16
پەرىسىيلەرنىڭ «مۆجىزىلىك ئالامەت» كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشى
مار. 8‏:11-13؛ لۇقا 12‏:54-56
ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى.«پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار» ــ «پەرىسىيلەر» بولسا تەۋرات قانۇنىغا قاتمۇ-قات تۈرلۈك باشقا قائىدە-نىزاملارنى قوشقان قاتتىق تەلەپچان دىنىي ئېقىم ئىدى. «سادۇقىيلار» دېگەن دىنىي ئېقىمىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئۇلارغا ئوخشاش بولغىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر قىسىملىرىنى قوبۇل قىلماي، پەقەت تەۋراتتىكى 1-5-قىسىملارنى (يەنى مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قىسىملار)نى قوبۇل قىلغان. ئۇلار «قىيامەت كۈنى»، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى ئېتىراپ قىلمايتتى. ئادەتتە «پەرىسىيلەر» ۋە «سادۇقىيلار» بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىپ يۈرەتتى، لېكىن ئۇلار ئەيسانى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەنىدى. «بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ» ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت»، ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.  مات. 12‏:38؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 12‏:54؛ يـۇھ. 6‏:30. بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ كەچقۇرۇن سىلەر قىزىل شەپەقنى كۆرگىنىڭلاردا، «ھاۋا ئەتە ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەرلۇقا 12‏:54. ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر! رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ.
ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.«يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت» ــ 39:12-40-ئايەتلەرگە قارالسۇن. «بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەر» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.  يۇن. 2‏:1؛ مات. 12‏:39؛ لۇقا 11‏:29.
 
«ئېچىتقۇ» بولغان ئېزىقتۇ تەلىمدىن ھوشيار بولۇش
مار. 8‏:14-21
مۇخلىسلىرى دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دېدى.مار. 8‏:15؛ لۇقا 12‏:1.
مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ:
ــ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇنى دەۋاتسا كېرەك، ــ دېيىشتى.
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ مۇنداق دېدى:
ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنىڭ تويغۇزۇلغانلىقى، قانچە سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ مات. 14‏:17؛ مار. 6‏:38؛ لۇقا 9‏:13؛ يـۇھ. 6‏:9. 10 يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنىڭ تويغۇزۇلغانلىقى، يەنە قانچە چوڭ سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ مات. 15‏:34. 11 سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟
12 مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
 
