10
ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىدۇ ــ «مەن ياخشى قوي باققۇچىدۇرمەن»
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر. ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. «ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ...» ــ «ئىشىك باقار» بەلكىم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ئايەت ھەم 4-ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك، «مىك.» 13:2 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. «ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ» ــ دېمىسەكمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى قويچىلار دەل شۇنداق يول بىلەن قويلارنى باقىدۇ. قويچى بارلىق قويلارغا ئىسىم قويۇپ ئۇلارنى بۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىدۇ. ئۇ دائىم «قويلىرىنى باشلايدۇ»، ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئادەتتە قويچىنىڭ قويلارنى «ھەيدەش»نىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن. «قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ ئوتتۇرا شەرقتە پادىچىلار كېچىدە قويلارنى قوغداش ئۈچۈن قوتاننىڭ ئاغزىدا توغرىسىغا يېتىپ ئۇخلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى «قويلارنىڭ ئىشىكى» دەيدۇ. ئۇنداق قويچىلار ھەركۈنى «ئۆز قويلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ». مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. «مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى» ــ بۇ يەردە ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى «ئىسرائىلنى باققۇچىلار» دەپ ئاتىۋالغانلار ــ يەنى پەرىسىيلەر، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى، شۇنداقلا ئۆزىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان «ساختا مەسىھلەر» (مەسىلەن، «روس.» 36:5-37)دىن ئىبارەت. ئىسرائىلغا باققۇچى بولۇش كېرەك بولغانلار ئەكسىچە پادىدىن پايدا-مەنپەئەت ئالىدىغانلارغا ئايلاندۇرۇلغان («يەر.» 23-باب، «ئەز.» 34-بابنى كۆرۈڭ). ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. يـۇھ. 14‏:6. 10 ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم. «ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ» ــ «ئۆلتۈرۈش» گرېك تىلىدا «بوغۇزلاش».
11 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ. «ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ» ــ «ياخشى پادىچى» بولغاندىن كېيىن باشقا خىل پادىچىلار بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.   يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:11، 12، 15، 22، 23؛ مىك. 1‏:14؛ ئىبر. 13‏:20؛ 1پېت. 5‏:4. 12 لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. «بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ» ــ ياكى «بۆرە كېلىپ قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ».   زەك. 11‏:16. 13 ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ.
14‏-15 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. 2تىم. 2‏:19؛ مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 7‏:29. 16 بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. «بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ... شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ» ــ ھېچقانداق شۈبھە يوقكى، مۇشۇ يەردە «بۇ قوتاندىن بولمىغان»لار مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.   ئ‍ەز. 37‏:22.
17 ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. يەش. 53‏:12. 18 جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن. يـۇھ. 2‏:19.
19 بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. يـۇھ. 7‏:12؛ 9‏:16. 20 ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر:
ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى. يـۇھ. 7‏:20؛ 8‏:48، 52.
21 يەنە بەزىلەر بولسا:
ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى. مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9؛ 146‏:8
 
ئەيسانىڭ چەتكە قېقىلىشى
22 قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ــ (ئىبادەتخانىنى) «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» بولسا مىلادىيەدىن ئىلگىرى 164-يىلى «يەھۇدا ماككابۇس» ئىبادەتخانىنى يۇناندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى قايتىدىن خۇدانىڭ يولىغا ئاتاپ بېغىشلىغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان ھېيت. بۇ ھېيت يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھازىرغىچە «خاننۇكاھ» دەپ ئاتىلىدۇ. 23 ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى. 1پاد. 6‏:3؛ روس. 3‏:11؛ 5‏:12. 24 يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ:
ــ بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى. «بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟» ــ گرېك تىلىدا «جېنىمىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟».
25 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. يـۇھ. 5‏:36. 26 بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 27 مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. يـۇھ. 8‏:47. 28 مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. يـۇھ. 6‏:39؛ 17‏:12؛ 18‏:9. 29 ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ. 30 مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز. «مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز» ــ «قان» 39:32نى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ «بىر» دېگىنى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ خۇدائاتا بىلەن بىرگە بىر بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.   يەش. 54‏:5؛ يـۇھ. 5‏:19؛ 14‏:9؛ 17‏:5.
31 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى. يـۇھ. 8‏:59؛ 11‏:8.
32 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.
33 ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن. يـۇھ. 5‏:18.
34 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ «سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇن» ــ 17:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 6:82دە تېپىلىدۇ. تولۇق ئېيتساق «مەن ئېيتتىم: ــ سىلەر ئىلاھلار ئىكەنسىلەر؛ ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرىسىلەر» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە سوت مەجلىسىگە قاتناشقان «ئىلاھلار»غا، يەنى خۇدانىڭ خەلقىگە سوراقچى بولغان ياكى ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھەرقانداق ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەرگە ئېيتىلغانىدى. ئۇلار مۇشۇ ئىشتا، ھەممىنى سوراق قىلغۇچى خۇداغا ئوخشاپ كەتكەچكە، «ئىلاھلار» دېيىلىدۇ. 35-36-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «زەب.» 1:82دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.   زەب. 82‏:6 35 خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ) 36 نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ «نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟» ــ بۇ 36-ئايەت بويىچە، خۇدا «زەبۇر»دا «خۇدانىڭ سۆز-كالامى يەتكۈزۈلگەنلەر»نى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئۆزى دۇنياغا كەلگەندە، «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، بۇ قانداقمۇ كۇپۇرلۇق بولىدۇ؟   يـۇھ. 5‏:1؛ 6‏:27. 37 ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار. يـۇھ. 15‏:24. 38 بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر. يـۇھ. 14‏:11؛ 17‏:21.
39 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى. لۇقا 4‏:29؛ يـۇھ. 8‏:59. 40 ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. يـۇھ. 1‏:28؛ 3‏:23.
41 نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار:
ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى. 42 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
 
 

10:3 «ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ...» ــ «ئىشىك باقار» بەلكىم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ئايەت ھەم 4-ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك، «مىك.» 13:2 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

10:4 «ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ» ــ دېمىسەكمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى قويچىلار دەل شۇنداق يول بىلەن قويلارنى باقىدۇ. قويچى بارلىق قويلارغا ئىسىم قويۇپ ئۇلارنى بۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىدۇ. ئۇ دائىم «قويلىرىنى باشلايدۇ»، ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئادەتتە قويچىنىڭ قويلارنى «ھەيدەش»نىڭ ھېچ ھاجىتى يوق.

