5
ئېلىفازنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشى
قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟
مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟ «مۇقەددەسلەر» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ،
قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. «قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ» ــ ياكى «كۆرمەسلىكى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ».
ئېلىفازنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: ئايۇپنىڭ ئاچچىقلىنىپ، خۇداغا قاقشىشى خەتەرلىك ئىش؛ خۇدا ئۇنىڭغا جاۋاب كەلمىگەن يەردە، خۇدا ۋە ئىنساننىڭ ئارىلىقىدا تۇرىدىغان بىر «كېلىشتۈرگۈچى»دىنمۇ ياردەم تىلەش پۈتۈنلەي بىھۇدە ئىش، دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛
لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم، «لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لېكىن مەن دەرھال ئۇنىڭ ماكانىغا لەنەت ئوقۇدۇم».
ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛
ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛
ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛
ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛
قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ،
كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس.
بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك،
ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر. «ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر» ــ ياكى «ئىنسان جاپا تارتىشقىمۇ تۇغۇلغاندۇر». كىرىش سۆزىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ بەرگەن پىكىرلىرىدە خېلى كۆپ خاتالىق يەرلىرى بار. كېيىن خۇدا شۇ خاتا گەپلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. 7:42-9نى كۆرۈڭ.
ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم،
مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم.
ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى،
سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. ئايۇپ 9‏:10؛ زەب. 72‏:18؛ رىم. 11‏:33
10  ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛
ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. زەب. 104‏:10
11  ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛
ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ. 1سام. 2‏:7؛ زەب. 113‏:7، 8
12  ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ،
نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ. «ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ» ــ بۇ ئايەت ئىنجىلدا («1كور.» 19:1) روسۇل پاۋلۇس تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، شۇڭا شۈبھىسىزكى ئۇنى توغرا دەپ بىلىمىز.   نەھ. 4‏:9؛ زەب. 33‏:10؛ يەش. 8‏:10
13  ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛
ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ. «ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ» ــ ئېلىفازنىڭ بۇ جۈملىسىمۇ ئىنجىلدا («1كور.» 19:3) روسۇل پاۋلۇس تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، شۇڭا شۈبھىسىزكى ئۇنىمۇ توغرا دەپ بىلىمىز.   1كور. 3‏:19
14  كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛
چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. قان. 28‏:29
15  بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ،
ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ.
16  شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ،
قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ. زەب. 107‏:42
17  قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر،
شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ! پەند. 3‏:11، 12؛ ئىبر. 12‏:5؛ ياق. 1‏:12؛ ۋەھ. 3‏:19
18  چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛
ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ. قان. 32‏:39؛ 1سام. 2‏:6؛ ھوش. 6‏:1
19  ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛
ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ. «... ئالتە قىيىنچىلىق... ... يەتتە كۈلپەتتە ... » ــ بۇ «ئالتە... يەتتە...» دېگەن ئىبارە «ھەرخىل...، ھەرقانداق...» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.   زەب. 91
20  ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە،
ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ.
21  سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن،
ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن.
22  ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن.
23  سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛
ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ. ھوش. 2‏:20
24  سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛
مال-مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.
25  نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى،
پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. «نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن» ــ ئېلىفاز ئايۇپنىڭ ئون بالىسىدىن ھەم بارلىق مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتى.
26  سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك،
پەقەت ۋاقىت-سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن.
27  بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر.
شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق».
 
 

5:1 «مۇقەددەسلەر» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

5:2 «قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ» ــ ياكى «كۆرمەسلىكى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ». ئېلىفازنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: ئايۇپنىڭ ئاچچىقلىنىپ، خۇداغا قاقشىشى خەتەرلىك ئىش؛ خۇدا ئۇنىڭغا جاۋاب كەلمىگەن يەردە، خۇدا ۋە ئىنساننىڭ ئارىلىقىدا تۇرىدىغان بىر «كېلىشتۈرگۈچى»دىنمۇ ياردەم تىلەش پۈتۈنلەي بىھۇدە ئىش، دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.

5:3 «لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لېكىن مەن دەرھال ئۇنىڭ ماكانىغا لەنەت ئوقۇدۇم».

5:7 «ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر» ــ ياكى «ئىنسان جاپا تارتىشقىمۇ تۇغۇلغاندۇر». كىرىش سۆزىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ بەرگەن پىكىرلىرىدە خېلى كۆپ خاتالىق يەرلىرى بار. كېيىن خۇدا شۇ خاتا گەپلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. 7:42-9نى كۆرۈڭ.

5:9 ئايۇپ 9‏:10؛ زەب. 72‏:18؛ رىم. 11‏:33

5:10 زەب. 104‏:10

5:11 1سام. 2‏:7؛ زەب. 113‏:7، 8

5:12 «ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ» ــ بۇ ئايەت ئىنجىلدا («1كور.» 19:1) روسۇل پاۋلۇس تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، شۇڭا شۈبھىسىزكى ئۇنى توغرا دەپ بىلىمىز.

5:12 نەھ. 4‏:9؛ زەب. 33‏:10؛ يەش. 8‏:10

5:13 «ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ» ــ ئېلىفازنىڭ بۇ جۈملىسىمۇ ئىنجىلدا («1كور.» 19:3) روسۇل پاۋلۇس تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، شۇڭا شۈبھىسىزكى ئۇنىمۇ توغرا دەپ بىلىمىز.

5:13 1كور. 3‏:19

5:14 قان. 28‏:29

5:16 زەب. 107‏:42

5:17 پەند. 3‏:11، 12؛ ئىبر. 12‏:5؛ ياق. 1‏:12؛ ۋەھ. 3‏:19

5:18 قان. 32‏:39؛ 1سام. 2‏:6؛ ھوش. 6‏:1

5:19 «... ئالتە قىيىنچىلىق... ... يەتتە كۈلپەتتە ... » ــ بۇ «ئالتە... يەتتە...» دېگەن ئىبارە «ھەرخىل...، ھەرقانداق...» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

5:19 زەب. 91

5:23 ھوش. 2‏:20

5:25 «نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن» ــ ئېلىفاز ئايۇپنىڭ ئون بالىسىدىن ھەم بارلىق مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتى.