9
ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلنى ئەۋەتىشى
مات. 10‏:5-15؛ مار. 6‏:7-13
ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 6‏:13. ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. مات. 10‏:7. ئۇ ئۇلارغا:
ــ سىلەر سەپەر ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار؛ بىرەر ئارتۇق يەكتەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. «خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».   مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 22‏:35. ۋە قايسى ئۆيگە قوبۇل قىلىنىپ كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار. «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار» ــ ياكى «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە چىقىپ-كىرىپ تۇرۇڭلار». كونا زامانلاردا پەيلاسوپلار ۋە «تەلىم بەرگۈچىلەر» ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئەمما مەسىھ مۇخلىسلىرى شۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە 7:10 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. «ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار!» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق» دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.   مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 10‏:11؛ روس. 13‏:51؛ 18‏:6.
مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.
ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە، «ھېرود ھاكىم» ــ مۇشۇ يەردە «ھاكىم» گرېك تىلىدىكى «تېترارق»نى بىلدۈرىدۇ. 1:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.   مات. 14‏:1؛ مار. 6‏:14. يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر قايتا پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى.
ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى.
 
بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇش
مات. 14‏:13-21؛ مار. 6‏:30-44؛ يـۇھ. 6‏:1-14
10 روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى. مات. 14‏:13؛ مار. 6‏:30،31،32. 11 بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى. 12 كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى. مات. 14‏:15؛ مار. 6‏:35؛ يـۇھ. 6‏:5.
13 لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى.
ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار. مات. 14‏:16؛ مار. 6‏:37؛ يـۇھ. 6‏:9. 14 چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى.
ئۇ مۇخلىسلارغا:
ــ خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى. «ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە» ــ بالا-چاقىلىرى ھېسابلانمىغان.
15 ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى. 16 ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. 1سام. 9‏:13. 17 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى. «سېۋەت» ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەتلەر.
 
پېترۇسنىڭ ئەيسانى «مەسىھ» دەپ تونۇشى
مات. 16‏:13-19؛ مار. 8‏:27-29
18 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن:
ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مات. 16‏:13؛ مار. 8‏:27.
19 ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى. مات. 14‏:2.
20 ئۇ ئۇلاردىن:
ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
پېترۇس جاۋاب بېرىپ: ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى. «سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن» ــ «مەسىھ» دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ مەسىھى» دېمەك، خۇدا تەيىنلەپ ئەۋەتكەن مەسىھ.
21 ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى. 22 ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى. مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7.
23 ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى:
ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!» ــ «مات.» 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.   مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 14‏:27. 24 چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25. 25 چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 26 چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. «ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە... قايتىپ كەلگىنىدە...» ــ «ئىنسانئوغلى» مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.   مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 12‏:9؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1يۇھ. 2‏:23. 27 لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. مات. 16‏:28؛ مار. 9‏:1.
 
ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى
مات. 17‏:1-8؛ مار. 9‏:2-8
28 بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. مات. 17‏:1؛ مار. 9‏:2. 29 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى. 30 ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەر ئىدى. 31 ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. «... ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى» ــ بۇ باياندا «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سۆز، گرېك تىلىدا «ئېكسودۇس» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئىسرائىل خەلقىنىڭ «مىسىردىن چىقىش»ىنى بىلدۈرگەنىدى. دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىنى مىسىرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزغاندەك، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ خەلقىنى گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن (ئۆز قۇربانلىقى ئارقىلىق) قۇتقۇزىدىغان بولىدۇ («1كور.» 1:10-11، ئىزاھاتلىرى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).
32 ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى. 33 ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا:
ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، ــ دېدى. «بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى» ــ بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
34 لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. 35 بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ:
ــ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! ــ دېدى. «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر...» ــ ياكى «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم...».   قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ روس. 3‏:22؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.
36 ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.
 
