تەۋراتتىكى ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى.□«ئاياللار ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى» ــ «بۇيۇملار» ــ ياكى «مەلھەملەر». بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ مەقسىتى جەسەتنىڭ ئۈستىگە چېچىپ ئۇنىڭ چىرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.
■23:1 مات. 27:2؛ مار. 15:1؛ يـۇھ. 18:28.
□23:2 «قەيسەر» ــ رىم ئىمپېراتورى. «...خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق» ــ «(ئۇ) قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان» دېگەن شىكايەت يالغان، ئەلۋەتتە. 20:20-26نى كۆرۈڭ. شىكايەت «سىياسىي جەھەتتىكى» بولۇپ، ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۇ خەلقنى قۇترىتىۋاتىدۇ، «ئاممىۋىي تەرتىپ»نى بۇزدى؛ (2) خەلقنىڭ باج-سېلىق بېرىشىگە يول قويمىدى؛ (3) ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى (دېمەك، رىم ئىمپېراتورىغا قارشى چىققان).
■23:2 مات. 17:25؛ 22:21؛ مار. 12:17؛ لۇقا 20:25؛ روس. 17:7؛ رىم. 13:7.
□23:3 «پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى» ــ «ئېيتقىنىڭدەك» گرېك تىلىدا بۇ سۆزنىڭ «شۇنداق، لېكىن ئەمەلىيەت دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.
■23:3 مات. 27:11؛ مار. 15:2؛ يـۇھ. 18:33.
■23:7 لۇقا 3:1.
■23:8 لۇقا 9:7.
■23:12 روس. 4:27.
■23:13 مات. 27:23؛ مار. 15:14؛ يـۇھ. 18:38؛ 19:4.
□23:15 «ھېرودمۇ تاپمىدى» ــ ياكى «ھېرود ئۇنى (بىزگە) قايتۇرۇۋېتىپتۇ».
□23:16 «شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن» ــ بۇ «جازالاش» بەلكىم قامچىلاش بولاتتى. بۇ سۆزلەر ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن. بىراۋدا جىنايەت بولمىسا، نېمىشقا ئۇنى جازالايدۇ؟ مۇنداق ئادالەتسىزلىك رىم ئىمپېرىيەسى تۈزۈمىدە بەك كۆپ ئىدى. ئۇلار دېلونى سۈرۈشتە قىلغاندىمۇ ئادەمنى قامچىلايتتى («روس.» 24:22نى كۆرۈڭ). لېكىن مۇشۇ يەردە پىلاتۇسنىڭ ئەيسانى مۇنداق «قامچىلايمەن» دېيىشىنىڭ مەقسىتى پەقەت يەھۇدىي چوڭلارنى بىر ئاز رازى قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى، خالاس.
■23:17 مات. 27:15؛ مار. 15:6؛ يـۇھ. 18:39.
■23:18 روس. 3:14.
□23:22 «شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن» ــ 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■23:24 مات. 27:26؛ مار. 15:15؛ يـۇھ. 19:16.
□23:26 «ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى» ــ باشقا ئىنجىل بايانلىرىدىن بىلىمىزكى، بۇنىڭ سەۋەبى ئەيسانىڭ ھالسىراپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى «مات.» 32:27، «مار.» 21:15 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.
□23:30 «شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ» ــ خۇدانىڭ غەزىپى شۇنچە دەھشەتلىك بولىدۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قېچىش ئۈچۈن ھەرقانچە قورقۇنچلىق ئامال-چارە بولسىمۇ، خالايدۇ. «ھوش.» 8:10 ۋە «ۋەھىي» 16:6نى كۆرۈڭ.
■23:30 يەش. 2:19؛ ھوش. 10:8؛ ۋەھ. 6:16؛ 9:6.
□23:31 «چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟!» ــ بۇ سىرلىق بېشارەت بەلكىم: «مەن گۇناھسىز، مېھرىبان بولۇپ خۇدانىڭ جازا قوراللىرى بولغان چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا شۇنچە كۆپ ئازاب تارتقان يەردە، كەلگۈسىدە سىلەردەك گۇناھقا پاتقانلارنى ئۇلار قانداق جازالار؟» دېگەندەك.
