چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر
1
ئىسرائىل خەلقىنىڭ بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئېلىنىشى
ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى: — «ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ...» — «ۋە» دېگەن بۇ سۆز «چۆل-باياۋندىكى سەپەر» دېگەن كىتابنىڭ «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» ۋە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابلار بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مىسىردىن چىقىش» 40-باب، 1- ۋە 38-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب بۇ ئىككى كىتابنىڭ داۋامىدۇر. «جامائەت چېدىرى» — ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدە «جامائەت» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن. مىس. 30‏:12 ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار. ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛ شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون؛ ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل؛ زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ 10 يۈسۈپ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما؛ ماناسسەھ قەبىلىسىدىن پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل؛ 11 بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان؛ 12 دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر؛ 13 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل؛ 14 گاد قەبىلىسىدىن دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف؛ 15 نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا».
16 بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى. «جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان» ــ دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جامائەت تەرىپىدىن سايلانغان». 17 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنى باشلاپ، 18 ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە-نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملىدى. 19 پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، مۇسا سىناي چۆلىدە ئۇلارنى شۇنداق ساناقتىن ئۆتكۈزدى.
20 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 21 رۇبەن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. «مىڭ» ــ بەزى ئالىملار ئىبرانىي تىلىدىكى «مىڭ» دېگەن سۆزنى «جەمەت» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنداق تەرجىمە مەزكۇر كىتابنىڭ كۆپ يەرلىرىگە زىت كېلىشى مۇمكىن.
22 شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 23 شىمېئون قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى بولدى.
24 گادنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 25 گاد قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى بولدى.
26 يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 27 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى بولدى.
28 ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 29 ئىسساكار قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
30 زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 31 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
32 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: — ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 33 ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.
34  يۈسۈپنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 35 ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولدى.
36 بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 37 بىنيامىن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
38 داننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 39 دان قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى.
40 ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 41 ئاشىر قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.
42 نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛ 43 نافتالى قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
44 يۇقىرىقىلار بولسا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئون ئىككى ئەمىرى ‹ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە ۋەكىل بولدى› ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكەزگەن. 45 شۇنداق قىلىپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئىسرائىلدا يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلاردىن، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى؛ 46 ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى. مىس. 38‏:26
 
لاۋىيلارنىڭ ھېسابقا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى
47 بىراق لاۋىيلار ئاتا جەمەت-قەبىلىسى بويىچە ساناقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى.
48 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 49 «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمىگىن. «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن» ــ كېيىن مۇسا ئۇلارنى ئايرىم ساناقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى (32:26). 50 لېكىن سەن لاۋىيلارنى خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى ھەم ئۇنىڭغا دائىر بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرىدۇ؛ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىلار شۇلار بولسۇن، ئۇلار چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۆز چېدىرلىرىنى تىكسۇن. «خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر» ــ «ئىبادەت چېدىرى»نىڭ باشقا بىر نامى. «گۇۋاھلىق» ياكى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 51 چېدىرنى كۆچۈرىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار سۆكسۇن؛ چېدىرنى تىكىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار تىكسۇن؛ لاۋىيلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 52 ئىسرائ‍ىللار بارگاھ قۇرغاندا ھەر ئادەم ئۆز قىسمىدا، ئۆزىگە خاس تۇغ ئاستىغا چېدىر تىكسۇن. «تۇغ» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز تۇغىنى كۆرسىتىدۇ (2:2نى كۆرۈڭ). 53 بىراق خۇدانىڭ غەزىپى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا بارگاھ قۇرسۇن؛ لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» — دېگەنىدى.
54 ئىسرائىللار ئەنە شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئۇلار شۇنداق قىلدى.
 
 

1:1 «ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ...» — «ۋە» دېگەن بۇ سۆز «چۆل-باياۋندىكى سەپەر» دېگەن كىتابنىڭ «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» ۋە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابلار بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مىسىردىن چىقىش» 40-باب، 1- ۋە 38-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب بۇ ئىككى كىتابنىڭ داۋامىدۇر. «جامائەت چېدىرى» — ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدە «جامائەت» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

1:2 مىس. 30‏:12

1:16 «جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان» ــ دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جامائەت تەرىپىدىن سايلانغان».

1:21 «مىڭ» ــ بەزى ئالىملار ئىبرانىي تىلىدىكى «مىڭ» دېگەن سۆزنى «جەمەت» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنداق تەرجىمە مەزكۇر كىتابنىڭ كۆپ يەرلىرىگە زىت كېلىشى مۇمكىن.

1:46 مىس. 38‏:26

1:49 «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن» ــ كېيىن مۇسا ئۇلارنى ئايرىم ساناقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى (32:26).

1:50 «خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر» ــ «ئىبادەت چېدىرى»نىڭ باشقا بىر نامى. «گۇۋاھلىق» ياكى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» بولسا خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

1:52 «تۇغ» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز تۇغىنى كۆرسىتىدۇ (2:2نى كۆرۈڭ).