23
بالاق بىلەن بالائامنىڭ قۇربانلىق سۇنۇشى 
  1 بالائام بالاققا: —  
سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى.   2 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى.   3 بالائام بالاققا: —  
سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى.   
 4 خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: —  
مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى.   5 پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.   6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.   
   
  بالائامنىڭ بىرىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى 
  7 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: —  
بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن،  
موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ،  
مۇنداق دېدى: —  
كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن.  
كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن. 
◼    8 تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟  
پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟   
 9 مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن،  
دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛  
مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم،  
ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ. 
◘    10 ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟  
ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟  
مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن،  
مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي! 
◼    11 بالاق بالائامغا قاراپ: —  
سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى.   
 12 — پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام.   
 13 بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى.   
 14 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى. 
◼   15 بالائام بالاققا: —  
 سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى. 
◼   16 پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: —  
سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. 
◘   17 بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.  
— پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق.   
   
  بالائامنىڭ ئىككىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى 
  18 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: —  
«ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن،  
ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن.   
 19 تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ،  
ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ.  
ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟  
ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟ 
◘    20 مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى،  
ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن.   
 21 ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن،  
ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان.  
خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە،  
پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر. 
◼  ◘    22 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛  
ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر. 
◼  ◘    23 چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ،  
ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ.  
ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە،  
ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: —  
«تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!»  
دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ!   
 24 مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ،  
ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛  
ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە،  
ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە،  
ھەرگىز ياتمايدۇ!».   
 25 بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى.   
 26 بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى.   
   
  بالائامنىڭ ئۈچىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى 
  27 بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى.   28 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى.   
 29 بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى.   30 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى.