14
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
مار. 6‏:14-29؛ لۇقا 9‏:7-9
ئۇ چاغلاردا، ھېرود ھاكىم ئەيسانىڭ نام-شۆھرىتىدىن خەۋەر تېپىپ، «ھېرود ھاكىم» ــ «ھاكىم» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز «زېمىننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى تۆت قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، ھەربىر قىسمىنىڭ «تېترارق»ى بار ئىدى.
ھېرودنىڭ تولۇق ئىسمى «ھېرود ئانتىپاس» بولۇپ، بەزى يەرلەردە «ھېرود پادىشاھ» ياكى «ھېرود خان» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ گالىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاكىسى «ھېرود ئارخېلائۇس» ئىدى (22:2).

«ھېرودلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
   مار. 6‏:14؛ لۇقا 9‏:7. خىزمەتكارلىرىگە:
ــ بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسەتمەكتە، ــ دېدى.
ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. «ھېرود... ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى» ــ يەھيانى تۇتۇش «ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن» ــ ھېرود بەلكىم ھېرودىيەنىڭ بىۋاسىتە تەلىپىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ھېرود ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى فىلىپتىن تارتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ئاجرىشىشقا قايىل قىلىپ، ھېرودىيە بىلەن ئۆزى توي قىلغانىدى.
   مار. 6‏:17؛ لۇقا 3‏:19. چۈنكى يەھيا ھېرودقا تەنبىھ بېرىپ: «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» ــ «لاۋ.» 18:16، 21:20دە، بىرسىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ھايات ئەھۋالدا، بىرىنىڭ ئايالىنى يەنە بىرى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.   لاۋ. 18‏:16. ھېرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى. مات. 21‏:26.
ئەمما ھېرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەنگەندە، ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرودقا بەك ياقتى؛ «ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى» ــ «ھېرودىيەنىڭ قىزى» ــ ھېرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى.   يار. 40‏:20؛ مار. 6‏:21. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھەرنېمە تىلىسەڭ شۇنى ساڭا بېرەي، دەپ قەسەم قىلدى. ھاك. 11‏:30. لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن:
ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكەلسىلە، ــ دېدى. پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، كاللىسىنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. «پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ،...» ــ ھېرود ھاكىم بەزىدە «پادىشاھ» دېيىلەتتى. 10 ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. 11 شۇنىڭ بىلەن كاللىسى بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. 12  يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بولسا بېرىپ، جەسەتنى ئېلىپ دەپنە قىلدى؛ ئاندىن بېرىپ ئەيساغا بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلدى.
 
ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى تويغۇزۇشى
مار. 6‏:30-44؛ لۇقا 9‏:10-17؛ يـۇھ. 6‏:1-14
13 ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز پىنھان بىر جايغا كېتەي دەپ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. خالايىق بۇنىڭ خەۋىرىنى تاپقاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. مات. 12‏:15؛ مار. 6‏:31؛ لۇقا 9‏:10. 14 ئۇ قىرغاققا چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى. مات. 9‏:36؛ يـۇھ. 6‏:5.
15 كەچ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئاندىن ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوزۇق سېتىۋالسۇن، ــ دېدى. مار. 6‏:35؛ لۇقا 9‏:12.
16 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى.
17 لېكىن مۇخلىسلار:
ــ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، ــ دېيىشتى.
18 ئۇ: ــ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى.
19 ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 1سام. 9‏:13. 20 ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. «مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى... تېرىۋالدى». مۇخلىسلار ئىكەنلىكى «مات.» 9:16-10دە ئىسپاتلىنىدۇ. «لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى» ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەت. 21 ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى.
 
