2
ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بارگاھ قۇرۇش تەرتىپى ۋە ئورنى
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: —
ئىسرائ‍ىللار ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغى ئاستىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا چېدىر تىكسۇن؛ جامائەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن سەل يىراقراق بارگاھ قۇرسۇن.
كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئۆز تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قىسمى بويىچە بارگاھ قۇرىدىغىنى يەھۇدابولسۇن؛ يەھۇدالارنىڭ ئەمىرى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولسۇن. ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى. ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئىسساكار قەبىلىسى بولسۇن؛ ئىسساكارلارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولسۇن. ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى. ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولسۇن؛ زەبۇلۇنلارنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولسۇن. ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى. ئومۇمەن يەھۇدا بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئالتە مىڭ تۆت يۈز كىشى؛ ئۇلار ئالدى بىلەن يولغا چىقسۇن.
10 — جەنۇب تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى رۇبەن قەبىلىسى بولسۇن؛ رۇبەنلارنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولسۇن. 11 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى. 12 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى شىمېئون قەبىلىسى بولسۇن؛ شىمېئونلارنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولسۇن. 13 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى. 14 ئۇلارنىڭ يېنىدا گاد قەبىلىسى بولسۇن؛ گادلارنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولسۇن.«دېئۇئەل» ــ ياكى «رېئۇئەل». 15 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى. 16 رۇبەن بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك كىشى؛ ئۇلار ئىككىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن.
17 ئاندىن جامائەت چېدىرى بىلەن لاۋىيلارنىڭ بارگاھى باشقا بارگاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭسۇن؛ ئۇلار قانداق بارگاھ قۇرغان بولسا، شۇنداق يولغا چىقسۇن؛ ھەر قايسىسى ئۆز ئورنىدا ئۆز تۇغى ئاستىدا بولسۇن.
18 — كۈن پېتىش تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى ئەفرائىم قەبىلىسى بولسۇن؛ ئەفرائىملارنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولسۇن. 19 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى. 20 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ماناسسەھ قەبىلىسى بولسۇن؛ ماناسسەھلەرنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولسۇن. 21 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى. 22 ئۇلارنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسى بولسۇن؛ بىنيامىنلارنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولسۇن. 23 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى. 24 ئومۇمەن ئەفرائىم بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەككىز مىڭ بىر يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۈچىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن.
25 — شىمال تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى دان قەبىلىسى بولسۇن. دانلارنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولسۇن. 26 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى. 27 ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئاشىر قەبىلىسى بولسۇن؛ ئاشىرلارنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولسۇن. 28 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى. 29 ئۇلارنىڭ يېنىدا نافتالى قەبىلىسى بولسۇن؛ نافتالىلارنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولسۇن. 30 ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى. 31 دان بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك يەتتە مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۆز تۇغلىرى ئاستىدا ھەممىنىڭ كەينىدە يولغا چىقسۇن.
32 يۇقىرىدىكىلەر ئۆز ئاتا جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر؛ قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە بارگاھلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى.مىس. 38‏:26؛ چۆل. 1‏:46 33 بىراق لاۋىيلارلا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللار قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى.چۆل. 1‏:48، 49
34 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغى بويىچە بارگاھ قۇراتتى؛ ئۇلار ئۆز قەبىلىسى ۋە ئاتا جەمەتى تەرتىپى بويىچە يولغا چىقاتتى.
 
 

2:14 «دېئۇئەل» ــ ياكى «رېئۇئەل».

2:32 مىس. 38‏:26؛ چۆل. 1‏:46

2:33 چۆل. 1‏:48، 49