24
ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت؛ ئاخىرقى زامانلاردىكى ئالامەتلەر
مار. 13‏:1-31؛ لۇقا 21‏:5-33
ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولدى. مار. 13‏:1؛ لۇقا 21‏:5.   


يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا (مەسىھنىڭ دەۋرىدە)
«مات.»
ئۇ ئۇلارغا:
ــ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44.
 
كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەتلەر
ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. مار. 13‏:1، 3؛ لۇقا 21‏:7؛ روس. 1‏:6. ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. يەر. 29‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. يەر. 14‏:14؛ 23‏:25؛ يـۇھ. 5‏:43. سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس. چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار.   يەش. 19‏:2. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. «لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس» ــ ئەيسا مەسىھ قايسى ئىش «تۇغۇلىدۇ»، ئۇنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇ «يېڭى زامان»نىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.
ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. مات. 10‏:17؛ لۇقا 21‏:11،12؛ يـۇھ. 15‏:20؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:10. 10 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. «نۇرغۇنلار ئېتىقادتىن تانىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «نۇرغۇنلار پۇتلاشتۇرۇلىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نۇرغۇنلار گۇناھقا ئازدۇرۇلىدۇ». 11 نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. 2پېت. 2‏:1. 12 ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. 2تىم. 3‏:1. 13 لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. مات. 10‏:22؛ مار. 13‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:7،10؛ 3‏:10. 14 بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ. «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر» ــ گرېك تىلىدا «پادىشاھلىقنىڭ بۇ خۇش خەۋىرى» دېيىلىدۇ.
 
يېرۇسالېمدا ۋەيران قىلغۇچى «يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» پەيدا بولىدۇ
15 دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)، «دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»» ــ «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» توغرىسىدا «دان.» 24:9-27نى ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.   دان. 9‏:27؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:4 16 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛ 17 ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا قاچسۇن. 18 ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. 19 ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! «ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ ئۇنداق كىشىلەرگە قېچىش ئەپسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە. 20 قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. «قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» ــ يەھۇدىي دىنىي ئەربابلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئادەتتە شابات (دەم ئېلىش) كۈنىدە شەھەر دەرۋازىسى ۋە دۇكانلارنى تاقىشى كېرەك. بۇ كۈنى سەپەر قىلىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغانلارغا نىسبەتەن يېمەكلىك سېتىۋېلىش ۋە باشقا يەرلەرگە قېچىش ئىنتايىن قۇلايسىز بولىدۇ. «قىش»تا يەھۇدىيەدە دەريا-ۋادىلاردا سۇ پات-پات تېشىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ قېچىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.   روس. 1‏:12. 21 چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. دان. 12‏:1. 22 ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن خۇدانىڭ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.
23 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. مار. 13‏:21؛ لۇقا 21‏:8. 24 چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. قان. 13‏:2؛ 2تېـس. 2‏:11. 25 مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
26 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. لۇقا 17‏:23. 27 چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ. 28 چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ! «چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!» ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى تەۋرات، «ئايۇپ» 26:39-30 ۋە «يەش.» 1:34-8، 15-17-ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك. شۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە زور قىرغىنچىلىق بولۇشى كېرەك.   ئايۇپ 39‏:30؛ لۇقا 17‏:37.
 
ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى
29 ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. «... قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ» ــ «يەش.» 10:13، 4:34، «يو.» 10:2نى كۆرۈڭ. «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم بارلىق جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «لەرزىگە كېلىدۇ» بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈچتىن قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.   يەش. 13‏:10؛ 34‏:4؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31؛ 3‏:15؛ مار. 13‏:24؛ لۇقا 21‏:25. 30 ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. «يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ» ــ «زەك.» 10:12بى كۆرۈڭ. «ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» ــ «دان.» 13:7بى كۆرۈڭ.   دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 13‏:26؛ 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 31 ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. « پەرىشتىلەر ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن،... ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ» ــ «دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن» گرېك تىلىدا «تۆت شامىلىدىن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1كور. 15‏:52؛ 1تېس. 4‏:16.
 
ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش
32 ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. مار. 13‏:28؛ لۇقا 21‏:29. 33 خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. «... ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار» ــ بۇ تېكىستتىكى «ئۇنىڭ» ياكى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆزىنى، ياكى كېلىدىغان كۈنىنى، ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ («لۇقا» 31:21نى كۆرۈڭ).
34 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. «... بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ» ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (2:24) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (30:24) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم (2) پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان «دەهشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»تىكى ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3) -شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ. 35 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 51‏:6؛ مار. 13‏:31؛ ئىبر. 1‏:11.
36 لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ. «لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «نە ئوغۇل بىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرمۇ تېپىلىدۇ.   مار. 13‏:32؛ روس. 1‏:7. 37 ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. يار. 6‏:2؛ لۇقا 17‏:26؛ 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 2‏:5. 38 چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، شۇ زاماندىكى كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى. يار. 7‏:7. 39 توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 40 ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛ لۇقا 17‏:34؛ 1تېس. 4‏:17. 41 ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 42 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر. «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر» ــ ياكى «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر».   مات. 25‏:13؛ مار. 13‏:33؛ لۇقا 12‏:40؛ 21‏:36. 43 لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. لۇقا 12‏:39؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. 44 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ!
 
ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىز چاكارلار
لۇقا 12‏:41-48
45 خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟ «ئۆز ئۆيىدىكىلەر» ــ «ئۆيدىكىلەر» مۇشۇ يەردە خوجايىننىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارلار ۋە چاكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگە ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟» ــ بۇ سۆزلەر ئاۋۋال روسۇللار، ئاندىن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ، ئەلۋەتتە («لۇقا» 41:12-48نىمۇ كۆرۈڭ).   مات. 25‏:21؛ لۇقا 12‏:42. 46 خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! 47 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 48 لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ، 49 باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا، 50 شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ 51 ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 22‏:13؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28.
 
