7
پەيغەمبەرنىڭ ئازابلىنىشلىرى
مېنىڭ ھالىمغا ۋاي! چۈنكى مەن خۇددى يازدىكى مېۋىلەر يىغىلىپ،
ئۈزۈم ھوسۇلىدىن كېيىنكى ۋاساڭدىن كېيىن ئاچ قالغان بىرسىگە ئوخشايمەن،
يېگۈدەك ساپاق يوقتۇر؛
جېنىم تەشنا بولغان تۇنجى ئەنجۈر يوقتۇر!
ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى،
ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا،
ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ. زەب. 12‏:1-2؛ ھوش. 4‏:1
رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن،
ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛
ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ،
سوراقچىمۇ شۇنداق؛
مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛
ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا. «مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ» ــ «مۆتىۋەر جاباب» بەلكىم پادىشاھنى ۋاسىتىلىك كۆرسىتىدۇ.   مىك. 2‏:1؛ 3‏:11
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك،
ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر.
ئەمدى كۆزەتچىلىرىڭ قورقۇپ كۈتكەن كۈن،
يەنى خۇدا ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى؛
ئۇلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقتى ھازىر كەلدى. «ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر» ــ «ئەڭ ئېسىلى» ئادالەتنى بۇرمىلىمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ! «خۇدا ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ يوقلىنىدىغان كۈنۈڭ» دېيىلىدۇ.
ئۈلپىتىڭگە ئىشەنمە،
جان دوستۇڭغا تايانما؛
ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى قۇچىقىڭدا ياتقۇچىدىن يېپىپ يۈر.
چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ،
قىز ئانىسىغا،
كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛
كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئ‍ەز. 22‏:7؛ مات. 10‏:21، 35، 36؛ لۇقا 12‏:53
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛
نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛
مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ.
 
ئاخىرقى زامان توغرۇلۇق ئۈمىد ــ خۇدانىڭ «قالدىسى» سۆز قىلىدۇ
ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛
گەرچە مەن يىقىلىپ كەتسەممۇ، يەنە قوپىمەن؛
قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرسام، پەرۋەردىگار ماڭا يورۇقلۇق بولىدۇ. «ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛...» ــ مۇشۇ يەردىكى «دۈشمىنىم» ھەم 10-ئايەتتىكى «ئۇ» دېگەنلەر «ئايالچە رود»تا كەلگەن بولغاچقا، بېشارەت يېرۇسالېمنىڭ ئاسۇرىيەگە گەپ قىلغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى دۈشمىنى بابىلغا گەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن ــ
چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ــ
ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛
ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛
مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن. زەب. 9‏:5-7؛ زەب. 43‏:1-2؛ يەر. 50‏:34
10 ۋە مېنىڭ دۈشمىنىم بۇنى كۆرىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى» دېگەن ئايالنى شەرمەندىلىك باسىدۇ؛
مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ؛
ئۇ كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسەپ چەيلىنىدۇ. زەب. 79‏:10؛ 115‏:2؛ يو. 2‏:17
 
خۇدانىڭ جاۋابى
11 ــ سېنىڭ تام-سېپىللىرىڭ قۇرۇلىدىغان كۈنىدە،
شۇ كۈنىدە ساڭا بېكىتىلگەن پاسىلىڭ يىراقلارغا يۆتكىلىدۇ.
12 شۇ كۈنىدە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ؛
ــ ئاسۇرىيەدىن، مىسىر شەھەرلىرىدىن،
مىسىردىن ئەفرات دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە ۋە تاغدىن تاغغىچە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ.
13 بىراق يەر يۈزى بولسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تۈپەيلىدىن،
يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن خارابە بولىدۇ. يەر. 21‏:14
 
خۇدانىڭ «قالدىسى»نىڭ دۇئاسى
14 ــ ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى،
تاياق-ھاساڭ بىلەن ئوزۇقلاندۇرغايسەن؛
قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك،
ئۇلار باشان ھەم گىلېئاد چىمەنزارلىرىدا قايتىدىن ئوزۇقلانسۇن! «...ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادا...» ــ «كارمەل» بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ باراقسان، ئەڭ ئېسىل ئورمانلىق رايونى.   مىك. 5‏:3
 
خۇدانىڭ جاۋابى
15 ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك،
مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن. يو. 2‏:26
16 ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛
قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ،
قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛
17 ئۇلار يىلاندەك توپا-چاڭنى يالايدۇ؛
يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەردەك ئۆز تۆشۈكلىرىدىن تىترىگەن پېتى چىقىدۇ؛
ئۇلار قورقۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ،
ۋە سېنىڭ تۈپەيلىڭدىنمۇ قورقىدۇ. زەب. 72‏:9؛ يەش. 49‏:32
18 قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان،
ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن،
ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ،
چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ.
كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟ «كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟» ــ «مىكاھ» دېگەن ئىسىم، ئىبرانىي تىلىدا «كىم خۇداغا تەڭداش؟» دېگەن مەنىدە.   مىس. 34‏:6، 7؛ زەب. 103‏:9
19 ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛
قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛
سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن.
20 ــ سەن قەدىمكى كۈنلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان ھەقىقەت-ساداقەتنى ياقۇپقا،
ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى ئىبراھىمغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىسەن.

7:2 زەب. 12‏:1-2؛ ھوش. 4‏:1

7:3 «مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ» ــ «مۆتىۋەر جاباب» بەلكىم پادىشاھنى ۋاسىتىلىك كۆرسىتىدۇ.

7:3 مىك. 2‏:1؛ 3‏:11

7:4 «ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر» ــ «ئەڭ ئېسىلى» ئادالەتنى بۇرمىلىمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ! «خۇدا ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ يوقلىنىدىغان كۈنۈڭ» دېيىلىدۇ.

7:6 ئ‍ەز. 22‏:7؛ مات. 10‏:21، 35، 36؛ لۇقا 12‏:53

7:8 «ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛...» ــ مۇشۇ يەردىكى «دۈشمىنىم» ھەم 10-ئايەتتىكى «ئۇ» دېگەنلەر «ئايالچە رود»تا كەلگەن بولغاچقا، بېشارەت يېرۇسالېمنىڭ ئاسۇرىيەگە گەپ قىلغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى دۈشمىنى بابىلغا گەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.

7:9 زەب. 9‏:5-7؛ زەب. 43‏:1-2؛ يەر. 50‏:34

7:10 زەب. 79‏:10؛ 115‏:2؛ يو. 2‏:17

7:13 يەر. 21‏:14

7:14 «...ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادا...» ــ «كارمەل» بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ باراقسان، ئەڭ ئېسىل ئورمانلىق رايونى.

7:14 مىك. 5‏:3

7:15 يو. 2‏:26

7:17 زەب. 72‏:9؛ يەش. 49‏:32

7:18 «كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟» ــ «مىكاھ» دېگەن ئىسىم، ئىبرانىي تىلىدا «كىم خۇداغا تەڭداش؟» دېگەن مەنىدە.

7:18 مىس. 34‏:6، 7؛ زەب. 103‏:9