15
ئەنئەنىمىز مۇھىممۇ ياكى خۇدانىڭ ئەمرى مۇھىممۇ ــ ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟
مار. 7‏:1-23
بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:مار. 7‏:1. ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى يۇماي تاماق يەيدىكەنغۇ، ــ دېدى.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.«ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» ــ بۇ ئەمرلەر تەۋرات «مىس.» 12:20، 17، «لاۋ.» 9:20 ۋە «قان.» 16:5دە خاتىرىلىنىدۇ.  مىس. 20‏:12؛ 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 5‏:16؛ پەند. 20‏:20؛ ئ‍ەف. 6‏:2. لېكىن سىلەر: ــ ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار.«ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار» ــ مەسىھنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «خۇداغا ئاتىغان تەئەللۇقاتلار» تېخى ئاتىغۇچى كىشىنىڭ قولىدا تۇرغاندا، ئۇلاردىن پايدىلىنىۋەرسە بولاتتى. شۇ كىشى بەلكىم تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىن...» ياكى «مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن...» «ئىبادەتخانىغا تاپشۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان بولسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىساللار تېپىلىدۇ.
پەرىيسىلەر ئۆگەتكەن شۇ ھىيلە-مىكىر: «مال-مۈلكۈڭنى خۇداغا ئاتالغان («قۇربان قىلغان») قىلغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولىدۇ» ئەمەس، بەلكى «(شۇنداق قىلغان بولساڭ) خەۋەر ئېلىشىڭغا بولمايدۇ» دېگەندەك. ئۇلار شۈبھىسىزكى ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن مەلۇم بىر پايدا كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە.
  مار. 7‏:13؛ 1تىم. 4‏:3؛ 2تىم. 3‏:2. ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ
«مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن،
بىراق قەلبى مەندىن يىراق.يەش. 29‏:13؛ ئ‍ەز. 33‏:31؛ مار. 7‏:6.
ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».«... ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس» ــ (8-9-ئايەتلەر) «يەش.» 13:29.  يەش. 29‏:13؛ مار. 7‏:6، 7؛ كول. 2‏:18، 20، 22.
 
ھەقىقىي ناپاكلىق
10 ئاندىن ئۇ خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:
ــ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، مار. 7‏:14. 11 ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، ــ دېدى.روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:17،20؛ تىت. 1‏:15.
12 كېيىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەرىسىيلەر ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ رەنجىگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.
13 لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
ــ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ. يـۇھ. 15‏:2. 14 سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.يەش. 42‏:19؛ لۇقا 6‏:39.
15 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسەن، ــ دېدى.مار. 7‏:17.
16 لېكىن ئۇ: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنچىگە ئېرىشىمىدىڭلار؟! ــ دېدى. 17 ئېغىزغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەنمەمسىلەر؟ 18 لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇدۇر. 19 چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ. يار. 6‏:5؛ 8‏:21؛ پەند. 6‏:14؛ يەر. 17‏:9. 20 ئىنساننى ناپاك قىلىدىغانلار مانا شۇلاردۇر؛ يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ.
 
يات ئەللىك ئايالنىڭ ئېتىقادى
مار. 7‏:24-30
21 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى. «ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى» ــ ئۇ يەر «چەتئەللىكلەر» تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ، مەسىھنىڭ شۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىتى، ئۆز خەلقىدىن بىر ۋاقىت ئايرىلىپ ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.  مار. 7‏:24. 22 مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى.
23 لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
24 ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ:
ــ مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.مات. 10‏:6؛ روس. 13‏:46.
25 ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ:
ــ رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.
26 ئۇ ئۇنىڭغا:
ــ بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، ــ دېدى.«بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس» ــ مەسىھ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسىنى، يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، دەپ تەكىتلەيدۇ. «كىچىك ئىتلار» بەلكىم ھاقارەتلىك سۆز بولماي، ئۆيدىكى ئارزۇلۇق پىستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم ۋەقە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
27 لېكىن ھېلىقى ئايال:
ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، ــ دېدى.
28 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
 
نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ساقايتىلىشى
29 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، گالىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. مار. 7‏:31. 30 ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. يەش. 29‏:18؛ 35‏:5؛ مات. 11‏:5؛ لۇقا 7‏:22. 31 شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى.
 