 

24:1 مار. 13‏:1؛ لۇقا 21‏:5.

24:2 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44.

24:3 مار. 13‏:1، 3؛ لۇقا 21‏:7؛ روس. 1‏:6.

24:4 يەر. 29‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1.

24:5 يەر. 14‏:14؛ 23‏:25؛ يـۇھ. 5‏:43.

24:7 «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار.

24:7 يەش. 19‏:2.

24:8 «لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس» ــ ئەيسا مەسىھ قايسى ئىش «تۇغۇلىدۇ»، ئۇنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇ «يېڭى زامان»نىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.

24:9 مات. 10‏:17؛ لۇقا 21‏:11،12؛ يـۇھ. 15‏:20؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:10.

24:10 «نۇرغۇنلار ئېتىقادتىن تانىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «نۇرغۇنلار پۇتلاشتۇرۇلىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇڭا باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نۇرغۇنلار گۇناھقا ئازدۇرۇلىدۇ».

24:11 2پېت. 2‏:1.

24:12 2تىم. 3‏:1.

24:13 مات. 10‏:22؛ مار. 13‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:7،10؛ 3‏:10.

24:14 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر» ــ گرېك تىلىدا «پادىشاھلىقنىڭ بۇ خۇش خەۋىرى» دېيىلىدۇ.

24:15 «دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»» ــ «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» توغرىسىدا «دان.» 24:9-27نى ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.

24:15 دان. 9‏:27؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:4

24:19 «ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ ئۇنداق كىشىلەرگە قېچىش ئەپسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

24:20 «قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» ــ يەھۇدىي دىنىي ئەربابلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئادەتتە شابات (دەم ئېلىش) كۈنىدە شەھەر دەرۋازىسى ۋە دۇكانلارنى تاقىشى كېرەك. بۇ كۈنى سەپەر قىلىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغانلارغا نىسبەتەن يېمەكلىك سېتىۋېلىش ۋە باشقا يەرلەرگە قېچىش ئىنتايىن قۇلايسىز بولىدۇ. «قىش»تا يەھۇدىيەدە دەريا-ۋادىلاردا سۇ پات-پات تېشىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ قېچىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.

24:20 روس. 1‏:12.

24:21 دان. 12‏:1.

24:23 مار. 13‏:21؛ لۇقا 21‏:8.

24:24 قان. 13‏:2؛ 2تېـس. 2‏:11.

24:26 لۇقا 17‏:23.

24:28 «چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!» ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى تەۋرات، «ئايۇپ» 26:39-30 ۋە «يەش.» 1:34-8، 15-17-ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك. شۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە زور قىرغىنچىلىق بولۇشى كېرەك.

24:28 ئايۇپ 39‏:30؛ لۇقا 17‏:37.

24:29 «... قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ» ــ «يەش.» 10:13، 4:34، «يو.» 10:2نى كۆرۈڭ. «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم بارلىق جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «لەرزىگە كېلىدۇ» بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈچتىن قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

24:29 يەش. 13‏:10؛ 34‏:4؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31؛ 3‏:15؛ مار. 13‏:24؛ لۇقا 21‏:25.

24:30 «يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ» ــ «زەك.» 10:12بى كۆرۈڭ. «ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» ــ «دان.» 13:7بى كۆرۈڭ.

24:30 دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 25‏:31؛ 26‏:64؛ مار. 13‏:26؛ 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.

24:31 « پەرىشتىلەر ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن،... ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ» ــ «دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن» گرېك تىلىدا «تۆت شامىلىدىن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

24:31 1كور. 15‏:52؛ 1تېس. 4‏:16.

24:32 مار. 13‏:28؛ لۇقا 21‏:29.

24:33 «... ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار» ــ بۇ تېكىستتىكى «ئۇنىڭ» ياكى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆزىنى، ياكى كېلىدىغان كۈنىنى، ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ («لۇقا» 31:21نى كۆرۈڭ).

24:34 «... بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ» ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (2:24) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (30:24) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم (2) پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان «دەهشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»تىكى ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3) -شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ.

24:35 زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 51‏:6؛ مار. 13‏:31؛ ئىبر. 1‏:11.

24:36 «لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «نە ئوغۇل بىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرمۇ تېپىلىدۇ.

24:36 مار. 13‏:32؛ روس. 1‏:7.

24:37 يار. 6‏:2؛ لۇقا 17‏:26؛ 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 2‏:5.

24:38 يار. 7‏:7.

24:40 لۇقا 17‏:34؛ 1تېس. 4‏:17.

24:42 «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر» ــ ياكى «چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر».

24:42 مات. 25‏:13؛ مار. 13‏:33؛ لۇقا 12‏:40؛ 21‏:36.

24:43 لۇقا 12‏:39؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15.

24:45 «ئۆز ئۆيىدىكىلەر» ــ «ئۆيدىكىلەر» مۇشۇ يەردە خوجايىننىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارلار ۋە چاكارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگە ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟» ــ بۇ سۆزلەر ئاۋۋال روسۇللار، ئاندىن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قارىتىلىپ ئېيتىلىدۇ، ئەلۋەتتە («لۇقا» 41:12-48نىمۇ كۆرۈڭ).

24:45 مات. 25‏:21؛ لۇقا 12‏:42.

24:51 مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 22‏:13؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28.