ئۇنىڭ جىن چاپلاشقان بالىنى ساقايتىشى
مات. 17‏:14-18؛ مار. 9‏:14-27
37 ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. مات. 17‏:14؛ مار. 9‏:17. 38 مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ:
ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. 39 مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. جىن ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. «مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى» ــ «روھ» شۈبھىسىزكى يامان روھ، جىننى كۆرسىتىدۇ. 40 مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى.
41 ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى.
42 بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. «جىن ئۇنى يىقىتىپ،...» ــ ياكى «جىن ئۇنى يىرتىپ...». 43 ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى:
44 ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا ساتقۇنلۇقتىن ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. مات. 17‏:22؛ مار. 9‏:31.
45 بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. «بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى» ــ كىم تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بىزنىڭچە شەيتان بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئىدى؛ چۈنكى مەسىھ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆلۈپ پىدا بولۇشىنى مۇخلىسلارنىڭ چۈشىنىشىنى خالايتتى (44-ئايەتتە).   لۇقا 2‏:50؛ 18‏:34.
 
خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟
مات. 18‏:1-5؛ مار. 9‏:33-37
46 ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. مات. 18‏:1؛ مار. 9‏:33؛ لۇقا 22‏:24. 47 ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، 48 ئۇلارغا:
ــ كىم مېنىڭ نامىمدا بۇ كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى بولسا ئۇلۇغ بولىدۇ، ــ دېدى. مات. 18‏:5؛ 23‏:11؛ مار. 9‏:37؛ لۇقا 10‏:16؛ 14‏:11؛ 18‏:14؛ يـۇھ. 13‏:20.
 
قارشى تۇرماسلىقنىڭ ئۆزى قوللىغانلىقتۇر
مار. 9‏:38-40
49  يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. مار. 9‏:38.
50 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى. مات. 12‏:30؛ لۇقا 11‏:23.
 
ئەيسانى قارشى ئالمىغان يېزا
51 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى. «ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى» ــ بۇ ئايەتتە مەسىھ ئەيسانىڭ «يېرۇسالېمغا بارىدىغان سەپەر»ى باشلىنىدۇ؛ سەپەرنىڭ «ئاخىرقى نۇقتا»سى بەلكىم 48:19دە تېپىلىدۇ.   مار. 16‏:19؛ روس. 1‏:2؛ 1تىم. 3‏:16. 52  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى. 53 بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى. «بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى» ــ سامارىيەلىكلەر ئادەتتە ئادەملەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىپ شۇ يەردە ئىبادەت قىلىشىنى ئۆچ كۆرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار: «بىزنىڭ سامارىيەمىزدە ھەقىقىي ئىبادەتخانا باردۇر» ــ دەيتتى.   يـۇھ. 4‏:9. 54 ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ:
ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى. «ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت ييېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئىلىياس پەيغەمبەردەك» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.
55 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى. «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى» دېيىلىدۇ. 56 ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى. يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47.
 
ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدىلى
مات. 8‏:19-22
57 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا:
ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى. مات. 8‏:19.
58 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.
59 ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە:
ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
لېكىن ئۇ:
ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. «رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن» ــ بۇ ئادەمنىڭ سۆزىدە ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەنىدى، بىراق تېخى يەرلىككە قويۇلمىغان؛ بىزنىڭچە بۇ شەرقتە مۇمكىن ئەمەس، ئادەم ئۆلگەندە دەرھال دەپنە قىلىش كېرەك؛ (2) شۇ دەۋردە يەھۇدىيەدە تۇرغانلار ئارىسىدا، ئۆلگۈچىلەرنى ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنە بىر دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغان ئۆرپ-ئادەت بار ئىدى (ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «يىللىق نەزىر»دەك). بۇ كىشى تېخى بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزمىگەن؛ (3) ئۇنىڭ ئاتىسى تىرىك. ئۇنداقتا مەنىسى «ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن ساڭا ئەگىشەيچۇ!» دېگەندەك.   مات. 8‏:21.
60 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى. «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەيلى بۇ كىشى ئاتىسىنىڭ «يىللىق دەپنە»سىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسۇن ياكى ئاتىسى تېخى تىرىك بولسۇن، رەبنىڭ بۇ جاۋابىدا «بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس؛ سەن ئۆزۈڭ «روھىي تىرىك» ئادەم بولساڭلا دېگىنىمدەك قىل، روھىي ھاياتنى يەتكۈزىدىغان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلا؛ سەن ئېيتقان بۇ ئىش «روھىي ئۆلگەنلەر»نىڭ ئىشى، خالاس» دېگەن ئىچكى مەنە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.   مات. 8‏:22.
61 يەنە بىرسى:
ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.
62 ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، ــ دېدى. «كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇ» ــ ئادەم قوش ھەيدىگەندە، كەينىگە قارىسا تۈز ھەيدىيەلمەيدۇ.   پەند. 26‏:11؛ فىل. 3‏:14؛ ئىبر. 6‏:5؛ 2پېت. 2‏:20.
 
