21
ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا تەنتەنىلىك كىرىشى
مار. 11‏:1-11؛ لۇقا 19‏:28-38؛ يـۇھ. 12‏:12-19
ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى:مار. 11‏:1؛ لۇقا 19‏:29.
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ.
بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ
 
«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار:
ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ،
كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە،
بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە،
كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ».«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ» ــ بېشارەت «زەك.» 9:9دىن ئېلىنغان. «زىئون» ــ يېرۇسالېم جايلاشقان تاغنى كۆرسىتىدۇ.  1پاد. 1‏:38-40؛ يەش. 62‏:11؛ زەك. 9‏:9؛ يـۇھ. 12‏:15.
 
ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى.«... ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى» ــ دېمەك، ئېگىرى يوق ئىدى.  2پاد. 9‏:13؛ يـۇھ. 12‏:14. ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ
 
«داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي!
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.«داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان.
«ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە «خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا» دېگەن مەنىدىمۇ بولغان. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.
  زەب. 118‏:25-26
 
10 ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر:
ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى.
11 خالايىق:
ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.
 
ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى سودا-سېتىقتىن تازلىشى
مار. 11‏:15-19؛ لۇقا 19‏:45-48؛ يـۇھ. 2‏:13-22
12 ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، «ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ...» ــ ئىبادەتخانا ــ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى (سىناگوگلار) ئىدى؛ مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن «ئىبادەتخانا» يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، پەقەت «خۇدا ئۆز نامىنى قويغان» يېرۇسالېمدىكى بۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلسا توغرا بولاتتى.  قان. 14‏:26؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14. 13 ئۇلارغا:
ــ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى.«مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر!» ــ تەۋرات، «يەش.» 7:56 ۋە «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» دېگەن سۆزى ئىككى بىسلىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن باش كاھىنلارنىڭ سودىگەرلەرگە قۇربانلىقلارنى سېتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ كاھىنلارنىڭ خەلقنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بۇلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  1پاد. 8‏:29؛ يەش. 56‏:7؛ يەر. 7‏:11؛ لۇقا 19‏:46.
14 ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 15 لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.مار. 11‏:27.
16 ئۇلار ئۇنىڭغا:
ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى.«سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى،...؟» دېگەن ئىبارە پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ» ــ «زەب.» 2:8.  زەب. 8‏:2
17 ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى.
 
ئەنجۈر دەرىخىنى ئەيىبلەش
مار. 11‏:12-14، 20-24
18 ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى. مار. 11‏:12،20. 19 ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ:
ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.«ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى» ــ پەلەستىندىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە يوپۇرماق بولسا، مېۋىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇ كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.  ھوش. 9‏:10
20 مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ:
ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى.«ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى!» ــ ياكى «ئەنجۈر دەرىخى قانداقمۇ بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى!»
21 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ.مات. 17‏:20؛ لۇقا 17‏:6. 22 دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.مات. 7‏:7؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22.
 
ئەيسانىڭ ھوقۇقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى
مار. 11‏:27-33؛ لۇقا 20‏:1-8
23 ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى.مىس. 2‏:14؛ مار. 11‏:27؛ لۇقا 20‏:1؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:2.
24 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. 25 يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ:
ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. «يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟» ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۈمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى. 26 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى.مات. 14‏:5؛ مار. 6‏:20.
27 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا:
بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
 
ئىككى ئوغۇل توغرىسىدىكى تەمسىل
28 ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. 29 «بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. 30 ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. 31 بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟
ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە. «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر...» ــ «باجگىرلار» توغرىسىدا 18:18دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە» ــ «كىرمەكتە» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، «باجگىرلار ۋە پاھىشىلەر» ئاۋۋال يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق توۋا قىلغان، ئاندىن ئەينى چاغدا مەسىھنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا تېخىمۇ كىرىۋاتقانىدى. 32 چۈنكى گەرچە يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.«سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن ...» ــ ياكى «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئېلىپ بارغىلى كەلگەن». گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىدا كەلگەن...» دېيىلىدۇ.  مات. 3‏:1.
 
رەزىل باغۋەنلەر ھەققىدىكى تەمسىل
مار. 12‏:1-12؛ لۇقا 20‏:9-19
33 يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1-7؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مار. 12‏:1؛ لۇقا 20‏:9. 34 ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 35 لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. 2تار. 24‏:21. 36 ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. 37 ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 38 لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:1، 8؛ مات. 26‏:3؛ 27‏:1؛ يـۇھ. 11‏:53؛ ئىبر. 1‏:2. 39 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
40 ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟
41 ئۇلار ئۇنىڭغا:
ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
42 ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى:
ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ
«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا،
بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.
بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر،
بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر».«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار «روھىي ھايات»نىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىشىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى.
مەسىھ كەلتۈرگەن سۆزلەر ــ «زەب.» 22:118-23.
  زەب. 118‏:22-23؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:6.
 
