24
بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى. بالائام بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە بويىچە چېدىرلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆردى، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىغا كالام سۆزىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: —
«بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى،
كۆزى ئېچىلمىغان ئادەمنىڭ ئېيتىدىغان كالام سۆزى،
يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى،
ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى،
مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى: —«كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەم ئېيتىدىغان كالام سۆزى»، يەنى «تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى». مۇمكىنچىلىكى باركى، بالائام 22-بابتىكى ۋەقەنى ئەسلەيدۇ؛ شۇ چاغدا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نى ئۇنىڭ ئېشىكى كۆرگەن، ئەمما ئۇ كۆرمىگەن، ئاندىن خۇدا «ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچتى».
ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل،
تۇرالغۇلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئاھ ئىسرائىل!
گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك،
خۇددى دەريا بويىدىكى باغلاردەك،
گويا پەرۋەردىگار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۇد دەرەخلىرىدەك،
دەريا بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەك؛
سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ،
ئەۋلادلىرى سۈيى مول جايلاردا بولىدۇ؛
پادىشاھى ئاگاگدىن ئېشىپ كېتىدۇ،
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈن قىلىنىپ گۈللىنىدۇ.«ئاگاگ» — بەلكىم ئامالەك ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى ئىدى. «1سام.» 8:15نى كۆرۈڭ.
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «گوگ».
تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان،
ئۇنىڭدا ياۋا بۇقىنىڭ كۈچى باردۇر؛
دۈشمەن ئەللەرنى ئۇ يەپ كېتىدۇ،
ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ،
ئوقيا ئېتىپ ئۇلارنى تېشىپ تاشلايدۇ.چۆل. 23‏:22
ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك،
ياتسا ھەم چىشى شىردەك،
كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟
كىم ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە، بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ.
كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ».يار. 49‏:9؛ چۆل. 23‏:24
10 بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا: — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە! 11 ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى.
12 بالائام بالاققا: — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە: 13 «بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى-يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟چۆل. 22‏:18 14 ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى.
 
بالائامنىڭ تۆتىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى
15 ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: —
بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى،
كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى،
16 تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى،
ھەممىدىن ئالىينىڭ ۋەھىيلىرىنى بىلگۈچى،
ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى،
مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى: —«كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى» — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەم ئېيتىدىغان كالام سۆزى» — دېمەك «تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، كۆزى ئوچۇق دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى».
17 مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛
مەن ئۇنىڭغا قارايمەن، لېكىن يېقىن يەردىن ئەمەس؛
ياقۇپتىن چىقار بىر يۇلتۇز،
كۆتۈرۈلەر ئىسرائىلدىن بىر شاھانە ھاسا؛
چېقىۋېتەر ئۇ موئابنىڭ چېكىسىنى،
بارلىق شېتلەرنىڭ بېشىنى يانجىيدۇ.«يېقىن يەردىن ئەمەس» — ياكى «پات ئارىدا ئەمەس». «شېتلەر» ــ مەلۇم قەبىلىنى ياكى تېخىمۇ مۇمكىنچىلىكى باركى، ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى شېتنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى (نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان) بارلىق ئىنسانلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ بېشارەت مەسىھنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شېتلەر» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «غوۋغا-توپىلاڭ كۆتۈرگۈچىلەر». «بېشارەتنى شەرھلەش» — بۇ بېشارەت (16-19) ئاۋۋال داۋۇت پادىشاھنى، ئاندىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېشارەتتە داۋۇت پادىشاھنىڭ موئاب، ئېدوم ۋە سېئىرنى (سېئىر ئېدوم تۇرغان يۇرتنىڭ باشقا بىر ئىسمى) ئىشغال قىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ، دەرۋەقە داۋۇت ئۇ يەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ («2سام.» 2:8، «زەب.» 1:60-2). ئاخىرقى زاماندا مەسىھ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە شۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدۇ.  يەر. 48‏:45
18 ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ،
يەنە تېخى دۈشمىنى سېئىرلار ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ؛
ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق قىلىدۇ.
19 ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ،
شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ».«شەھەر» ــ بەلكىم موئابنىڭ پايتەختىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «شەھەردە قالغان ھەممەيلەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شەھەرنىڭ قالدۇقى» (دېمەك، شەھەرنىڭ قالغان يەرلىرى).  2سام. 8‏:14
 
بالائامنىڭ ئاخىرقى بىشارىتى
20 ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: —
«ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش،
ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر-قىسمىتى».«ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش» ــ بەلكىم ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. ئامالەك دېگەن ئەل ئىسرائىلغا بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلغانىدى، بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئەللەرنىڭ بېشى» دەپ چاغلىغان بولۇشى مۇمكىن ــ لېكىن ئۇلار ھالاك بولىدۇ. بۇ ئىش ئاۋۋال سائۇل پادىشاھ («1سام.» 14-15-باب) ئاندىن داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق («1سام.» 8:27، «2سام.» 8:12)، ئاخىرىدا شىمېئونلار ئارقىلىق بولغان («2تار.» 43:4).
 
21 ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: —
«سېنىڭ ماكانىڭ مۇستەھكەم بولۇپ،
چاڭگاڭ قورام تاش ئىچىدە بولسىمۇ،
22 لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛
تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە». «ئاشۇر» — ئاسۇرىيەنى كۆرسىتىدۇ. بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى تىگلات-پىلەسەر III مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 742-يىلى، شالمانئەزەر V مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى كېنىيلەرنى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىپ، ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئالىملار بېشارەتنى باشقا بىر «ئاشۇر» دەپ ئاتالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ («يار.» 3:25، «2سام.» 9:2).
 
