2
ــ ئەمدى، ھەي كاھىنلار، بۇ ئەمر-پەرمان سىلەرگە چۈشتى: ــ
سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر شەرىپىمگە كۆڭۈل قويمىدىڭلار. لاۋ. 26‏:14؛ قان. 28‏:15 مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. «مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش، «ئۇرۇق» دېگەن سۆز ھەم زىرائەتلەرنىڭ دانلىرى ھەم ئادەم پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بۇ يەردە قەستەن ئىككى بىسلىق مەنىدە ئىشلىتىلگەن. «ھېيتىڭلاردىكى پوق» ــ ھېيتتىكى نۇرغۇن قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ پوقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ پوقلىرىنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ سىرتتا كۆيدۈرۈۋېتىش كاھىنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى (مەسىلەن، «مىس.» 14:29، «لاۋ.» 11:4). شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بۇ ئەمرنى ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، مەقسەت، مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىۋېرىشى ئۈچۈندۇر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.«مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەم» ــ «لاۋىي» ھەزرىتى ياقۇپنىڭ 12 ئوغلىدىن بىرى ئىدى، شۇڭا ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسىدىن بىرى بولغان. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا كاھىنلىق خىزمىتىنى لاۋىي قەبىلىسىگە تاپشۇرغان («مىس.» 32-باب، «چۆل.» 25-باب، «قان.» 8:11-33ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).
ــ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ھەم ئارام-خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنى مەندىن قورقسۇن دەپ بۇلارنى ئۇنىڭغا بەردىم؛ ئۇ مەندىن قورقۇپ نامىم ئالدىدا تىترىگەنىدى. ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان. چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر.
ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان.
 
خەلقنىڭ ۋاپاسىزلىقى
10 ــ بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقۇچى پەقەت بىرلا تەڭرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ھەربىرىمىز ئۆز قېرىندىشىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇلغايمىز؟ «بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟» ــ 10-17-ئايەتلەرگە قارىغاندا، «ئاتا» دېگەن خۇدانى كۆرسىتىدۇ. بىراق بەزى ئالىملار ئۇ «ھەزرىتى ئىبراھىم»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
11 يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى. «يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى» ــ «يات (ئەجنەبىي) بىر ئىلاھنىڭ قىزى» بۇ يەردە ئېيتىلغىنى، چەتئەللىك بىر قىز بىلەن توي قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇتقا چوقۇنىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلىش. 12 ئۇنداق قىلغۇچى، يەنى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نى ئېلىپ كەلگۈچى بولسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ.
13 سىلەر شۇنىڭدەك شۇنداق قىلىسىلەركى، قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر ــ چۈنكى ئۇ قۇربانلىق-ھەدىيىلەرگە ھېچ قارىمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ رازى بولماي قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلمايدىغان بولدى.«قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر» ــ مۇشۇ «كۆز ياشلىرى» خۇدا خەلقنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىنى (قۇربانلىقلار بۇلارغا قوشۇلغان بولسىمۇ) ئاڭلىمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن چىققان ياش بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار 14-ئايەتكە قارىغاندا كۆز ياشلىرىنى ۋاپاسىزلىققا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭكى، دەپ قارايدۇ (ئاياللار ئادەتتە قۇربانگاھ ئالدىدا كۆرۈنسە بولمايتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئازابلىق ياشلىرى خۇدا ئالدىدا «قۇربانگاھىمنى قاپلىغان» دەپ ھېسابلىغان). بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇقتەك بولغىنى بىلەن بىز بىرىنچى قاراشتا بولىمىز. 14 بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر.
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ. 15 خۇدا ئەر-ئايالنى بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ خۇدا نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن! «خۇدا ئەر-ئايالنى بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ خۇدا نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟» ــ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىلىرى ھەرخىل. ئۇلاردىن بىرى: «كىمدە روھتىن (يەنى، خۇدانىڭ روھىدىن) ئازراق بار بولسىلا، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ». ئىبرانىي تىلىدا بۇ يەرنى چۈشىنىش تەس. بەزى ئالىملارمۇ بۇ ئايەتنى ئىبراھىمنىڭ پەرزەنت كۆرەي دەپ، ھەجەرنى ئېلىشى ساراھقا بىر خىل ۋاپاسىزلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. بىراق ئومۇمىي مەنىسى ھەممىگە ئايانكى، خۇدا ۋاپاسىزلىققا ۋە (گەرچە تەۋرات دەۋرىدە خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق تالاق بېرىشكە رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ) تالاق بېرىشكە ئۆچ (16-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 16 چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ــ شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار!«مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن» ــ كونا زامانلاردا بىرسى ئۆز چاپىنىنى ياكى تونىنى مەلۇم بىر قىزنىڭ ئۈستىگە ياپقان بولسا، بۇ ھەرىكەت بۇ قىزغا قوغدىغۇچى بولىمەن، ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن، دېگەننى بىلدۈرەتتى («رۇت» 3-باب، «ئەز. » 16-بابنى كۆرۈڭ). بىراق مۇشۇنداق ئەرلەر ئاياللىرىغا قوغدىغۇچى بولمايلا قالماستىن، ئۇلارغا ھەرخىل زۇلۇم-زورلۇقلارنى قىلاتتى ياكى ئاخىرىدا ئۇلارنى تالاق قىلاتتى؛ ئاندىن كېيىن (11-ئايەت) بۇتپەرەس قىز بىلەن توي قىلاتتى.
باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ««چۈنكى ئۇ جورىسىغا ئۆچ بولۇپ، ئۇنى تالاق قىلغان ۋە شۇنداقلا زوراۋانلىق بىلەن تونىنى ياپقان» ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، تەۋرات دەۋرىدە پەرۋەردىگارنىڭ: «ئۆچمەنلىك تالاق بېرىشكە سەۋەب بولمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمىنى بىلدۈرىدۇ.
 