پېترۇسنىڭ ئەيسانى مەسىھ دەپ تونۇشى
مار. 8‏:27-30؛ لۇقا 9‏:18-21
13 ئەيسا قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا كەلگىنىدە، ئۇ مۇخلىسلىرىدىن:
كىشىلەر مەن ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ ــ دەپ سورىدى.مار. 8‏:27؛ لۇقا 9‏:18.
14 مۇخلىسلىرى:
ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.مات. 14‏:2.
15 ئۇ ئۇلاردىن:
ــ ئەمدى سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
16 سىمون پېترۇس:
ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.«... مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى» ــ گرېك تىلىدا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغلى». «تىرىك خۇدا» دېگەن ئىبارە خۇدانى ھايات، «ئۆلۈك بۇت ئەمەس»، ھەقىقىي خۇدا دەپ تەكىتلەيدۇ.  يـۇھ. 6‏:69.
17 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ بەختلىكسەن، ئى يۇنۇس ئوغلى سىمون! بۇنى ساڭا ئايان قىلغۇچى ھېچ ئەت-قان ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتامدۇر. «... يۇنۇس ئوغلى سىمون!» ــ گرېك تىلىدا «... سىمون بار-ئىئوناھ» («يۇنۇسنىڭ ئوغلى»). بۇ يۇنۇس تەۋراتتىكى پەيغەمبەر يۇنۇس ئەمەس؛ لېكىن قىزىق بىر ئىش شۇكى، پېترۇس ۋە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كۆپ ئورتاق يەرلىرى بار.  مات. 11‏:25. 18 مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. «سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن....» ــ «پېترۇس»نىڭ مەنىسى «تاش» بولۇپ، ئۇ «جامائەتنىڭ ئۇلى» ئەمەس. جامائەتنىڭ ئۇلى بولسا ئەيسا ئېيتقان «ئۇيۇلتاش» بولۇپ، ئۇ ياكى ئۆزىنى ياكى ئۆزىگە باغلانغان ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. «1پېت.» 4:2-9نى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرى» ــ بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ئۆلۈمنىڭ كۈچى»، «جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچلىرى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.  زەب. 118‏:22؛ يەش. 28‏:16؛ 33‏:20؛ يـۇھ. 1‏:43؛ 1كور. 3‏:11. 19 ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، ــ دېدى.«ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ،...» ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.  مات. 18‏:18؛ يـۇھ. 20‏:22.
20 بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى
مار. 8‏:31-38؛ 1:9؛ لۇقا 9‏:22-27
21 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى.مات. 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7.
22 شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ:
ــ يا رەب، ساڭا رەھىم قىلىنغاي! بېشىڭغا بۇنداق ئىشلار قەتئىي چۈشمەيدۇ! ــ دېدى.
23 لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ:
ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى.«ئارقامغا ئۆت، شەيتان!...» ــ مەسىھ بۇ ئايەتتە «شەيتان» دېگەن بۇ سۆزىنى بىرىنچىدىن «دۈشمەن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالغان پېترۇسقا ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەيتان ئۆزى پېترۇس ئارقىلىق ئەيساغا پۇتلىكاشاڭ بولماقچى ئىدى.  2سام. 19‏:22.
24 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:
كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!» ــ 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.  مات. 10‏:38؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23؛ 14‏:27. 25 چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.«چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «جان» ۋە «ھايات» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ.  مات. 10‏:39؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25.
26 چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! «چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادچى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.  زەب. 49‏:6-12؛ مار. 8‏:37؛ لۇقا 9‏:25. 27 چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ.ئايۇپ 34‏:11؛ زەب. 62‏:12؛ مات. 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ رىم. 2‏:6.
28 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.«بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن...» ــ «ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىش» گرېك تىلىدا «ئۆلۈمنى تېتىش» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر» ــ بىزنىڭچە -28:16ئايەتتىكى سۆزنىڭ مۇھىم مەنىسى 17-بابتا تەسۋىرلەنگەن كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ئالىملار ئۇ: (1) ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخلىسلىرىغا قايتا كۆرۈنۈشى بىلەن؛ (2) مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن؛ (3) مەسىھنىڭ شەرىپى جامائەتتە ئايان قىلىنىشى بىلەن؛ (4) ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەپ قارايدۇ.
يۇقىرىقى (1) -، (2) -، (3) -پىكىر سەل ئورۇنلۇق بولغىنى بىلەن، لېكىن ئەيسانىڭ «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن... كۆرىدىغانلار بار» دېگىنىدىن قارىغاندا، بەزى روسۇللار بۇ ئىشنى كۆرىدۇ، شۇڭا مۇھىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى 17-بابتىكى «ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى» دېگەن ئىشتۇر، دەپ قارايمىز.
  مار. 9‏:1؛ لۇقا 9‏:27.
 
 

16:1 «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار» ــ «پەرىسىيلەر» بولسا تەۋرات قانۇنىغا قاتمۇ-قات تۈرلۈك باشقا قائىدە-نىزاملارنى قوشقان قاتتىق تەلەپچان دىنىي ئېقىم ئىدى. «سادۇقىيلار» دېگەن دىنىي ئېقىمىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئۇلارغا ئوخشاش بولغىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر قىسىملىرىنى قوبۇل قىلماي، پەقەت تەۋراتتىكى 1-5-قىسىملارنى (يەنى مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قىسىملار)نى قوبۇل قىلغان. ئۇلار «قىيامەت كۈنى»، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى ئېتىراپ قىلمايتتى. ئادەتتە «پەرىسىيلەر» ۋە «سادۇقىيلار» بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىپ يۈرەتتى، لېكىن ئۇلار ئەيسانى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەنىدى. «بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ» ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت»، ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

16:1 مات. 12‏:38؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 12‏:54؛ يـۇھ. 6‏:30.

16:2 لۇقا 12‏:54.

16:4 «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت» ــ 39:12-40-ئايەتلەرگە قارالسۇن. «بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەر» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

16:4 يۇن. 2‏:1؛ مات. 12‏:39؛ لۇقا 11‏:29.

16:6 مار. 8‏:15؛ لۇقا 12‏:1.