 

9:1 مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 6‏:13.

9:2 مات. 10‏:7.

9:3 «خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».

9:3 مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 22‏:35.

9:4 «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار» ــ ياكى «ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە چىقىپ-كىرىپ تۇرۇڭلار». كونا زامانلاردا پەيلاسوپلار ۋە «تەلىم بەرگۈچىلەر» ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئەمما مەسىھ مۇخلىسلىرى شۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە 7:10 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.

9:5 «ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار!» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق» دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.

9:5 مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 10‏:11؛ روس. 13‏:51؛ 18‏:6.

9:7 «ھېرود ھاكىم» ــ مۇشۇ يەردە «ھاكىم» گرېك تىلىدىكى «تېترارق»نى بىلدۈرىدۇ. 1:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

9:7 مات. 14‏:1؛ مار. 6‏:14.

9:10 مات. 14‏:13؛ مار. 6‏:30،31،32.

9:12 مات. 14‏:15؛ مار. 6‏:35؛ يـۇھ. 6‏:5.

9:13 مات. 14‏:16؛ مار. 6‏:37؛ يـۇھ. 6‏:9.

9:14 «ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە» ــ بالا-چاقىلىرى ھېسابلانمىغان.

9:16 1سام. 9‏:13.

9:17 «سېۋەت» ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەتلەر.

9:18 مات. 16‏:13؛ مار. 8‏:27.

9:19 مات. 14‏:2.

9:20 «سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن» ــ «مەسىھ» دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ مەسىھى» دېمەك، خۇدا تەيىنلەپ ئەۋەتكەن مەسىھ.

9:22 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7.

9:23 «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!» ــ «مات.» 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.

9:23 مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 14‏:27.

9:24 مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25.

9:26 «ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە... قايتىپ كەلگىنىدە...» ــ «ئىنسانئوغلى» مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.

9:26 مات. 10‏:33؛ مار. 8‏:38؛ لۇقا 12‏:9؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1يۇھ. 2‏:23.

9:27 مات. 16‏:28؛ مار. 9‏:1.

9:28 مات. 17‏:1؛ مار. 9‏:2.

9:31 «... ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى» ــ بۇ باياندا «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سۆز، گرېك تىلىدا «ئېكسودۇس» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئىسرائىل خەلقىنىڭ «مىسىردىن چىقىش»ىنى بىلدۈرگەنىدى. دېمەك، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىنى مىسىرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزغاندەك، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ خەلقىنى گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ قۇللۇقىدىن (ئۆز قۇربانلىقى ئارقىلىق) قۇتقۇزىدىغان بولىدۇ («1كور.» 1:10-11، ئىزاھاتلىرى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ).

9:33 «بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى» ــ بۇ سۆز ۋە پۈتۈن ۋەقە توغرۇلۇق يەنە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

9:35 «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر...» ــ ياكى «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم...».

9:35 قان. 18‏:19؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ روس. 3‏:22؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.

9:37 مات. 17‏:14؛ مار. 9‏:17.

