20
ئۈزۈمزارلىقتىكى ئىشلەمچىلەر
ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.«ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ...» ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس».
سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ.«سائەت توققۇزلاردا» ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى» ــ يەنى سائەت توققۇزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «تولۇق كۈن» (24 سائەت) كەچ سائەت ئالتىدە باشلىنىدۇ؛ كەچتە «جېسەك» ئىشلىتىلىدۇ؛ ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە «كۈندۈز» دېيىلىدۇ، كۈندۈز ئون ئىككى سائەتكە بۆلۈنىدۇ (مىسالنى تەۋرات، «يار.» 5:1تىن كۆرگىلى بولىدۇ). ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ.«چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ» ــ «چۈشتە» ــ ئەينى سۆز بويىچە كۈننىڭ «ئالتىنچى سائىتىدە» ۋە «سائەت ئۈچتە» كۈننىڭ «توققۇزىنچى سائىتىدە» (چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە) دېيىلىدۇ. لېكىن كەچقۇرۇن سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ.«كەچقۇرۇن سائەت بەشلەردە» ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئون بىرىنچى سائىتى ئەتراپىدا»، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە. ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ.
كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. 10 ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. 11 ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ: 12 «بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ. 13 لېكىن يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟ 14 ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار. 15 ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟ 16 شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ.«چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، تاللانغانلار ئاز بولىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.  مات. 19‏:30؛ 22‏:14؛ مار. 10‏:31؛ لۇقا 13‏:30.
 
ئەيسا ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىدۇ
مار. 10‏:32-34؛ لۇقا 18‏:31-34
17 ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:«يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ...» ــ «يېرۇسالېمغا بېرىش» ھەردائىم «يېرۇسالېم چىقىش» دەپ ئىپادىىنىدۇ.  مار. 10‏:32؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7.
18 ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ 19 ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28،31؛ روس. 3‏:23.
 
ئانىنىڭ تەلىپى
مار. 10‏:35-45
20 شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى.«زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى» ــ ئەيسا چاقىرغان ئون ئىككى روسۇلدىن ئىككىسى، يەنى يۇھاننا ۋە ياخۇپ. 21:4 ۋە 2:10نى كۆرۈڭ. «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى» ــ ياكى «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ تىزلىنىپ باش ئۇردى».  مار. 10‏:35.
21 نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ.
ئايال ئۇنىڭغا:
ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى.
22 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟
ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار.«مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟» ــ بۇ ئايەتتىكى «قەدەھ» دېگەن سۆز، ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  لۇقا 12‏: 49،50؛ رىم. 8‏:26.
23 ئۇ ئۇلارغا:
ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ. مات. 25‏:34. 24 قالغان ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. 25 لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:
ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. «ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى (يەنى خۇدادىن قورقمايدىغان بۇتپەرەسلەرنى) كۆرسىتىدۇ.  مار. 10‏:42؛ لۇقا 22‏:25. 26 بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ 1پېت. 5‏:3. 27 ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. مات. 23‏:11؛ مار. 9‏:35؛ 10‏:43. 28 ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.«... جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي» ــ نېمىدىن «ھۆرلۈك»كە ئېرىشىدۇ؟ ــ گۇناھتىن بولغان ھۆرلۈك.  لۇقا 22‏:27؛ يـۇھ. 13‏:14؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ فىل. 2‏:7؛ 1تىم. 2‏:6؛ 1پېت. 1‏:19
 
ئەيسانىڭ ئىككى ئەمانى ساقايتىشى
مار. 10‏:46-52؛ لۇقا 18‏:35-43
29 ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. مار. 10‏:46؛ لۇقا 18‏:35. 30 ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ:
ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى.
31 كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.
32 ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ:
ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
33 يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
34 ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
 
 

20:2 «ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ...» ــ «بىر كۈمۈش دىنار» گرېك تىلىدا «بىر دىنارىئۇس».

20:3 «سائەت توققۇزلاردا» ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى» ــ يەنى سائەت توققۇزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «تولۇق كۈن» (24 سائەت) كەچ سائەت ئالتىدە باشلىنىدۇ؛ كەچتە «جېسەك» ئىشلىتىلىدۇ؛ ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە «كۈندۈز» دېيىلىدۇ، كۈندۈز ئون ئىككى سائەتكە بۆلۈنىدۇ (مىسالنى تەۋرات، «يار.» 5:1تىن كۆرگىلى بولىدۇ).

20:5 «چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ» ــ «چۈشتە» ــ ئەينى سۆز بويىچە كۈننىڭ «ئالتىنچى سائىتىدە» ۋە «سائەت ئۈچتە» كۈننىڭ «توققۇزىنچى سائىتىدە» (چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە) دېيىلىدۇ.

20:6 «كەچقۇرۇن سائەت بەشلەردە» ــ گرېكچە «كۈننىڭ ئون بىرىنچى سائىتى ئەتراپىدا»، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە.

20:16 «چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، تاللانغانلار ئاز بولىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.

20:16 مات. 19‏:30؛ 22‏:14؛ مار. 10‏:31؛ لۇقا 13‏:30.

20:17 «يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ...» ــ «يېرۇسالېمغا بېرىش» ھەردائىم «يېرۇسالېم چىقىش» دەپ ئىپادىىنىدۇ.

20:17 مار. 10‏:32؛ لۇقا 18‏:31؛ 24‏:7.

20:19 مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28،31؛ روس. 3‏:23.

20:20 «زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى» ــ ئەيسا چاقىرغان ئون ئىككى روسۇلدىن ئىككىسى، يەنى يۇھاننا ۋە ياخۇپ. 21:4 ۋە 2:10نى كۆرۈڭ. «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى» ــ ياكى «بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ تىزلىنىپ باش ئۇردى».

20:20 مار. 10‏:35.

20:22 «مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟» ــ بۇ ئايەتتىكى «قەدەھ» دېگەن سۆز، ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

20:22 لۇقا 12‏: 49،50؛ رىم. 8‏:26.

20:23 مات. 25‏:34.

20:25 «ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ» ــ «ئەللەر» مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى (يەنى خۇدادىن قورقمايدىغان بۇتپەرەسلەرنى) كۆرسىتىدۇ.

20:25 مار. 10‏:42؛ لۇقا 22‏:25.

20:26 1پېت. 5‏:3.

20:27 مات. 23‏:11؛ مار. 9‏:35؛ 10‏:43.

20:28 «... جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي» ــ نېمىدىن «ھۆرلۈك»كە ئېرىشىدۇ؟ ــ گۇناھتىن بولغان ھۆرلۈك.

20:28 لۇقا 22‏:27؛ يـۇھ. 13‏:14؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ فىل. 2‏:7؛ 1تىم. 2‏:6؛ 1پېت. 1‏:19

20:29 مار. 10‏:46؛ لۇقا 18‏:35.