9
ئەيسانىڭ تۇغما قارىغۇنى ساقايتىشى
ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن:
ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك» ــ ياكى «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك». «كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ» ــ ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە بولىدىغان خىزمىتىگە بەلكىم پەقەت ئالتە ئاي قالغان بولسا كېرەك. مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. يەش. 42‏:6؛ لۇقا 2‏:32؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 12‏:35،46؛ روس. 13‏:47.
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى مار. 8‏:23. ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى. «سىلوئام» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلوھا». ئەيسا ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى... ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى» ــ بۇ كور ئادەم ئىبادەتخانىغا يېقىن جايدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بولسا، ئىبادەتخانىدىن «سىلوئام كۆلچىكى»گە بىر كىلومېتردەك كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپەر كور ئادەمنىڭ ئىشەنچىگە نىسبەتەن خېلى بىر سىناق ئىدى. لاي قاتتىقلاشقاندىن كېيىن ئۇ كۆزلىرىنى ھېچ ئاچالمىغان ھالدا مۇشۇ ئۇزۇن يولنى مېڭىشى كېرەك ئىدى. بۇ كور ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولنى بىكار ماڭسا كۆپ «تىلەمچىلىك ۋاقتى» ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى. قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر:
ــ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشىپ كەتتى. روس. 3‏:2.
بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى.
بىراق ئۇ ئۆزى:
ــ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! ــ دېدى.
10 ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.
11 ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويىۋىدى، ماڭا: «سىلوئام كۆلچىكىگە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېگەنىدى. مەن بېرىپ يۇيۇۋىدىم، كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
12 ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.
ــ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئۇ.
 
پەرىسىيلەرنىڭ مۆجىزىنى سۈرۈشتۈرۈشى
13 خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى 14 (ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى). مات. 12‏:1؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1؛ يـۇھ. 5‏:9. 15 شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى.
16 شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى:
ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى.
يەنە بەزىلىرى:
ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. «ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ» ــ ئۇلار «ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ» دەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەيسانىڭ تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىشنى «ئەمگەك قىلىش»، شۇنداقلا شاباتنىڭ «دەم ئېلىش پرىنسىپى»نى بۇزۇش، دەپ قارايتتى. ئەيسا بولسا «ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك» دېگەنىدى (4-ئايەت). دېمەك، «ئىش قىلغۇچى» ياكى «ئەمەل قىلغۇچى» ئەسلىدە خۇدا ئۆزىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كىم شۇنداق مۆجىزە يارىتايتتى؟   يـۇھ. 3‏:2؛ 7‏:12؛ 9‏:33؛ 10‏:19. 17 ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە:
ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى. لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14.
18 يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، 19 ئۇلاردىن:
ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى.
20 ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛ 21 لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
22 ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى. «يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى» ــ «سىناگوگتىن چىقىرىلىش»نىڭ نەتىجىسى، جەمئىيەتتىكىلەردىن ھېچكىم سىناگوگتىن چىقىرىلغان كىشى بىلەن باردى-كەلدى قىلمايتتى.   يـۇھ. 7‏:13؛ 12‏:42. 23 شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.
24 پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا:
ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى. «خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ قەسەم قىل» ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «قەسەم قىل» دېگەن سۆز يوق ئىدى. بۇ ئايەتتە شۇ سۆز بولمىسىمۇ، شۇ مەنە چىقىپ تۇرىدۇ (مەسىلەن «يەشۇئا» 19:7نى كۆرۈڭ). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى «ئەيساغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا شان-شەرەپ بەر» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «خۇدانى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن راست گەپ قىل، بۇ مۆجىزە ئەسلىدە چوڭ بىر ئالدامچىلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەندەك.   يە. 7‏:19.
25 ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
26 ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم:
ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى.
27 ئۇ جاۋابەن:
ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى.
28 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ:
ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرىمىز. 29 خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى.
30 ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى. 31 بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. زەب. 66‏:18؛ پەند. 15‏:29؛ 28‏:9؛ يەش. 1‏:15؛ مىك. 3‏:4. 32 دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. 33 ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.
34 ئۇلار ئۇنى:
ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى. «ئۇلار... ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى» ــ 22-ئايەت ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
 
روھىي قارىغۇلۇق
35 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ:
سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. «سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «سەن، ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟» دەپ پۈتۈلگەن.
36 ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى.
37 ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
38 ھېلىقى ئادەم:
ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
39 ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا. «مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم» ــ «ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم» ــ بۇ «ھۆكۈم» توغرۇلۇق «يەش.» 1:42 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بۇ قانداق «ھۆكۈم»؟ بىزنىڭچە يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدە ئېيتىلغاندەك ئاز دېگەندە بۇ «ھۆكۈم»نىڭ ئۆچ تەرىپى باردۇر: (1) ئېتىقادچىلارغا توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈش؛ (2) خۇدانىڭ كۆپ ئىشلار ئۈستىدىكى ھۆكۈملىرىنى بىلدۈرۈش؛ (3) مەسىھنىڭ خەۋىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ياكى يورۇق ياكى تېخىمۇ قاراڭغۇ، كور قىلىش؛ خۇددى يەشايا پەيغەمبەر ئۆز ۋاقتىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئىسرائىلغا يەتكۈزگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالى «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر» («يەش.» 9:6-10) دېگەندەك بولغانغا ئوخشاش. «يەش.» 18:44نىمۇ كۆرۈڭ.   يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47.
40 ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن:
ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 41 ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى.
 
