4
ئېلىفازنىڭ سۆز قىلىشى •••• «ئادەم خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالمايدۇ»
تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟
بىراق كىم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋاتالايدۇ؟
قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن،
سەن جانسىز قوللارغا كۈچ بەرگەنسەن،
سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن،
تىزلىرى پۈكۈلگەنلەرنى يۆلىگەنسەن.
بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى،
شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ،
بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن،
سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ.«بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ!» ــ دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئېلىفازنىڭ «بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن» دېگىنى ئايۇپنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ناھايىتى يېنىك چاغلىغان بىر سۆزدۇر.
ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟
يوللىرىڭدىكى دۇرۇسلۇق ئۈمىدىڭنىڭ ئاساسى ئەمەسمىدى؟
ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟
دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟«كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟» ــ ئېلىفازنىڭ بايانى، شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق بۇنداق سۆزلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ھەردائىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ناتايىن. ئايۇپنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى: «بۇ دۇنيادا گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق ئادەمگە كۈلپەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئايۇپقا كۈلپەت كەلدى؛ شۇڭا ئۇ چوقۇم مەلۇم بىر ئېغىر گۇناھنى قىلغان» دەپ پەرەز قىلىدۇ. بۇ كۆزقاراشنى ئايۇپ قوبۇل قىلمىسىمۇ، لېكىن بۇنداق گەپلەر ئۇنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ ھەم ئۇنى خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى توغرىسىدا ئاساسەن خەۋىرى يوق ئىدى.
مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار،
ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ.ئايۇپ 15‏:35؛ زەب. 7‏:14-16؛ پەند. 22‏:8؛ يەش. 59‏:4؛ ھوش. 10‏:13؛ گال. 6‏:7، 8
تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ،
ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇلار يوقىلىپ كېتىدۇ.«نەپىسى» ــ «نەپسى» ئەمەس.  يەش. 11‏:4
10  شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى،
ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى بار بولسىمۇ،
شىر ئارسلانلىرىنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛«شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى بار بولسىمۇ،...» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى جىم بولىدۇ...».
11  باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ،
چىشى شىرنىڭ كۈچۈكلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ.
12  ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى،
قۇلىقىمغا بىر شىۋىرلىغان ئاۋاز كىردى،
13  تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا،
ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا،
14  قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى،
سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترىتىۋەتتى؛
15  كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛
بەدىنىمدىكى تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى.«بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى» ــ ئاندىن بۇ روھ ئېلىفازغا گەپ قىلىدۇ. «ئايۇپ» 1-2-بابتىكى خەۋەردىن قارىغاندا، روھنىڭ گېپى يالغان بولغاچقا، بۇ روھ شەيتاندىن كەلگەن يامان بىر روھ ئىكەنلىكىگە بىزدە قىلچە گۇمان يوق. تۆۋەندىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.
16  ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛
كۆز ئالدىمدا بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ؛
شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ «شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «سۈكۈت ئىچىدە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى».
17  «ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟
ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىدىن پاك بولالامدۇ؟«ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئىنسان بالىسى تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟».
18  مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن،
ھەتتا پەرىشتىلىرىنىمۇ «نادانلىق قىلغان!» دەپ ئەيىبلىگەن يەردە،ئايۇپ 15‏:15؛ 2پېت. 2‏:4
19  ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار،
لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟
ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ!«لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟» ــ روھ ئېيتقان بۇ سۆزلەر (17-21-ئايەتلەر) پۈتۈنلەي يالغان شىكايەت سۆزلىرىدۇر؛ چۈنكى بىز كىتابنىڭ بېشىدا خۇدانىڭ ئايۇپنى «مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپ» دەپ ئاتاپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى كۆرەلەيمىز. ھەممە روھلارنىڭ سۆزىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن! شۇنىڭ ئۈچۈن تەكىتلەيمىزكى، بارلىق «روھلارنىڭ سۆزلىرى»نى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ مۇقەددەس يازمىلار (تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل)دىكى تولۇق ھەقىقەتلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش تولىمۇ زۆرۈردۇر. «ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ!» ــ روھنىڭ مۇشۇ سۆزىنىڭ كۆچمە مەنىسى: ئىنسان بالىسى خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى قىلچە يەتمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر.دېمەك، ئىنسانلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى قەتئىي چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق ئايۇپنىڭ قارىشى ئۇنداق ئەمەستۇر. ئايۇپ: ــ گەرچە ئادەم ۋە خۇدانىڭ ئارىسىدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن زور ھاڭ پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ بەرىبىر ئۆز ۋىجدانىدا ھەققانىيلىق توغرىسىدىكى بىرخىل غىل-پال كۆرۈنىدىغان چۈشەنچىسى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
20  ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛
ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ.«ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ» ــ روھنىڭ بۇ سۆزى يەنىلا بىر ئالدامچىلىقتۇر؛ ئىنجىلغا ئاسەسەن، خۇدا ھەتتا قۇچقاچنىڭ يەرگە يىقىلغىنىنىمۇ نەزىرىگە ئالىدۇ.
21  ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟
ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!». «ئۇلار... ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!» ــ ئېلىفاز ئادەمنىڭ ھاياتىنى چېدىرغا ئوخشىتىدۇ؛ چېدىرنىڭ تانىلىرى يۇلۇنغادا چېدىر دەرھال غۇلاپ كېتىدۇ. ئېلىفازنىڭ بۇ سۆزىگە قارىغاندا، ھاياتنىڭ بىر مەقسىتى دانالىققا ئېرىشىشتۇر. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بار.
 