ئەھدە ئەلچىسى كېلىدۇ - تەييار بولۇڭلار!
17 ــ سىلەر سۆزلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىدىڭلار، ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويماپتۇق؟» ــ دەيسىلەر.
سەۋر-تاقىتىنى قويمىغانلىقىڭلار بولسا دەل: «رەزىللىك قىلغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»؛ ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزگۈچى خۇدا زادى نەدىدۇر؟» ــ دېگىنىڭلەردە بولمامدۇ!
 
 

2:2 لاۋ. 26‏:14؛ قان. 28‏:15

2:3 «مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش، «ئۇرۇق» دېگەن سۆز ھەم زىرائەتلەرنىڭ دانلىرى ھەم ئادەم پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بۇ يەردە قەستەن ئىككى بىسلىق مەنىدە ئىشلىتىلگەن. «ھېيتىڭلاردىكى پوق» ــ ھېيتتىكى نۇرغۇن قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ پوقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ پوقلىرىنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ سىرتتا كۆيدۈرۈۋېتىش كاھىنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى (مەسىلەن، «مىس.» 14:29، «لاۋ.» 11:4).

2:4 «مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەم» ــ «لاۋىي» ھەزرىتى ياقۇپنىڭ 12 ئوغلىدىن بىرى ئىدى، شۇڭا ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسىدىن بىرى بولغان. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا كاھىنلىق خىزمىتىنى لاۋىي قەبىلىسىگە تاپشۇرغان («مىس.» 32-باب، «چۆل.» 25-باب، «قان.» 8:11-33ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).

2:10 «بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟» ــ 10-17-ئايەتلەرگە قارىغاندا، «ئاتا» دېگەن خۇدانى كۆرسىتىدۇ. بىراق بەزى ئالىملار ئۇ «ھەزرىتى ئىبراھىم»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

2:11 «يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى» ــ «يات (ئەجنەبىي) بىر ئىلاھنىڭ قىزى» بۇ يەردە ئېيتىلغىنى، چەتئەللىك بىر قىز بىلەن توي قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇتقا چوقۇنىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلىش.

2:13 «قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر» ــ مۇشۇ «كۆز ياشلىرى» خۇدا خەلقنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرىنى (قۇربانلىقلار بۇلارغا قوشۇلغان بولسىمۇ) ئاڭلىمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن چىققان ياش بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار 14-ئايەتكە قارىغاندا كۆز ياشلىرىنى ۋاپاسىزلىققا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭكى، دەپ قارايدۇ (ئاياللار ئادەتتە قۇربانگاھ ئالدىدا كۆرۈنسە بولمايتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئازابلىق ياشلىرى خۇدا ئالدىدا «قۇربانگاھىمنى قاپلىغان» دەپ ھېسابلىغان). بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇقتەك بولغىنى بىلەن بىز بىرىنچى قاراشتا بولىمىز.

2:15 «خۇدا ئەر-ئايالنى بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ خۇدا نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟» ــ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ تەرجىمىلىرى ھەرخىل. ئۇلاردىن بىرى: «كىمدە روھتىن (يەنى، خۇدانىڭ روھىدىن) ئازراق بار بولسىلا، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ». ئىبرانىي تىلىدا بۇ يەرنى چۈشىنىش تەس. بەزى ئالىملارمۇ بۇ ئايەتنى ئىبراھىمنىڭ پەرزەنت كۆرەي دەپ، ھەجەرنى ئېلىشى ساراھقا بىر خىل ۋاپاسىزلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. بىراق ئومۇمىي مەنىسى ھەممىگە ئايانكى، خۇدا ۋاپاسىزلىققا ۋە (گەرچە تەۋرات دەۋرىدە خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق تالاق بېرىشكە رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ) تالاق بېرىشكە ئۆچ (16-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).

2:16 «مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن» ــ كونا زامانلاردا بىرسى ئۆز چاپىنىنى ياكى تونىنى مەلۇم بىر قىزنىڭ ئۈستىگە ياپقان بولسا، بۇ ھەرىكەت بۇ قىزغا قوغدىغۇچى بولىمەن، ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن، دېگەننى بىلدۈرەتتى («رۇت» 3-باب، «ئەز. » 16-بابنى كۆرۈڭ). بىراق مۇشۇنداق ئەرلەر ئاياللىرىغا قوغدىغۇچى بولمايلا قالماستىن، ئۇلارغا ھەرخىل زۇلۇم-زورلۇقلارنى قىلاتتى ياكى ئاخىرىدا ئۇلارنى تالاق قىلاتتى؛ ئاندىن كېيىن (11-ئايەت) بۇتپەرەس قىز بىلەن توي قىلاتتى. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ««چۈنكى ئۇ جورىسىغا ئۆچ بولۇپ، ئۇنى تالاق قىلغان ۋە شۇنداقلا زوراۋانلىق بىلەن تونىنى ياپقان» ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، تەۋرات دەۋرىدە پەرۋەردىگارنىڭ: «ئۆچمەنلىك تالاق بېرىشكە سەۋەب بولمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمىنى بىلدۈرىدۇ.