9:39 «مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى» ــ «روھ» شۈبھىسىزكى يامان روھ، جىننى كۆرسىتىدۇ.

9:42 «جىن ئۇنى يىقىتىپ،...» ــ ياكى «جىن ئۇنى يىرتىپ...».

9:44 مات. 17‏:22؛ مار. 9‏:31.

9:45 «بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى» ــ كىم تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بىزنىڭچە شەيتان بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئىدى؛ چۈنكى مەسىھ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆلۈپ پىدا بولۇشىنى مۇخلىسلارنىڭ چۈشىنىشىنى خالايتتى (44-ئايەتتە).

9:45 لۇقا 2‏:50؛ 18‏:34.

9:46 مات. 18‏:1؛ مار. 9‏:33؛ لۇقا 22‏:24.

9:48 مات. 18‏:5؛ 23‏:11؛ مار. 9‏:37؛ لۇقا 10‏:16؛ 14‏:11؛ 18‏:14؛ يـۇھ. 13‏:20.

9:49 مار. 9‏:38.

9:50 مات. 12‏:30؛ لۇقا 11‏:23.

9:51 «ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى» ــ بۇ ئايەتتە مەسىھ ئەيسانىڭ «يېرۇسالېمغا بارىدىغان سەپەر»ى باشلىنىدۇ؛ سەپەرنىڭ «ئاخىرقى نۇقتا»سى بەلكىم 48:19دە تېپىلىدۇ.

9:51 مار. 16‏:19؛ روس. 1‏:2؛ 1تىم. 3‏:16.

9:53 «بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى» ــ سامارىيەلىكلەر ئادەتتە ئادەملەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىپ شۇ يەردە ئىبادەت قىلىشىنى ئۆچ كۆرەتتى؛ چۈنكى ئۇلار: «بىزنىڭ سامارىيەمىزدە ھەقىقىي ئىبادەتخانا باردۇر» ــ دەيتتى.

9:53 يـۇھ. 4‏:9.

9:54 «ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت ييېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئىلىياس پەيغەمبەردەك» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.

9:55 «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى» دېيىلىدۇ.

9:56 يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47.

9:57 مات. 8‏:19.

9:59 «رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن» ــ بۇ ئادەمنىڭ سۆزىدە ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەنىدى، بىراق تېخى يەرلىككە قويۇلمىغان؛ بىزنىڭچە بۇ شەرقتە مۇمكىن ئەمەس، ئادەم ئۆلگەندە دەرھال دەپنە قىلىش كېرەك؛ (2) شۇ دەۋردە يەھۇدىيەدە تۇرغانلار ئارىسىدا، ئۆلگۈچىلەرنى ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنە بىر دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغان ئۆرپ-ئادەت بار ئىدى (ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «يىللىق نەزىر»دەك). بۇ كىشى تېخى بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزمىگەن؛ (3) ئۇنىڭ ئاتىسى تىرىك. ئۇنداقتا مەنىسى «ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن ساڭا ئەگىشەيچۇ!» دېگەندەك.

9:59 مات. 8‏:21.

9:60 «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەيلى بۇ كىشى ئاتىسىنىڭ «يىللىق دەپنە»سىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسۇن ياكى ئاتىسى تېخى تىرىك بولسۇن، رەبنىڭ بۇ جاۋابىدا «بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس؛ سەن ئۆزۈڭ «روھىي تىرىك» ئادەم بولساڭلا دېگىنىمدەك قىل، روھىي ھاياتنى يەتكۈزىدىغان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلا؛ سەن ئېيتقان بۇ ئىش «روھىي ئۆلگەنلەر»نىڭ ئىشى، خالاس» دېگەن ئىچكى مەنە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

9:60 مات. 8‏:22.

9:62 «كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇ» ــ ئادەم قوش ھەيدىگەندە، كەينىگە قارىسا تۈز ھەيدىيەلمەيدۇ.

9:62 پەند. 26‏:11؛ فىل. 3‏:14؛ ئىبر. 6‏:5؛ 2پېت. 2‏:20.