16:9 مات. 14‏:17؛ مار. 6‏:38؛ لۇقا 9‏:13؛ يـۇھ. 6‏:9.

16:10 مات. 15‏:34.

16:13 مار. 8‏:27؛ لۇقا 9‏:18.

16:14 مات. 14‏:2.

16:16 «... مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى» ــ گرېك تىلىدا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغلى». «تىرىك خۇدا» دېگەن ئىبارە خۇدانى ھايات، «ئۆلۈك بۇت ئەمەس»، ھەقىقىي خۇدا دەپ تەكىتلەيدۇ.

16:16 يـۇھ. 6‏:69.

16:17 «... يۇنۇس ئوغلى سىمون!» ــ گرېك تىلىدا «... سىمون بار-ئىئوناھ» («يۇنۇسنىڭ ئوغلى»). بۇ يۇنۇس تەۋراتتىكى پەيغەمبەر يۇنۇس ئەمەس؛ لېكىن قىزىق بىر ئىش شۇكى، پېترۇس ۋە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كۆپ ئورتاق يەرلىرى بار.

16:17 مات. 11‏:25.

16:18 «سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن....» ــ «پېترۇس»نىڭ مەنىسى «تاش» بولۇپ، ئۇ «جامائەتنىڭ ئۇلى» ئەمەس. جامائەتنىڭ ئۇلى بولسا ئەيسا ئېيتقان «ئۇيۇلتاش» بولۇپ، ئۇ ياكى ئۆزىنى ياكى ئۆزىگە باغلانغان ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. «1پېت.» 4:2-9نى ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرى» ــ بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ئۆلۈمنىڭ كۈچى»، «جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچلىرى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

16:18 زەب. 118‏:22؛ يەش. 28‏:16؛ 33‏:20؛ يـۇھ. 1‏:43؛ 1كور. 3‏:11.

16:19 «ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ،...» ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

16:19 مات. 18‏:18؛ يـۇھ. 20‏:22.

16:21 مات. 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7.

16:23 «ئارقامغا ئۆت، شەيتان!...» ــ مەسىھ بۇ ئايەتتە «شەيتان» دېگەن بۇ سۆزىنى بىرىنچىدىن «دۈشمەن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالغان پېترۇسقا ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەيتان ئۆزى پېترۇس ئارقىلىق ئەيساغا پۇتلىكاشاڭ بولماقچى ئىدى.

16:23 2سام. 19‏:22.

16:24 «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!» ــ 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.

16:24 مات. 10‏:38؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23؛ 14‏:27.

16:25 «چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «جان» ۋە «ھايات» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ.

16:25 مات. 10‏:39؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25.

16:26 «چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك، «ئۆز جېنى» مۇشۇ يەردە پەقەت ئادەمنىڭ ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئېتىقادچى بولغانلارغا مۇيەسسەر قىلىنغان مەڭگۈلۈك روھىي بەختنى ۋە مىراسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

16:26 زەب. 49‏:6-12؛ مار. 8‏:37؛ لۇقا 9‏:25.

16:27 ئايۇپ 34‏:11؛ زەب. 62‏:12؛ مات. 24‏:30؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ رىم. 2‏:6.

16:28 «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن...» ــ «ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىش» گرېك تىلىدا «ئۆلۈمنى تېتىش» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر» ــ بىزنىڭچە -28:16ئايەتتىكى سۆزنىڭ مۇھىم مەنىسى 17-بابتا تەسۋىرلەنگەن كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ئالىملار ئۇ: (1) ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخلىسلىرىغا قايتا كۆرۈنۈشى بىلەن؛ (2) مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن؛ (3) مەسىھنىڭ شەرىپى جامائەتتە ئايان قىلىنىشى بىلەن؛ (4) ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دەپ قارايدۇ. يۇقىرىقى (1) -، (2) -، (3) -پىكىر سەل ئورۇنلۇق بولغىنى بىلەن، لېكىن ئەيسانىڭ «بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن... كۆرىدىغانلار بار» دېگىنىدىن قارىغاندا، بەزى روسۇللار بۇ ئىشنى كۆرىدۇ، شۇڭا مۇھىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى 17-بابتىكى «ئەيسانىڭ جۇلالىقتا كۆرۈنۈشى» دېگەن ئىشتۇر، دەپ قارايمىز.

16:28 مار. 9‏:1؛ لۇقا 9‏:27.