22
توي زىياپىتى توغرىسىدىكى تەمسىل
لۇقا 14‏:15-24
ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى:
ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. لۇقا 14‏:6؛ ۋەھ. 19‏:7. ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ. ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ. بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ. قالغانلىرى بولسا پادىشاھنىڭ چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار مېھمانلىققا مۇناسىپ كەلمىدى. ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. 10 بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ.
11 پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. «پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ» ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا شۇ ۋاقىتلاردا كاتتا توي زىياپەتلىرىدە ساھىبخان ئۆزى ھەربىر مېھمانغا ئالاھىدە بىر زىياپەت كىيىمى سوۋغات قىلاتتى. ئۇنداق كىيىمنى كىيىشنى رەت قىلىش ساھىبخانغا ئىنتايىن بىھۆرمەتلىك بولاتتى. 12 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ. 13 پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 24‏:51؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28. 14 چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر. مات. 20‏:16.
 
«باج تاپشۇرامدۇق؟» دېگەن قىلتاق
مار. 12‏:13-17؛ لۇقا 20‏:20-26
15 بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. مار. 12‏:13؛ لۇقا 20‏:20. 16 ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ:
ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز. «ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي بولمىغاچقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇنداق بولغىنى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇنى قوللايدىغان «ھېرود تەرەپدارلىرى» بار ئىدى. «ھېرودلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.  


«ھېرودلار»نىڭ نەسەبنامىسى
17 قېنى، قانداق ئويلايلا؟ رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى. «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...» ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن، قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟» ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى، ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.
18 لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ:
ــ ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟ 19 قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى. 20 ئۇ ئۇلاردىن:
ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
21 قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار» ــ قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار ــ دېمەك، باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولغاچقا، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).   مات. 17‏:25؛ رىم. 13‏:7.
22 ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى-دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.
 
تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە
مار. 12‏:18-27؛ لۇقا 20‏:27-40
23 شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: ««ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار» ــ «سادۇقىيلار» توغرۇلۇق 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.   مار. 12‏:18؛ لۇقا 20‏:27؛ روس. 23‏:8.
24 ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان. «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» ــ «قان.» 5:25.   قان. 25‏:5-6؛ يار. 38‏:8. 25 بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى. 26 بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى.
27 ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى. 28 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە!
29 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر. 30 چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ.
31 ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان: 32 «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!». «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» ــ «مىس.» 6:3.   مىس. 3‏:6،15.
33 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى. مات. 7‏:28.
 
ئەڭ مۇھىم ئەمر
مار. 12‏:28-34؛ لۇقا 10‏:25-28
34 پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. مار. 12‏:28. 35 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: لۇقا 10‏:25.
36 ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى.
37 ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» ــ «قان.» 5:6.   قان. 6‏:5؛ 10‏:12؛ 30‏:6؛ لۇقا 10‏:27. 38 ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. 39 ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ «لاۋ.» 18:19.   لاۋ. 19‏:18؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ ياق. 2‏:8. 40 پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ.
 
قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ــ داۋۇتنىڭ ئوغلى ھەم ئۇنىڭ رەببى
مار. 12‏:35-37؛ لۇقا 20‏:41-44
41 پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن: مار. 12‏:35؛ لۇقا 20‏:41.
42 ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى.
داۋۇتنىڭ ئوغلى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
43 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن زەبۇردا داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ «داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ...» ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىدا.
44 «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە،
ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ؟ داۋۇت «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ» ــ «زەب.» 1:110.   زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:13.
45 داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ «داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «رەببىم» دېگەن يەردە مەسىھ داۋۇتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا «رەب» سۈپىتىدە ئىدى.
46 ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
 
 

22:2 لۇقا 14‏:6؛ ۋەھ. 19‏:7.

22:11 «پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ» ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا شۇ ۋاقىتلاردا كاتتا توي زىياپەتلىرىدە ساھىبخان ئۆزى ھەربىر مېھمانغا ئالاھىدە بىر زىياپەت كىيىمى سوۋغات قىلاتتى. ئۇنداق كىيىمنى كىيىشنى رەت قىلىش ساھىبخانغا ئىنتايىن بىھۆرمەتلىك بولاتتى.

22:13 مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 24‏:51؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28.

22:14 مات. 20‏:16.

22:15 مار. 12‏:13؛ لۇقا 20‏:20.

22:16 «ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي بولمىغاچقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇنداق بولغىنى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇنى قوللايدىغان «ھېرود تەرەپدارلىرى» بار ئىدى. «ھېرودلار» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

22:17 «رىم ئىمپېراتورى قەيسەر...» ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرەلەتتى؛ مەسىلەن، قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. «رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟» ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى، ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.

22:21 «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار» ــ قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار ــ دېمەك، باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولغاچقا، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).

22:21 مات. 17‏:25؛ رىم. 13‏:7.

22:23 ««ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار» ــ «سادۇقىيلار» توغرۇلۇق 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

22:23 مار. 12‏:18؛ لۇقا 20‏:27؛ روس. 23‏:8.

22:24 «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» ــ «قان.» 5:25.

22:24 قان. 25‏:5-6؛ يار. 38‏:8.

22:32 «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» ــ «مىس.» 6:3.

22:32 مىس. 3‏:6،15.

22:33 مات. 7‏:28.

22:34 مار. 12‏:28.

22:35 لۇقا 10‏:25.

22:37 «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» ــ «قان.» 5:6.

22:37 قان. 6‏:5؛ 10‏:12؛ 30‏:6؛ لۇقا 10‏:27.

22:39 «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ «لاۋ.» 18:19.

22:39 لاۋ. 19‏:18؛ مار. 12‏:31؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ ياق. 2‏:8.

22:41 مار. 12‏:35؛ لۇقا 20‏:41.

22:43 «داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ...» ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىدا.

22:44 داۋۇت «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ» ــ «زەب.» 1:110.

22:44 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:13.

22:45 «داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «رەببىم» دېگەن يەردە مەسىھ داۋۇتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا «رەب» سۈپىتىدە ئىدى.