■23:31 يەر. 25:29؛ 1پېت. 4:17.
■23:32 يـۇھ. 19:18.
□23:33 ««باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جاي» ــ «باش سۆڭەك» گرېك تىلىدا «كالۋارىي»، ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا».
■23:33 مات. 27:33،38؛ مار. 15:22؛ يـۇھ. 19:18.
■23:34 زەب. 22:18؛ مات. 27:35؛ مار. 15:24؛ يـۇھ. 19:23؛ روس. 7:60؛ 1كور. 4:12.
□23:38 «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى» ــ رىملىقلار بۇ سۆزلەرنى ئەيسابى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن يازغان، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، پىلاتۇس بۇ ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىمۇ مەسخىرە قىلماقچى ياكى ئەيىبلىمەكچى بولغان؛ بىراق خۇدا بولسا بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسەتكەن («يۇھ.» 19:19-22نى، «زەب.» 10:76نى كۆرۈڭ).
■23:38 مات. 27:37؛ مار. 15:26؛ يـۇھ. 19:19.
□23:43 «بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن» ــ رەبنىڭ: «سەن «بۈگۈن» مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن» دېگەن مۇشۇ سۆزى بەزىلەرنىڭ: «ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا چۈشكەن» دېگەن بىدئەت تەلىمىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز.
□23:44 «ئالتىنچى سائەت...توققۇزىنچى سائەت» ــ «ئالتىنچى سائەت» چۈش بولۇپ، «توققۇزىنچى سائەت» چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ. يەھۇدىيلار ۋاقىتنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن باشلاپ ھېسابلايتتى (مەسىلەن، ئۇلاردا «بىرىنچى سائەت» بىزدە سائەت يەتتە بولاتتى).
■23:44 مات. 27:45؛ مار. 15:33.
□23:45 «ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى» ــ «مات.» 51:27دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■23:45 مات. 27:51؛ مار. 15:38.
□23:46 «ئەيسا... تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى» ــ ياكى «ئەيسا... روھىنى چىقاردى». گرېك تىلىدا «روھ» ۋە «تىنىق» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «زەب.» 5:31نى كۆرۈڭ. مۇشۇ ئايەتتىكى بىرىنچى «قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىش»ى بەلكىم «يۇھ.» 30:19دە خاتىرىلەنگەن.
■23:46 زەب. 31:5؛ مات. 27:50؛ مار. 15:37؛ يـۇھ. 19:30؛ روس. 7:59.
■23:47 مات. 27:54؛ مار. 15:39.
■23:50-51 مات. 27:57؛ مار. 15:43؛ يـۇھ. 19:38.
■23:53 مات. 12:40؛ 26:12؛ 27:59؛ مار. 15:46؛ يەش.53:9
□23:54 «بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى» ــ «تەييارلىق كۈنى» شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى، شەنبە كۈنى)نىڭ ھارپا كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ «ئىش قىلماسلىق»ى ئۈچۈن ھارپا كۈنىدە تاماق ئېتىلىشى ۋە باشقا كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئالدىنئالا قىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى ــ شۇڭا ئالدىنقى كۈنى «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. تەۋرات كالېندارى بويىچە «پېتىر نان ھېيتى»نىڭمۇ بىرىنچى كۈنى («نىسان»، يەنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى) «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 6:23-7). شۇڭا ئۇنىڭ ھارپا كۈنىمۇ «تەييارلىق كۈنى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ «نىسان» ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدى. شابات كۈنى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھەپتىنىڭ بارلىق كۈنلىرىگە ئوخشاشلا كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ.
■23:55 لۇقا 8:2.
□23:56 «ئاياللار ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى» ــ «بۇيۇملار» ــ ياكى «مەلھەملەر». بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ مەقسىتى جەسەتنىڭ ئۈستىگە چېچىپ ئۇنىڭ چىرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.