10
ئەيسانىڭ يەتمىش مۇخلىسىنى ئەۋەتىشى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، رەب مۇخلىسلاردىن يەنە يەتمىشىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى.«ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى» ــ «ئۆزىدىن بۇرۇن» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ يۈزىدىن بۇرۇن».
بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يەتمىش ئىككى» دېيىلىدۇ. ٪99 كۆچۈرمىلەردە «يەتمىش» دېيىلىدۇ. بۇ سان تەۋراتتىكى بىرنەچچە «خاسىيەتلىك سانلار»غا ماس كېلىدۇ؛ مەسىلەن، ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسى بار ئىدى ۋە 70 ئاقساقالى بار ئىدى («چۆل» 11:11نى كۆرۈڭ). ئەستايىدىل ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردىن مۇشۇ «70+12» دېگەن ئىككى ساننىڭ بىللە كەلگىنىنى كۆرىدۇ.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى:
ــ يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن. شۇڭا ھوسۇل ئىگىسىدىن كۆپرەك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ھوسۇلۇڭنى يىغىشقا ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار.«يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن» ــ «ھوسۇل» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئادەملەر «ئورمىچىلار»غا، يەنى ئۆزلىرىگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەرگە موھتاجدۇر. «ھوسۇلنىڭ ئىگىسى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە.  مات. 9‏:37؛ يـۇھ. 4‏:35؛ 2تېـس. 3‏:1. مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن.مات. 10‏:16. ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار.«خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى». «يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار» ــ ئاشۇ دەۋردىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا سالاملىشىشقا ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى.  2پاد. 4‏:29؛ مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3؛ 22‏:35. قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار.مات. 10‏:12؛ مار. 6‏:10. ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.«ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا...» ــ «ئاراملىق ئىگىسى» گرېك تىلىدا «ئاراملىقنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، ئامانلىقپەرۋەر بولۇپ، خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا خۇش خەۋەرنى قارشى ئالىدۇ. ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار.«ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر» ــ دېمەك، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. «ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» ــ دېمەك، خۇش خەۋەرگە ئېرىشىپ، روھىي پايدا كۆرگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خۇش خەۋەرچىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى تېگىشلىك ئىشتۇر. «ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار» ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇ-ئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.  لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ مات. 10‏:10؛ 1كور. 9‏:4،14؛ 10‏:27؛ 1تىم. 5‏:18.
سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار. ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار. «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» ــ مۇشۇ سۆز گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 11-ئايەتنى ۋە 20:11نىمۇ كۆرۈڭ. 10 بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە-كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە: مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 9‏:5. 11 «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار. «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىش» ــ مۇشۇ ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا يېقىنلاشتى!» ــ 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، بۇ سۆزلەر گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم مۇشۇ يەردە دەل شۇ مەنىدىدۇر.  روس. 13‏:51؛ 18‏:6. 12 مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.«شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ» ــ باشقا ئالاھىدە ۋاقىت كۆرسىتىلمىسە، «شۇ كۈنى» مۇقەددەس كىتابتا ھەردائىم قىيامەت كۈنىنى، يەنى مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. «سودوم شەھىرى» ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش جىنسلىقلار زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان.
 
ئەيسانى رەت قىلغانلار
مات. 11‏:20-24
13 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. «تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرى» ــ تۇر ۋە زىدون ئەسلى بۇتپەرەس يات ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. مەسىلەن، «ئەز.» 26-29-بابنى كۆرۈڭ. «ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى» ــ «بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىش» كونا زامانلاردا قاتتىق پۇشايمان قىلىش، گۇناھلارغا توۋا قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. 14 قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 15 ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر!«ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي سىلەر كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟». لېكىن بىزنىڭچە «ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دېگىنى توغرا بولۇپ، بۇ سۆز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن زور ئىمتىياز-ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ.
16 ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە:
ــ كىمدەكىم سىلەرنى تىڭشىسا، مېنىمۇ تىڭشىغان بولىدۇ؛ كىمدەكىم سىلەرنى چەتكە قاقسا، مېنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ؛ كىم مېنى چەتكە قاققان بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ، ــ دېدى.مات. 10‏:40؛ مار. 9‏:37؛ يـۇھ. 13‏:20.
 