23 بالائام يەنە كالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: —
«ئاھ ، تەڭرى بۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا،
كىم تىرىك قېلىشقا قادىر بولار؟
24 كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ،
زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئاشۇرغا،
زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئېبەرگە؛
لېكىن كىتتىمدىن كەلگۈچى ئۆزىمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنەر. «ئېبەر» — ئىبرانىيلارنىڭ ئەجدادىنى، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «كىتتىم» — تەۋراتنىڭ ئاۋۋالقى دەۋرلىرىدە «كىتتىم» كرېتلەرنى كۆرسىتەتتى. بېشارەت ئاۋۋال مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 13-ئەسىردە فىلىستىيلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «كىتتىم» دېگەن بۇ ئىسىم ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىن ياكى مەغرىب تەرەپتىن كېلىپ تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەرقايسى ئەللەرنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ بېشارەت يەنە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 190-يىلى باشلانغان) كۆرسىتىشى مۇمكىن («دان.» 30:11نى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ئاخىر بېرىپ رىم ئىمپېرىيەسى ھالاك بولدى؛ ئۇ ئاخىر زاماندا يەنە بىر قېتىم دەججالنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ، يەنە بىر شەكىلدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ ئاخىردا مەسىھ دەججالنىڭ ئىمپېرىيەسىنى مۇتلەق ھالاك قىلىدۇ.
 
25 شۇنىڭ بىلەن بالائام ئورنىدىن قوپۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتتى؛ بالاقمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى.
 
 

24:4 «كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەم ئېيتىدىغان كالام سۆزى»، يەنى «تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى». مۇمكىنچىلىكى باركى، بالائام 22-بابتىكى ۋەقەنى ئەسلەيدۇ؛ شۇ چاغدا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نى ئۇنىڭ ئېشىكى كۆرگەن، ئەمما ئۇ كۆرمىگەن، ئاندىن خۇدا «ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچتى».

24:7 «ئاگاگ» — بەلكىم ئامالەك ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى ئىدى. «1سام.» 8:15نى كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «گوگ».

24:8 چۆل. 23‏:22

24:9 يار. 49‏:9؛ چۆل. 23‏:24

24:13 چۆل. 22‏:18

24:16 «كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى» — باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەم ئېيتىدىغان كالام سۆزى» — دېمەك «تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، كۆزى ئوچۇق دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى».

24:17 «يېقىن يەردىن ئەمەس» — ياكى «پات ئارىدا ئەمەس». «شېتلەر» ــ مەلۇم قەبىلىنى ياكى تېخىمۇ مۇمكىنچىلىكى باركى، ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى شېتنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى (نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان) بارلىق ئىنسانلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ بېشارەت مەسىھنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شېتلەر» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «غوۋغا-توپىلاڭ كۆتۈرگۈچىلەر». «بېشارەتنى شەرھلەش» — بۇ بېشارەت (16-19) ئاۋۋال داۋۇت پادىشاھنى، ئاندىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېشارەتتە داۋۇت پادىشاھنىڭ موئاب، ئېدوم ۋە سېئىرنى (سېئىر ئېدوم تۇرغان يۇرتنىڭ باشقا بىر ئىسمى) ئىشغال قىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ، دەرۋەقە داۋۇت ئۇ يەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ («2سام.» 2:8، «زەب.» 1:60-2). ئاخىرقى زاماندا مەسىھ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە شۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدۇ.

24:17 يەر. 48‏:45

24:19 «شەھەر» ــ بەلكىم موئابنىڭ پايتەختىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «شەھەردە قالغان ھەممەيلەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شەھەرنىڭ قالدۇقى» (دېمەك، شەھەرنىڭ قالغان يەرلىرى).

24:19 2سام. 8‏:14

24:20 «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش» ــ بەلكىم ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. ئامالەك دېگەن ئەل ئىسرائىلغا بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلغانىدى، بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئەللەرنىڭ بېشى» دەپ چاغلىغان بولۇشى مۇمكىن ــ لېكىن ئۇلار ھالاك بولىدۇ. بۇ ئىش ئاۋۋال سائۇل پادىشاھ («1سام.» 14-15-باب) ئاندىن داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق («1سام.» 8:27، «2سام.» 8:12)، ئاخىرىدا شىمېئونلار ئارقىلىق بولغان («2تار.» 43:4).

24:22 «ئاشۇر» — ئاسۇرىيەنى كۆرسىتىدۇ. بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى تىگلات-پىلەسەر III مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 742-يىلى، شالمانئەزەر V مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى كېنىيلەرنى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىپ، ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئالىملار بېشارەتنى باشقا بىر «ئاشۇر» دەپ ئاتالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ («يار.» 3:25، «2سام.» 9:2).

24:24 «ئېبەر» — ئىبرانىيلارنىڭ ئەجدادىنى، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «كىتتىم» — تەۋراتنىڭ ئاۋۋالقى دەۋرلىرىدە «كىتتىم» كرېتلەرنى كۆرسىتەتتى. بېشارەت ئاۋۋال مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 13-ئەسىردە فىلىستىيلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «كىتتىم» دېگەن بۇ ئىسىم ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىن ياكى مەغرىب تەرەپتىن كېلىپ تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەرقايسى ئەللەرنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ بېشارەت يەنە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 190-يىلى باشلانغان) كۆرسىتىشى مۇمكىن («دان.» 30:11نى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ). ئاخىر بېرىپ رىم ئىمپېرىيەسى ھالاك بولدى؛ ئۇ ئاخىر زاماندا يەنە بىر قېتىم دەججالنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ، يەنە بىر شەكىلدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ ئاخىردا مەسىھ دەججالنىڭ ئىمپېرىيەسىنى مۇتلەق ھالاك قىلىدۇ.