 

9:2 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».

9:4 «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك» ــ ياكى «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك». «كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ» ــ ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە بولىدىغان خىزمىتىگە بەلكىم پەقەت ئالتە ئاي قالغان بولسا كېرەك.

9:5 يەش. 42‏:6؛ لۇقا 2‏:32؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 12‏:35،46؛ روس. 13‏:47.

9:6 مار. 8‏:23.

9:7 «سىلوئام» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلوھا». ئەيسا ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى... ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى» ــ بۇ كور ئادەم ئىبادەتخانىغا يېقىن جايدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بولسا، ئىبادەتخانىدىن «سىلوئام كۆلچىكى»گە بىر كىلومېتردەك كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپەر كور ئادەمنىڭ ئىشەنچىگە نىسبەتەن خېلى بىر سىناق ئىدى. لاي قاتتىقلاشقاندىن كېيىن ئۇ كۆزلىرىنى ھېچ ئاچالمىغان ھالدا مۇشۇ ئۇزۇن يولنى مېڭىشى كېرەك ئىدى. بۇ كور ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولنى بىكار ماڭسا كۆپ «تىلەمچىلىك ۋاقتى» ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى.

9:8 روس. 3‏:2.

9:14 مات. 12‏:1؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1؛ يـۇھ. 5‏:9.

9:16 «ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ» ــ ئۇلار «ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ» دەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەيسانىڭ تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىشنى «ئەمگەك قىلىش»، شۇنداقلا شاباتنىڭ «دەم ئېلىش پرىنسىپى»نى بۇزۇش، دەپ قارايتتى. ئەيسا بولسا «ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك» دېگەنىدى (4-ئايەت). دېمەك، «ئىش قىلغۇچى» ياكى «ئەمەل قىلغۇچى» ئەسلىدە خۇدا ئۆزىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كىم شۇنداق مۆجىزە يارىتايتتى؟

9:16 يـۇھ. 3‏:2؛ 7‏:12؛ 9‏:33؛ 10‏:19.

9:17 لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14.

9:22 «يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى» ــ «سىناگوگتىن چىقىرىلىش»نىڭ نەتىجىسى، جەمئىيەتتىكىلەردىن ھېچكىم سىناگوگتىن چىقىرىلغان كىشى بىلەن باردى-كەلدى قىلمايتتى.

9:22 يـۇھ. 7‏:13؛ 12‏:42.

9:24 «خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ قەسەم قىل» ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «قەسەم قىل» دېگەن سۆز يوق ئىدى. بۇ ئايەتتە شۇ سۆز بولمىسىمۇ، شۇ مەنە چىقىپ تۇرىدۇ (مەسىلەن «يەشۇئا» 19:7نى كۆرۈڭ). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى «ئەيساغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا شان-شەرەپ بەر» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «خۇدانى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن راست گەپ قىل، بۇ مۆجىزە ئەسلىدە چوڭ بىر ئالدامچىلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەندەك.

9:24 يە. 7‏:19.

9:31 زەب. 66‏:18؛ پەند. 15‏:29؛ 28‏:9؛ يەش. 1‏:15؛ مىك. 3‏:4.

9:34 «ئۇلار... ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى» ــ 22-ئايەت ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

9:35 «سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «سەن، ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟» دەپ پۈتۈلگەن.

9:39 «مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم» ــ «ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم» ــ بۇ «ھۆكۈم» توغرۇلۇق «يەش.» 1:42 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بۇ قانداق «ھۆكۈم»؟ بىزنىڭچە يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدە ئېيتىلغاندەك ئاز دېگەندە بۇ «ھۆكۈم»نىڭ ئۆچ تەرىپى باردۇر: (1) ئېتىقادچىلارغا توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈش؛ (2) خۇدانىڭ كۆپ ئىشلار ئۈستىدىكى ھۆكۈملىرىنى بىلدۈرۈش؛ (3) مەسىھنىڭ خەۋىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ياكى يورۇق ياكى تېخىمۇ قاراڭغۇ، كور قىلىش؛ خۇددى يەشايا پەيغەمبەر ئۆز ۋاقتىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئىسرائىلغا يەتكۈزگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالى «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر» («يەش.» 9:6-10) دېگەندەك بولغانغا ئوخشاش. «يەش.» 18:44نىمۇ كۆرۈڭ.

9:39 يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47.