يەتمىش مۇخلىسنىڭ قايتىپ كېلىشى
17 يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ:
ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى.«ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن!» ــ ئۇلار ئادەملەرنى ئازاد قىلىپ چاپلاشقان جىنلارنى ھەيدىگەن.
18 ئۇ ئۇلارغا:
ــ مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. «مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن» ــ گرېك تىلىدا «مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتاتتىم» ــ يەتمىش مۇخلىس ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندا ئەيسا ئۇلارنىڭ جىن-شەيتانلارنىڭ ئۈستىدىن بولغان غەلىبىسىنى كۆرۈۋاتاتتى.  ۋەھ. 12‏:8، 9. 19 مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. «مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم» ــ مۇشۇ ئايەتتە «يىلان-چايانلار» بەلكىم شەيتاننىڭ كۈچلىرى، يەنى جىن-ئالۋاستىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «دۈشمەن» بولسا شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.  مار. 16‏:18؛ روس. 28‏:5. 20 لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى.مىس. 32‏:32؛ يەش. 4‏:3؛ دان. 12‏:1؛ فىل. 4‏:3.
 
ئەيسانىڭ خۇشاللىقى
مات. 11‏:25-27؛ 13‏:16-17
21 شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى:
«ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.«شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى...» ــ «روھتا خۇشاللىنىپ...» بەلكىم ئۆز روھىدا خۇشاللاندى. بەزى ئالىملار «روھتا»نى «مۇقەددەس روھتا» دەپ چۈشىنىدۇ.  ئايۇپ 5‏:12؛ يەش. 29‏:14؛ مات. 11‏:25؛ 1كور. 1‏:19؛ 2‏:7، 8؛ 2كور. 3‏:14.
22 ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».زەب. 8‏:5-6؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 3‏:35؛ 6‏:44، 45؛ 17‏:2؛ 1كور. 15‏:27؛ فىل. 2‏:10؛ ئىبر. 2‏:8.
23 ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا:
سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر! «سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر!» ــ ياكى «سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر مۇبارەكتۇر». «مۇبارەك» ئەسلىدە «خۇدا تەرىپىدىن بەرىكەتلەنگەي» دېگەن مەنىدە.  مات. 13‏:16. 24 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى.1پېت. 1‏:10.
 
