ناھۇم
1
خۇدانىڭ نىنەۋەنىڭ ھالاكىتى توغرۇلۇق پەرمانى
نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب. «يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» (ئاساسىي مەنىسى «يۈك») دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىپ ھەم «ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛
بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى،
دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛
پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ،
دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ. مىس. 20‏:5
پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ،
كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر،
گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛
پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر،
بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر.
ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ،
بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛
باشان قاغجىراپ كېتىدۇ،
كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛
لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ. «بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ» ــ باشان ۋە لىۋاندا ھۆل-يېغىن كۆپ، بەك مول بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرى ئىنتايىن مۇنبەت ئىدى. كارمەل بولسا ئىسرائىلدا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي؛ ئۇ «قاغجىراپ كەتكەن» بولسا، باشقا جايلار تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى.
تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ،
دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ،
يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ،
جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. مىس. 19‏:18؛ زەب. 18‏:7-9؛ 29‏:4-6؛ 97‏:4، 5؛ 114‏:4.
كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟
كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟
ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ،
ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛
ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ. يو. 3‏:16
بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ،
قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ. «بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ» ــ «ئېشىپ تاشقان كەلكۈن» پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئادەتتە كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىپ «تاجاۋۇز قىلغۇچى قورقۇنچلۇق قوشۇن»نى كۆرسىتىدۇ. بىراق «ناھۇم» دېگەن ئۇشبۇ قىسمىدا، ئۇ ھەم ئەسلى مەنىسىدە (كەلكۈن) بىلەن قوللىنىلغان ھەم «تاجاۋۇزچى قوشۇن» دېگەن كۆچمە مەنىدىمۇ قوللىنىلغان. نىنەۋە شەھىرى تىگرىس دەرياسىنىڭ ئېشىپ تېشىشى ھەم بابىل قوشۇنى تەرىپىدىن يەر بىلەن تەڭ قىلىنغان.
«شۇ يەر» بەلكىم نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.
سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟
ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛
يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ. «ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئۆزى قىلماقچى بولغىنىنى بەرىبىر ئادا قىلىدۇ». «يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ» ــ كونا زامانلاردىكى نۇرغۇن «ۋەيران قىلىنغان» شەھەرلەر كېيىن قايتا قۇرۇلغان. مەسىلەن، يېرۇسالېم شەھىرى ئاز دېگەندە بەش قېتىم قايتىدىن قۇرۇلغان. بىراق نىنەۋە شەھىرى غۇلىتىۋېتىلگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى.
10 ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ،
ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،
ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ. «ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،...» ــ پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھەممە پۇقرا مەست بولغان ۋاقتىدا ۋەيران قىلىنىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ. «ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ» ــ مەنىسى بەلكىم «كۆيدۈرۈلىدۇ». باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.
11 سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى،
ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر. «ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر» ــ «ئىبلىس» مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئال» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز تەۋراتتا ئادەتتە شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. باشقا تەرجىمىلەردە «رەزىل»، «ئەرزىمەس» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ «ئىبلىسنىڭ نەسىھەتچىسى» سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ (سەنناخېرىب مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى يەھۇداغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەم ئۆلۈمى تەۋراتتا، «يەشايا» 36-38 بابلاردا خاتىرىلەنگەن). ئۇنداق بولغاندا، ناھۇم پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ بۇ بېشارىتىنى مەزكۇر كىتابنى رەسمىي توپلاپ پۈتكۈزۈشتىن 50 يىل بۇرۇن، يەنى ياش ۋاقتىدا خاتىرىلىگەن بولىدۇ.
12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ،
ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ،
شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛
مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، ئى خەلقىم،
قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن. «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ،... » ــ «تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ» ــ بۇ ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تەسۋىرلەشكە دائىم ئىشلىتىدىغان ئىبارە. «ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ» ــ ئىبارانىي تىلىدا «كەلمەسكە كېتىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بەزىدە «تامچىلاپ-تامچىلاپ يوقاپ كېتىدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
13 ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن،
ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن.
14 پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى،
سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛
بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛
مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن،
چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن. «پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ ...» ــ خۇدا مۇشۇ يەردە قايتىدىن ئاسۇرىيە پادىشاھىغا سۆز قىلىدۇ.
«سېنىڭ نامىڭ ... تېرىلمەيدۇ» ــ بۇ بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچىدىن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھېچ نەسلى قالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنى ئەسلىتىدىغان ھېچ ئابىدىلەر، خاتىرە تاشلار قالمايدۇ (ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ئەسلىدە چوڭ-چوڭ ئابىدە تاشلىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى). «مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ئۇنى (يەنى پادىشاھنىڭ بۇتخانىسىنى) قەبرەڭ قىلىپ بېكىتىمەن».
15 مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا،
ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا!
ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛
چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛
ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ. «مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا!» ــ مۇشۇ خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنى بەلكىم نىنەۋە شەھىرى ۋەيران بولۇپ، خۇدانىڭ خەلقىگە خاتىرجەم كۈنلەر كەلدى، دېگەنلىك.   يەش. 52‏:7؛ رىم. 10‏:15
 
