بۇ مۇھىم 31-32-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. ■يـۇھ. 12:23؛ 17:1. 33 بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن.■يـۇھ. 7:34؛ 8:21.
□13:1 «ئەيسا... بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى» ــ بۇ مۇھەببەت بەلكىم تۆۋەندىكى 1-20-ئايەتلەردە مۇخلىسلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشى، شۇنداقلا 13-18-بابلاردا خاتىرىلەنگەندەك ئۇلارغا كۆرسەتكەن سەۋر-تاقەت، كەچۈرۈم، مېھرىبانلىقىنى، ئاندىن ئاخىرىدا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا كېرەك.
■13:1 مات. 26:2؛ مار. 14:1؛ لۇقا 22:1.
■13:2 لۇقا 22:3؛ يـۇھ. 13:2.
■13:3 مات. 11:27؛ 28:18؛ يـۇھ. 3:35.
■13:6 مات. 3:14.
□13:10 «...بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ» ــ مۇشۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ بىزنىڭچە قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ «پۇت يۇيۇش» دېگەن بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ كرېستلىنىشنى قوبۇل قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ. شۇڭا، مۇخلىسلار بۇنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
■13:10 يـۇھ. 15:3.
■13:11 يـۇھ. 6:64.
■13:13 مات. 23:8،10؛ 1كور. 8:6؛ 12:3؛ فىل. 2:11.
□13:14 «ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك» ــ ئوقۇرمەنلەر مۇخلىسلارنىڭ مەسىھنى «ئۇستاز» ئاندىن «رەب» دەيدىغانلىقىنى (13-ئايەت)، لېكىن مەسىھ بولسا ئۆزىنى «رەب» ۋە «ئۇستاز» دەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ (13-14-ئايەت) ۋە شۇنداقلا تەرتىپنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىيالايدۇ.
■13:14 گال. 6:1، 2.
■13:15 1پېت. 2:21؛ 1يۇھ. 2:6.
■13:16 مات. 10:24؛ لۇقا 6:40؛ يـۇھ. 15:20.
□13:18 «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» ــ «زەب.» 9:41نى كۆرۈڭ.
■13:18 زەب. 41:9؛ مات. 26:23؛ 1يۇھ. 2:19
□13:19 «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر» ــ ياكى «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «ئۇ» (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر».
■13:19 يـۇھ. 14:29؛ 16:4.
■13:20 مات. 10:40؛ لۇقا 10:16.
■13:21 مات. 26:21؛ مار. 14:18؛ لۇقا 22:21؛ روس. 1:17؛ 1يۇھ. 2:19.
□13:23 «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ــ بەلكىم بۇ «بايان»نىڭ مۇئەللىپى روسۇل يۇھاننا. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■13:23 يـۇھ. 20:2؛ 21:7،20.
□13:26 «بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر» ــ داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىرسىگە بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرگەن ھالدا سۇنۇش چوڭقۇر مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئىدى.
■13:29 يـۇھ. 12:6.
□13:30 «بۇ چاغ كېچە ئىدى» ــ بۇ دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسىدىن باشقا، كۆچمە مەنىسى باردۇر. يۇقىرىدىكى 5:9، 9:11-10، 35:12-36دە ئەيسانىڭ «كۈندۈز» ۋە «قاراڭغۇلۇق» ياكى «كېچە» توغرۇلۇق سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.
□13:32 «ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ» ــ بىزنىڭ قارىشىمىزچە «ئۆزىدە» مۇشۇ يەردە «خۇدا ئۆزىدە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار مۇشۇ يەردە «ئۆزىدە» «مەسىھنىڭ ئۆزىدە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. «خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ» ــ ياكى (يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك) «خۇدا ئۇنى (ئىنسانئوغلىنىڭ) ئۆزىدە ئۇلۇغلايدۇ». بۇ مۇھىم 31-32-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
■13:32 يـۇھ. 12:23؛ 17:1.
■13:33 يـۇھ. 7:34؛ 8:21.
■13:34 لاۋ. 19:18؛ مات. 22:39؛ يـۇھ. 15:12؛ ئەف. 5:2؛ 1تېس. 4:9؛ 1پېت. 4:8؛ 1يۇھ. 3:23؛ 4:21.
■13:35 1يۇھ. 2:5؛ 4:20.
□13:36 «مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن» ــ «كېيىن ئەگىشىپ بارىسەن» ــ پېترۇس جىسمانىي تەرەپتىن (ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش يولىدا) پېترۇس رەبگە ئەگىشەلمىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى روھىي جەھەتتىكى «خۇدانىڭ يولىدا پىدا بولۇش» ئىدى. شۇ تەرەپتىمۇ پېترۇس ئەيساغا ئەگىشىشكە تەييار بولمىدى. ئۇ ئاۋۋال ئەيسادىن تېنىپ، ئاندىن قاتتىق توۋا قىلىش جەريانى ئارقىلىق، شۇنداقلا مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇ «كېيىن» تەييار بولىدۇ. مەسىھنىڭ «كېيىن ماڭا ئەگىشىسەن» دېگىنى بولسا، پېترۇس قاتتىق تېيىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەسەللى يەتكۈزىدىغان قىممەتلىك ۋەدە بولىدۇ.
■13:36 يـۇھ. 21:18؛ 2پېت. 1:14
■13:37 مات. 26:33؛ مار. 14:29؛ لۇقا 22:33.
□13:38 «خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» ــ گرېك تىلىدا «سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانمىغۇچە، خوراز چىللىمايدۇ».
■13:38 مات. 26:34؛ مار. 14:30؛ لۇقا 22:34.