مېھرىبان سامارىيەلىك توغرىسىدىكى تەمسىل
25 ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ:
ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.«ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
26 ئۇ جاۋابەن: ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى.«بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟» ــ گرېك تىلىدا «بۇنى قانداق ئوقۇيسەن؟».
27 ھېلىقى كىشى جاۋابەن:
ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.«پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ «قان.» 5:6 ۋە «لاۋ.» 18:19.  لاۋ. 19‏:18؛ قان. 6‏:5؛ 10‏:12؛ 30‏:6؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8.
28 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى.«توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن» ــ «خۇدانى سۆيۈش» ئۈچۈن ئۇنى تونۇش كېرەك؛ ئۇنى تونۇش ئۈچۈن ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش كېرەك (22-ئايەتنى كۆرۈڭ).
29 لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ:
ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى.«لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ،...» ــ ياكى «لېكىن ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن...». «ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟» ــ يەھۇدىي ئۆلىمىلار ۋە ئۇستازلارغا نىسبەتەن «بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز» پەقەت «يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز» دەپ ھېسابلاش كېرەك ئىدى. يەھۇدىي ئەمەسلەر ۋە سامارىيەلىكلەر ھەرگىز «قوشنا» ھېسابلانمايتتى.
30 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ. 31 ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. «مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ» ــ مۇشۇ كاھىن يەھۇدىي بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەگەر ھېلىقى ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا تەگسە، «ناپاك ھېسابلىنىپ» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ۋاقىتلىق نالايىق بولاتتى. بىراق ئۇ «(يۇقىرىدىن) چۈشىۋاتىدۇ» ــ دېمەك، ئىبادەتخانىدىن باشقا يەرگە كېتىۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: «مۇشۇ ئۆلگەندەك ئادەمگە تەگسەم بولمايدۇ» دېگەن باھانىنى قىلىشى تېخىمۇ ئورۇنسىز ئىدى. چۈنكى ئۇ «ناپاك» بولۇپ قالسا، ئىبادەتخانىغا كىرىش كېرەك بولغان ۋاقىتقىچە ئاللىقاچان «پاقلىنىپ بولاتتى». 32 شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق روھانىي بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. «بىر لاۋىيلىق روھانىي» ــ لاۋىيلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا كاھىنلارغا ياردەمچى بولاتتى ۋە باشقا روھىي ئىشلار، جۈملىدىن تەلىم بېرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەگەر ھېلىقى كىشى ئۆلگەن بولسا، ئۇمۇ «ئۆلگەن ئادەم»گە تەگسەم «ناپاك بولىمەن»، دېگەننى باھانە قىلالايتتى. 33 لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ «بىر سامارىيەلىك...» ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار ئۆچ كۆرگەن، «كاپىر» دەپ ھېسابلىغان خەلق ئىدى. 34 ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. 35 ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ.«دىنار» ــ گرېك تىلىدا «دېنارىئۇس» ــ ئىككى دىنار بىر ئىشچىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ھەققىگە يېقىن.
36 ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن:
ــ سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە ھەقىقىي قوشنا بولغان؟ ــ دەپ سورىدى.«سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە ھەقىقىي قوشنا بولغان؟» ــ مۇشۇ تەمسىل بويىچە مۇھىم سوئال «قوشنام كىم؟» ئەمەس، بەلكى «مەن دېگەن كىم؟». مەسىھنىڭ تەمسلى بويىچە، مېنىڭ يېنىمدا تۇرغان ھەرقانداق كىشىگە (قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) «قوشنا بولۇش»ۇمغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، «مەن باشقىلارغا ھەقىقىي قوشنىمەن؟».
37 ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ مارتا ۋە مەريەمدە مېھمان بولۇشى
38 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى. «ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە يولدا كېتىۋېتىپ...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ...». 39 مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى. 40 ئەمدى مېھمانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن مارتا ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئى رەب، سىڭلىمنىڭ مېنى مېھمان كۈتكىلى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىغا كارىڭ بولمامدۇ؟ ئۇنى ماڭا ياردەملىشىشكە بۇيرۇغىن! ــ دېدى.
41 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ ئەي مارتا، مارتا، سەن كۆپ ئىشلارنىڭ غېمىنى يەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. «مارتا، مارتا،...» ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 42 بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر؛ ۋە مەريەم شۇنىڭدىن ئۆزىگە نېسىۋە بولىدىغان ياخشى ئۈلۈشنى تاللىدى؛ بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنمايدۇ ــ دېدى.«بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر» ــ بۇ نېمە ئىش؟ مەسىھنىڭ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بايانى توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
 
 

10:1 «ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى» ــ «ئۆزىدىن بۇرۇن» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ يۈزىدىن بۇرۇن». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يەتمىش ئىككى» دېيىلىدۇ. ٪99 كۆچۈرمىلەردە «يەتمىش» دېيىلىدۇ. بۇ سان تەۋراتتىكى بىرنەچچە «خاسىيەتلىك سانلار»غا ماس كېلىدۇ؛ مەسىلەن، ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسى بار ئىدى ۋە 70 ئاقساقالى بار ئىدى («چۆل» 11:11نى كۆرۈڭ). ئەستايىدىل ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردىن مۇشۇ «70+12» دېگەن ئىككى ساننىڭ بىللە كەلگىنىنى كۆرىدۇ.

10:2 «يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن» ــ «ھوسۇل» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئادەملەر «ئورمىچىلار»غا، يەنى ئۆزلىرىگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەرگە موھتاجدۇر. «ھوسۇلنىڭ ئىگىسى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە.

10:2 مات. 9‏:37؛ يـۇھ. 4‏:35؛ 2تېـس. 3‏:1.