 

4:5 «بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ!» ــ دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئېلىفازنىڭ «بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن» دېگىنى ئايۇپنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ناھايىتى يېنىك چاغلىغان بىر سۆزدۇر.

4:7 «كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟» ــ ئېلىفازنىڭ بايانى، شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق بۇنداق سۆزلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ھەردائىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ناتايىن. ئايۇپنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى: «بۇ دۇنيادا گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق ئادەمگە كۈلپەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئايۇپقا كۈلپەت كەلدى؛ شۇڭا ئۇ چوقۇم مەلۇم بىر ئېغىر گۇناھنى قىلغان» دەپ پەرەز قىلىدۇ. بۇ كۆزقاراشنى ئايۇپ قوبۇل قىلمىسىمۇ، لېكىن بۇنداق گەپلەر ئۇنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ ھەم ئۇنى خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى توغرىسىدا ئاساسەن خەۋىرى يوق ئىدى.

4:8 ئايۇپ 15‏:35؛ زەب. 7‏:14-16؛ پەند. 22‏:8؛ يەش. 59‏:4؛ ھوش. 10‏:13؛ گال. 6‏:7، 8

4:9 «نەپىسى» ــ «نەپسى» ئەمەس.

4:9 يەش. 11‏:4

4:10 «شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى بار بولسىمۇ،...» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى جىم بولىدۇ...».

4:15 «بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى» ــ ئاندىن بۇ روھ ئېلىفازغا گەپ قىلىدۇ. «ئايۇپ» 1-2-بابتىكى خەۋەردىن قارىغاندا، روھنىڭ گېپى يالغان بولغاچقا، بۇ روھ شەيتاندىن كەلگەن يامان بىر روھ ئىكەنلىكىگە بىزدە قىلچە گۇمان يوق. تۆۋەندىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.

4:16 «شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «سۈكۈت ئىچىدە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى».

4:17 «ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئىنسان بالىسى تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟».

4:18 ئايۇپ 15‏:15؛ 2پېت. 2‏:4

4:19 «لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟» ــ روھ ئېيتقان بۇ سۆزلەر (17-21-ئايەتلەر) پۈتۈنلەي يالغان شىكايەت سۆزلىرىدۇر؛ چۈنكى بىز كىتابنىڭ بېشىدا خۇدانىڭ ئايۇپنى «مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپ» دەپ ئاتاپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى كۆرەلەيمىز. ھەممە روھلارنىڭ سۆزىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن! شۇنىڭ ئۈچۈن تەكىتلەيمىزكى، بارلىق «روھلارنىڭ سۆزلىرى»نى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ مۇقەددەس يازمىلار (تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل)دىكى تولۇق ھەقىقەتلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش تولىمۇ زۆرۈردۇر. «ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ!» ــ روھنىڭ مۇشۇ سۆزىنىڭ كۆچمە مەنىسى: ئىنسان بالىسى خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى قىلچە يەتمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر.دېمەك، ئىنسانلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى قەتئىي چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق ئايۇپنىڭ قارىشى ئۇنداق ئەمەستۇر. ئايۇپ: ــ گەرچە ئادەم ۋە خۇدانىڭ ئارىسىدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن زور ھاڭ پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ بەرىبىر ئۆز ۋىجدانىدا ھەققانىيلىق توغرىسىدىكى بىرخىل غىل-پال كۆرۈنىدىغان چۈشەنچىسى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

4:20 «ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ» ــ روھنىڭ بۇ سۆزى يەنىلا بىر ئالدامچىلىقتۇر؛ ئىنجىلغا ئاسەسەن، خۇدا ھەتتا قۇچقاچنىڭ يەرگە يىقىلغىنىنىمۇ نەزىرىگە ئالىدۇ.

4:21 «ئۇلار... ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!» ــ ئېلىفاز ئادەمنىڭ ھاياتىنى چېدىرغا ئوخشىتىدۇ؛ چېدىرنىڭ تانىلىرى يۇلۇنغادا چېدىر دەرھال غۇلاپ كېتىدۇ. ئېلىفازنىڭ بۇ سۆزىگە قارىغاندا، ھاياتنىڭ بىر مەقسىتى دانالىققا ئېرىشىشتۇر. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بار.