تۆت مىڭ ئادەمنىڭ تويغۇزۇلۇشى
مار. 8‏:1-10
32 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:
ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى.مار. 8‏:1.
33 مۇخلىسلار ئۇنىڭغا:
ــ بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ ــ دېيىشتى.
34 ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، ــ دېيىشتى ئۇلار.
35 بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. 36 ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. 1سام. 9‏:13. 37 ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. 38 تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. 39 ئۇ خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يۇرتىنىڭ چەت يەرلىرىگە باردى.
 
 

15:1 مار. 7‏:1.

15:4 «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» ــ بۇ ئەمرلەر تەۋرات «مىس.» 12:20، 17، «لاۋ.» 9:20 ۋە «قان.» 16:5دە خاتىرىلىنىدۇ.

15:4 مىس. 20‏:12؛ 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 5‏:16؛ پەند. 20‏:20؛ ئ‍ەف. 6‏:2.

15:6 «ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار» ــ مەسىھنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «خۇداغا ئاتىغان تەئەللۇقاتلار» تېخى ئاتىغۇچى كىشىنىڭ قولىدا تۇرغاندا، ئۇلاردىن پايدىلىنىۋەرسە بولاتتى. شۇ كىشى بەلكىم تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىن...» ياكى «مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن...» «ئىبادەتخانىغا تاپشۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان بولسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىساللار تېپىلىدۇ. پەرىيسىلەر ئۆگەتكەن شۇ ھىيلە-مىكىر: «مال-مۈلكۈڭنى خۇداغا ئاتالغان («قۇربان قىلغان») قىلغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولىدۇ» ئەمەس، بەلكى «(شۇنداق قىلغان بولساڭ) خەۋەر ئېلىشىڭغا بولمايدۇ» دېگەندەك. ئۇلار شۈبھىسىزكى ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن مەلۇم بىر پايدا كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە.

15:6 مار. 7‏:13؛ 1تىم. 4‏:3؛ 2تىم. 3‏:2.

15:8 يەش. 29‏:13؛ ئ‍ەز. 33‏:31؛ مار. 7‏:6.

15:9 «... ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس» ــ (8-9-ئايەتلەر) «يەش.» 13:29.

15:9 يەش. 29‏:13؛ مار. 7‏:6، 7؛ كول. 2‏:18، 20، 22.

15:10 مار. 7‏:14.

15:11 روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:17،20؛ تىت. 1‏:15.

15:13 يـۇھ. 15‏:2.

15:14 يەش. 42‏:19؛ لۇقا 6‏:39.

15:15 مار. 7‏:17.

15:19 يار. 6‏:5؛ 8‏:21؛ پەند. 6‏:14؛ يەر. 17‏:9.

15:21 «ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى» ــ ئۇ يەر «چەتئەللىكلەر» تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ، مەسىھنىڭ شۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىتى، ئۆز خەلقىدىن بىر ۋاقىت ئايرىلىپ ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.

15:21 مار. 7‏:24.

15:24 مات. 10‏:6؛ روس. 13‏:46.

15:26 «بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس» ــ مەسىھ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسىنى، يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، دەپ تەكىتلەيدۇ. «كىچىك ئىتلار» بەلكىم ھاقارەتلىك سۆز بولماي، ئۆيدىكى ئارزۇلۇق پىستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم ۋەقە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

15:29 مار. 7‏:31.

15:30 يەش. 29‏:18؛ 35‏:5؛ مات. 11‏:5؛ لۇقا 7‏:22.

15:32 مار. 8‏:1.

15:36 1سام. 9‏:13.