10:7 «قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ ئوتتۇرا شەرقتە پادىچىلار كېچىدە قويلارنى قوغداش ئۈچۈن قوتاننىڭ ئاغزىدا توغرىسىغا يېتىپ ئۇخلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى «قويلارنىڭ ئىشىكى» دەيدۇ. ئۇنداق قويچىلار ھەركۈنى «ئۆز قويلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ».

10:8 «مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى» ــ بۇ يەردە ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى «ئىسرائىلنى باققۇچىلار» دەپ ئاتىۋالغانلار ــ يەنى پەرىسىيلەر، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى، شۇنداقلا ئۆزىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان «ساختا مەسىھلەر» (مەسىلەن، «روس.» 36:5-37)دىن ئىبارەت. ئىسرائىلغا باققۇچى بولۇش كېرەك بولغانلار ئەكسىچە پادىدىن پايدا-مەنپەئەت ئالىدىغانلارغا ئايلاندۇرۇلغان («يەر.» 23-باب، «ئەز.» 34-بابنى كۆرۈڭ).

10:9 يـۇھ. 14‏:6.

10:10 «ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ» ــ «ئۆلتۈرۈش» گرېك تىلىدا «بوغۇزلاش».

10:11 «ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ» ــ «ياخشى پادىچى» بولغاندىن كېيىن باشقا خىل پادىچىلار بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

10:11 يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:11، 12، 15، 22، 23؛ مىك. 1‏:14؛ ئىبر. 13‏:20؛ 1پېت. 5‏:4.

10:12 «بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ» ــ ياكى «بۆرە كېلىپ قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ».

10:12 زەك. 11‏:16.

10:14‏-15 2تىم. 2‏:19؛ مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 7‏:29.

10:16 «بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ... شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ» ــ ھېچقانداق شۈبھە يوقكى، مۇشۇ يەردە «بۇ قوتاندىن بولمىغان»لار مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.

10:16 ئ‍ەز. 37‏:22.

10:17 يەش. 53‏:12.

10:18 يـۇھ. 2‏:19.

10:19 يـۇھ. 7‏:12؛ 9‏:16.

10:20 يـۇھ. 7‏:20؛ 8‏:48، 52.

10:21 مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9؛ 146‏:8

10:22 «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ــ (ئىبادەتخانىنى) «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» بولسا مىلادىيەدىن ئىلگىرى 164-يىلى «يەھۇدا ماككابۇس» ئىبادەتخانىنى يۇناندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى قايتىدىن خۇدانىڭ يولىغا ئاتاپ بېغىشلىغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان ھېيت. بۇ ھېيت يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھازىرغىچە «خاننۇكاھ» دەپ ئاتىلىدۇ.

10:23 1پاد. 6‏:3؛ روس. 3‏:11؛ 5‏:12.

10:24 «بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟» ــ گرېك تىلىدا «جېنىمىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟».

10:25 يـۇھ. 5‏:36.

10:27 يـۇھ. 8‏:47.

10:28 يـۇھ. 6‏:39؛ 17‏:12؛ 18‏:9.

10:30 «مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز» ــ «قان» 39:32نى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ «بىر» دېگىنى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ خۇدائاتا بىلەن بىرگە بىر بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

10:30 يەش. 54‏:5؛ يـۇھ. 5‏:19؛ 14‏:9؛ 17‏:5.

10:31 يـۇھ. 8‏:59؛ 11‏:8.

10:33 يـۇھ. 5‏:18.

10:34 «سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇن» ــ 17:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 6:82دە تېپىلىدۇ. تولۇق ئېيتساق «مەن ئېيتتىم: ــ سىلەر ئىلاھلار ئىكەنسىلەر؛ ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرىسىلەر» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە سوت مەجلىسىگە قاتناشقان «ئىلاھلار»غا، يەنى خۇدانىڭ خەلقىگە سوراقچى بولغان ياكى ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھەرقانداق ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەرگە ئېيتىلغانىدى. ئۇلار مۇشۇ ئىشتا، ھەممىنى سوراق قىلغۇچى خۇداغا ئوخشاپ كەتكەچكە، «ئىلاھلار» دېيىلىدۇ. 35-36-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «زەب.» 1:82دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.

10:34 زەب. 82‏:6

10:36 «نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟» ــ بۇ 36-ئايەت بويىچە، خۇدا «زەبۇر»دا «خۇدانىڭ سۆز-كالامى يەتكۈزۈلگەنلەر»نى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئۆزى دۇنياغا كەلگەندە، «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، بۇ قانداقمۇ كۇپۇرلۇق بولىدۇ؟

10:36 يـۇھ. 5‏:1؛ 6‏:27.

10:37 يـۇھ. 15‏:24.

10:38 يـۇھ. 14‏:11؛ 17‏:21.

10:39 لۇقا 4‏:29؛ يـۇھ. 8‏:59.

10:40 يـۇھ. 1‏:28؛ 3‏:23.