10:3 مات. 10‏:16.

10:4 «خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى». «يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا توختىماڭلار» ــ ئاشۇ دەۋردىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا سالاملىشىشقا ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى.

10:4 2پاد. 4‏:29؛ مات. 10‏:9؛ مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3؛ 22‏:35.

10:5 مات. 10‏:12؛ مار. 6‏:10.

10:6 «ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا...» ــ «ئاراملىق ئىگىسى» گرېك تىلىدا «ئاراملىقنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، ئامانلىقپەرۋەر بولۇپ، خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا خۇش خەۋەرنى قارشى ئالىدۇ.

10:7 «ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر» ــ دېمەك، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. «ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» ــ دېمەك، خۇش خەۋەرگە ئېرىشىپ، روھىي پايدا كۆرگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خۇش خەۋەرچىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى تېگىشلىك ئىشتۇر. «ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار» ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇ-ئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.

10:7 لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ مات. 10‏:10؛ 1كور. 9‏:4،14؛ 10‏:27؛ 1تىم. 5‏:18.

10:9 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» ــ مۇشۇ سۆز گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 11-ئايەتنى ۋە 20:11نىمۇ كۆرۈڭ.

10:10 مات. 10‏:14؛ مار. 6‏:11؛ لۇقا 9‏:5.

10:11 «سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىش» ــ مۇشۇ ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا يېقىنلاشتى!» ــ 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، بۇ سۆزلەر گرېك تىلىدا يەنە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم مۇشۇ يەردە دەل شۇ مەنىدىدۇر.

10:11 روس. 13‏:51؛ 18‏:6.

10:12 «شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ» ــ باشقا ئالاھىدە ۋاقىت كۆرسىتىلمىسە، «شۇ كۈنى» مۇقەددەس كىتابتا ھەردائىم قىيامەت كۈنىنى، يەنى مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. «سودوم شەھىرى» ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش جىنسلىقلار زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان.

10:13 «تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرى» ــ تۇر ۋە زىدون ئەسلى بۇتپەرەس يات ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. مەسىلەن، «ئەز.» 26-29-بابنى كۆرۈڭ. «ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى» ــ «بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىش» كونا زامانلاردا قاتتىق پۇشايمان قىلىش، گۇناھلارغا توۋا قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.

10:15 «ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەي سىلەر كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟». لېكىن بىزنىڭچە «ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن» دېگىنى توغرا بولۇپ، بۇ سۆز ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقتىن ئۇلارغا كۆرسىتىلگەن زور ئىمتىياز-ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ.

10:16 مات. 10‏:40؛ مار. 9‏:37؛ يـۇھ. 13‏:20.

10:17 «ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن!» ــ ئۇلار ئادەملەرنى ئازاد قىلىپ چاپلاشقان جىنلارنى ھەيدىگەن.

10:18 «مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن» ــ گرېك تىلىدا «مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتاتتىم» ــ يەتمىش مۇخلىس ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندا ئەيسا ئۇلارنىڭ جىن-شەيتانلارنىڭ ئۈستىدىن بولغان غەلىبىسىنى كۆرۈۋاتاتتى.

10:18 ۋەھ. 12‏:8، 9.

10:19 «مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم» ــ مۇشۇ ئايەتتە «يىلان-چايانلار» بەلكىم شەيتاننىڭ كۈچلىرى، يەنى جىن-ئالۋاستىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «دۈشمەن» بولسا شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

10:19 مار. 16‏:18؛ روس. 28‏:5.

10:20 مىس. 32‏:32؛ يەش. 4‏:3؛ دان. 12‏:1؛ فىل. 4‏:3.

10:21 «شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى...» ــ «روھتا خۇشاللىنىپ...» بەلكىم ئۆز روھىدا خۇشاللاندى. بەزى ئالىملار «روھتا»نى «مۇقەددەس روھتا» دەپ چۈشىنىدۇ.

10:21 ئايۇپ 5‏:12؛ يەش. 29‏:14؛ مات. 11‏:25؛ 1كور. 1‏:19؛ 2‏:7، 8؛ 2كور. 3‏:14.