43 شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. مىس. 32‏:10؛ يەش. 55‏:5؛ مات. 8‏:12. 44 بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.«بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ» ــ «تاش» بولسا ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. 42-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىتىلىمىز.  يەش. 8‏:15؛ دان. 2‏:34؛ زەك. 12‏:3؛ لۇقا 20‏:18.
45 باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. لۇقا 20‏:19. 46 ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى.لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 7‏:40.
 
 

21:1 مار. 11‏:1؛ لۇقا 19‏:29.

21:5 «زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ» ــ بېشارەت «زەك.» 9:9دىن ئېلىنغان. «زىئون» ــ يېرۇسالېم جايلاشقان تاغنى كۆرسىتىدۇ.

21:5 1پاد. 1‏:38-40؛ يەش. 62‏:11؛ زەك. 9‏:9؛ يـۇھ. 12‏:15.

21:7 «... ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى» ــ دېمەك، ئېگىرى يوق ئىدى.

21:7 2پاد. 9‏:13؛ يـۇھ. 12‏:14.

21:9 «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە «خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا» دېگەن مەنىدىمۇ بولغان. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.

21:9 زەب. 118‏:25-26

21:12 «ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ...» ــ ئىبادەتخانا ــ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى (سىناگوگلار) ئىدى؛ مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن «ئىبادەتخانا» يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، پەقەت «خۇدا ئۆز نامىنى قويغان» يېرۇسالېمدىكى بۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلسا توغرا بولاتتى.

21:12 قان. 14‏:26؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14.

21:13 «مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر!» ــ تەۋرات، «يەش.» 7:56 ۋە «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» دېگەن سۆزى ئىككى بىسلىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن باش كاھىنلارنىڭ سودىگەرلەرگە قۇربانلىقلارنى سېتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ كاھىنلارنىڭ خەلقنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بۇلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

21:13 1پاد. 8‏:29؛ يەش. 56‏:7؛ يەر. 7‏:11؛ لۇقا 19‏:46.

21:15 مار. 11‏:27.

21:16 «سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى،...؟» دېگەن ئىبارە پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ» ــ «زەب.» 2:8.

21:16 زەب. 8‏:2

21:18 مار. 11‏:12،20.

21:19 «ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى» ــ پەلەستىندىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە يوپۇرماق بولسا، مېۋىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇ كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

21:19 ھوش. 9‏:10

21:20 «ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى!» ــ ياكى «ئەنجۈر دەرىخى قانداقمۇ بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى!»

21:21 مات. 17‏:20؛ لۇقا 17‏:6.

21:22 مات. 7‏:7؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22.

21:23 مىس. 2‏:14؛ مار. 11‏:27؛ لۇقا 20‏:1؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:2.

21:25 «يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟» ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۈمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى.

21:26 مات. 14‏:5؛ مار. 6‏:20.

21:31 «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر...» ــ «باجگىرلار» توغرىسىدا 18:18دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە» ــ «كىرمەكتە» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، «باجگىرلار ۋە پاھىشىلەر» ئاۋۋال يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق توۋا قىلغان، ئاندىن ئەينى چاغدا مەسىھنىڭ ئاگاھ-گۇۋاقلىقى ئارقىلىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا تېخىمۇ كىرىۋاتقانىدى.

21:32 «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن ...» ــ ياكى «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئېلىپ بارغىلى كەلگەن». گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە ھەققانىيەت يولىدا كەلگەن...» دېيىلىدۇ.

21:32 مات. 3‏:1.

21:33 زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1-7؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مار. 12‏:1؛ لۇقا 20‏:9.

21:35 2تار. 24‏:21.

21:38 يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:1، 8؛ مات. 26‏:3؛ 27‏:1؛ يـۇھ. 11‏:53؛ ئىبر. 1‏:2.

21:42 «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار «روھىي ھايات»نىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىشىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى. مەسىھ كەلتۈرگەن سۆزلەر ــ «زەب.» 22:118-23.

21:42 زەب. 118‏:22-23؛ يەش. 8‏:14؛ 28‏:16؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:6.

21:43 مىس. 32‏:10؛ يەش. 55‏:5؛ مات. 8‏:12.

21:44 «بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ» ــ «تاش» بولسا ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. 42-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىتىلىمىز.

21:44 يەش. 8‏:15؛ دان. 2‏:34؛ زەك. 12‏:3؛ لۇقا 20‏:18.

21:45 لۇقا 20‏:19.

21:46 لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 7‏:40.