سۇ ئۈستىدە مېڭىش
مار. 6‏:45-52؛ يـۇھ. 6‏:16-21
22 ئارقىدىلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغۇچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. مار. 6‏:45؛ يـۇھ. 6‏:17. 23 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خىلۋەت تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. مار. 6‏:46؛ يـۇھ. 6‏:15. 24 بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى، لېكىن شامال قارشى يۆنلىشىتىن چىقىۋاتقاچقا، كېمە دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تۇراتتى. «كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى» ــ ياكى «كېمە دېڭىز ئوتتۇرىسىدا يۈرگەندىدى...».
25 كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. «كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا...» ــ بىر كېچە تۆت جېسەككە بۆلۈنەتتى؛ شۇڭا بۇ ۋاقىت تاڭ ئاتاي دېگەن ۋاقىت ئىدى. 26 مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ــ ئالۋاستى ئىكەن! ــ دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى.
27 لېكىن ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:
ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى.
28 پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ ئى رەب، بۇ سەن بولساڭ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭغا بېرىشىمغا ئەمر قىلغايسەن، ــ دېدى.
29 كەل، ــ دېدى ئۇ.
پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيساغا قاراپ كېتىۋاتاتتى؛ 30 لېكىن بوراننىڭ قاتتىق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى: ــ رەب، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
31 ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:
ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىز بەندە، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ ــ دېدى.
32 ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. 33 كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ:
ــ بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دېيىشتى.
 
ئەيسانىڭ گىننىسارەتتە بىمارلارنى ساقايتىشى
مار. 6‏:53-56
34 ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، گىننىسارەت يۇرتىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. مار. 6‏:53. 35 ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ 36 ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى.
 
 

14:1 «ھېرود ھاكىم» ــ «ھاكىم» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز «زېمىننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى پەلەستىننى تۆت قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، ھەربىر قىسمىنىڭ «تېترارق»ى بار ئىدى. ھېرودنىڭ تولۇق ئىسمى «ھېرود ئانتىپاس» بولۇپ، بەزى يەرلەردە «ھېرود پادىشاھ» ياكى «ھېرود خان» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ گالىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاكىسى «ھېرود ئارخېلائۇس» ئىدى (22:2). «ھېرودلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

14:1 مار. 6‏:14؛ لۇقا 9‏:7.

14:3 «ھېرود... ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى» ــ يەھيانى تۇتۇش «ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن» ــ ھېرود بەلكىم ھېرودىيەنىڭ بىۋاسىتە تەلىپىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھېرود ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى فىلىپتىن تارتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ئاجرىشىشقا قايىل قىلىپ، ھېرودىيە بىلەن ئۆزى توي قىلغانىدى.

14:3 مار. 6‏:17؛ لۇقا 3‏:19.

14:4 «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» ــ «لاۋ.» 18:16، 21:20دە، بىرسىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ھايات ئەھۋالدا، بىرىنىڭ ئايالىنى يەنە بىرى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

14:4 لاۋ. 18‏:16.

14:5 مات. 21‏:26.

14:6 «ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى» ــ «ھېرودىيەنىڭ قىزى» ــ ھېرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى.

14:6 يار. 40‏:20؛ مار. 6‏:21.

14:7 ھاك. 11‏:30.

14:9 «پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ،...» ــ ھېرود ھاكىم بەزىدە «پادىشاھ» دېيىلەتتى.

14:13 مات. 12‏:15؛ مار. 6‏:31؛ لۇقا 9‏:10.

14:14 مات. 9‏:36؛ يـۇھ. 6‏:5.

14:15 مار. 6‏:35؛ لۇقا 9‏:12.

14:19 1سام. 9‏:13.

14:20 «مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى... تېرىۋالدى». مۇخلىسلار ئىكەنلىكى «مات.» 9:16-10دە ئىسپاتلىنىدۇ. «لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى» ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەت.

14:22 مار. 6‏:45؛ يـۇھ. 6‏:17.

14:23 مار. 6‏:46؛ يـۇھ. 6‏:15.

14:24 «كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى» ــ ياكى «كېمە دېڭىز ئوتتۇرىسىدا يۈرگەندىدى...».

14:25 «كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا...» ــ بىر كېچە تۆت جېسەككە بۆلۈنەتتى؛ شۇڭا بۇ ۋاقىت تاڭ ئاتاي دېگەن ۋاقىت ئىدى.

14:34 مار. 6‏:53.