10:22 زەب. 8‏:5-6؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 3‏:35؛ 6‏:44، 45؛ 17‏:2؛ 1كور. 15‏:27؛ فىل. 2‏:10؛ ئىبر. 2‏:8.

10:23 «سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر!» ــ ياكى «سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر مۇبارەكتۇر». «مۇبارەك» ئەسلىدە «خۇدا تەرىپىدىن بەرىكەتلەنگەي» دېگەن مەنىدە.

10:23 مات. 13‏:16.

10:24 1پېت. 1‏:10.

10:25 «ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

10:26 «بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟» ــ گرېك تىلىدا «بۇنى قانداق ئوقۇيسەن؟».

10:27 «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ «قان.» 5:6 ۋە «لاۋ.» 18:19.

10:27 لاۋ. 19‏:18؛ قان. 6‏:5؛ 10‏:12؛ 30‏:6؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8.

10:28 «توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن» ــ «خۇدانى سۆيۈش» ئۈچۈن ئۇنى تونۇش كېرەك؛ ئۇنى تونۇش ئۈچۈن ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇش كېرەك (22-ئايەتنى كۆرۈڭ).

10:29 «لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ،...» ــ ياكى «لېكىن ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن...». «ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟» ــ يەھۇدىي ئۆلىمىلار ۋە ئۇستازلارغا نىسبەتەن «بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز» پەقەت «يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىز» دەپ ھېسابلاش كېرەك ئىدى. يەھۇدىي ئەمەسلەر ۋە سامارىيەلىكلەر ھەرگىز «قوشنا» ھېسابلانمايتتى.

10:31 «مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ» ــ مۇشۇ كاھىن يەھۇدىي بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەگەر ھېلىقى ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا تەگسە، «ناپاك ھېسابلىنىپ» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ۋاقىتلىق نالايىق بولاتتى. بىراق ئۇ «(يۇقىرىدىن) چۈشىۋاتىدۇ» ــ دېمەك، ئىبادەتخانىدىن باشقا يەرگە كېتىۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: «مۇشۇ ئۆلگەندەك ئادەمگە تەگسەم بولمايدۇ» دېگەن باھانىنى قىلىشى تېخىمۇ ئورۇنسىز ئىدى. چۈنكى ئۇ «ناپاك» بولۇپ قالسا، ئىبادەتخانىغا كىرىش كېرەك بولغان ۋاقىتقىچە ئاللىقاچان «پاقلىنىپ بولاتتى».

10:32 «بىر لاۋىيلىق روھانىي» ــ لاۋىيلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا كاھىنلارغا ياردەمچى بولاتتى ۋە باشقا روھىي ئىشلار، جۈملىدىن تەلىم بېرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەگەر ھېلىقى كىشى ئۆلگەن بولسا، ئۇمۇ «ئۆلگەن ئادەم»گە تەگسەم «ناپاك بولىمەن»، دېگەننى باھانە قىلالايتتى.

10:33 «بىر سامارىيەلىك...» ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار ئۆچ كۆرگەن، «كاپىر» دەپ ھېسابلىغان خەلق ئىدى.

10:35 «دىنار» ــ گرېك تىلىدا «دېنارىئۇس» ــ ئىككى دىنار بىر ئىشچىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ھەققىگە يېقىن.

10:36 «سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە ھەقىقىي قوشنا بولغان؟» ــ مۇشۇ تەمسىل بويىچە مۇھىم سوئال «قوشنام كىم؟» ئەمەس، بەلكى «مەن دېگەن كىم؟». مەسىھنىڭ تەمسلى بويىچە، مېنىڭ يېنىمدا تۇرغان ھەرقانداق كىشىگە (قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) «قوشنا بولۇش»ۇمغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، «مەن باشقىلارغا ھەقىقىي قوشنىمەن؟».

10:38 «ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە يولدا كېتىۋېتىپ...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ...».

10:41 «مارتا، مارتا،...» ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

10:42 «بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر» ــ بۇ نېمە ئىش؟ مەسىھنىڭ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بايانى توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.