 

1:1 «يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» (ئاساسىي مەنىسى «يۈك») دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىپ ھەم «ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1:2 مىس. 20‏:5

1:4 «بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ» ــ باشان ۋە لىۋاندا ھۆل-يېغىن كۆپ، بەك مول بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرى ئىنتايىن مۇنبەت ئىدى. كارمەل بولسا ئىسرائىلدا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي؛ ئۇ «قاغجىراپ كەتكەن» بولسا، باشقا جايلار تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى.

1:5 مىس. 19‏:18؛ زەب. 18‏:7-9؛ 29‏:4-6؛ 97‏:4، 5؛ 114‏:4.

1:7 يو. 3‏:16

1:8 «بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ» ــ «ئېشىپ تاشقان كەلكۈن» پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئادەتتە كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىپ «تاجاۋۇز قىلغۇچى قورقۇنچلۇق قوشۇن»نى كۆرسىتىدۇ. بىراق «ناھۇم» دېگەن ئۇشبۇ قىسمىدا، ئۇ ھەم ئەسلى مەنىسىدە (كەلكۈن) بىلەن قوللىنىلغان ھەم «تاجاۋۇزچى قوشۇن» دېگەن كۆچمە مەنىدىمۇ قوللىنىلغان. نىنەۋە شەھىرى تىگرىس دەرياسىنىڭ ئېشىپ تېشىشى ھەم بابىل قوشۇنى تەرىپىدىن يەر بىلەن تەڭ قىلىنغان. «شۇ يەر» بەلكىم نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.

1:9 «ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئۆزى قىلماقچى بولغىنىنى بەرىبىر ئادا قىلىدۇ». «يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ» ــ كونا زامانلاردىكى نۇرغۇن «ۋەيران قىلىنغان» شەھەرلەر كېيىن قايتا قۇرۇلغان. مەسىلەن، يېرۇسالېم شەھىرى ئاز دېگەندە بەش قېتىم قايتىدىن قۇرۇلغان. بىراق نىنەۋە شەھىرى غۇلىتىۋېتىلگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى.

1:10 «ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،...» ــ پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھەممە پۇقرا مەست بولغان ۋاقتىدا ۋەيران قىلىنىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ. «ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ» ــ مەنىسى بەلكىم «كۆيدۈرۈلىدۇ». باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.

1:11 «ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر» ــ «ئىبلىس» مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئال» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز تەۋراتتا ئادەتتە شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. باشقا تەرجىمىلەردە «رەزىل»، «ئەرزىمەس» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ «ئىبلىسنىڭ نەسىھەتچىسى» سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ (سەنناخېرىب مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى يەھۇداغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەم ئۆلۈمى تەۋراتتا، «يەشايا» 36-38 بابلاردا خاتىرىلەنگەن). ئۇنداق بولغاندا، ناھۇم پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ بۇ بېشارىتىنى مەزكۇر كىتابنى رەسمىي توپلاپ پۈتكۈزۈشتىن 50 يىل بۇرۇن، يەنى ياش ۋاقتىدا خاتىرىلىگەن بولىدۇ.

1:12 «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ،... » ــ «تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ» ــ بۇ ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تەسۋىرلەشكە دائىم ئىشلىتىدىغان ئىبارە. «ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ» ــ ئىبارانىي تىلىدا «كەلمەسكە كېتىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بەزىدە «تامچىلاپ-تامچىلاپ يوقاپ كېتىدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

1:14 «پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ ...» ــ خۇدا مۇشۇ يەردە قايتىدىن ئاسۇرىيە پادىشاھىغا سۆز قىلىدۇ. «سېنىڭ نامىڭ ... تېرىلمەيدۇ» ــ بۇ بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچىدىن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھېچ نەسلى قالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنى ئەسلىتىدىغان ھېچ ئابىدىلەر، خاتىرە تاشلار قالمايدۇ (ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ئەسلىدە چوڭ-چوڭ ئابىدە تاشلىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى). «مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ئۇنى (يەنى پادىشاھنىڭ بۇتخانىسىنى) قەبرەڭ قىلىپ بېكىتىمەن».

1:15 «مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا!» ــ مۇشۇ خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنى بەلكىم نىنەۋە شەھىرى ۋەيران بولۇپ، خۇدانىڭ خەلقىگە خاتىرجەم كۈنلەر كەلدى، دېگەنلىك.

1:15 يەش. 52‏:7؛ رىم. 10‏:15