پەند-نەسىھەتلەر
1
پەند-نەسىھەتلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى
ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ 1پاد. 4‏:32؛ ۋەھ. 9:3
بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛ ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. بۇ پەند-نەسىھەتلەر نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛ بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، «يورۇتۇلغان كىشى» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشلارنى، مەسىلىلەرنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان كىشى» دېگەن مەنىدە. شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ.
 
ياشلارغا نەسىھەت
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛
ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئايۇپ 28‏:28؛ زەب. 111‏:10؛ پەند. 9‏:10؛ توپ. 12‏:13
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.
10 ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
11 ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛
يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى! «... تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۇزاق قۇرۇپ قان تۆكەيلى».
12 تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى،
ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛ «تەھتىسارا» ــ ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېگەن سۆز).
13 ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ،
ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز.
14 بىز بىلەن شېرىك بول،
ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ
15 ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما،
ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل! «ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۇتۇڭنى ئۇلارنىڭ يولىدىن نېرى قىل!».
16 چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ،
قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ. يەش. 59‏:7؛ رىم. 3‏:15
17 ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛
18 لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛
ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ.
19 نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛
ھارام مال-دۇنيا ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئايۇپ 8‏:13
 
دانالىق ساداسى
20  بۈيۈك دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا،
چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا. «دانالىق» ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «دانالىق» پەزىلەتلىك بىر ئايالنىڭ سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ «پەزىلەتلىك ئايال» 1:5-14، 20:6-35، 6:7-27، 13:9-18دە بايان قىلىنغان «پاھىشە ئايال» بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشى «پەند-نەسىھەتلەر»نىڭ مۇھىم بىر تېمىسىدۇر.
21 كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا،
شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ
22 ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟
مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟
ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟! «ساددىلار» ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «ساددىلار» (ياكى «نادانلار») دېگەننىڭ «ئۆگەنمىگەنلەر»، «ساۋاتقا ئېرىشمىگەنلەر» دېگەن باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ بار. «ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» موشۇ يەردە «نادانلار»غا («ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلسىمۇ، لېكىن «ئەخمەقلەر»گە ۋە «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى رەزىل يوللارنى تۇتقاچقا، ئۇلارغا ھېچقانداق بىۋاسىتە نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (4:8، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).
23 تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى!
روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم،
سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.
24 لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛
قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار. يەش. 65‏:12؛ 66‏:4؛ يەر. 13‏:10
25 نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار،
تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار.
26 شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن،
ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن.
27 ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە،
ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە،
سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ ئايۇپ 27‏:9؛ 35‏:12؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ 14‏:12؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 3‏:4
28 ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ،
مەن پەرۋا قىلمايمەن،
مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ.
29 ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن،
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن،
30 مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن،
تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن،
31 ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ،
ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛
32 چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛
ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.
33 لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ،
بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ.
 
 

1:1 1پاد. 4‏:32؛ ۋەھ. 9:3

1:5 «يورۇتۇلغان كىشى» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشلارنى، مەسىلىلەرنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان كىشى» دېگەن مەنىدە.

1:7 ئايۇپ 28‏:28؛ زەب. 111‏:10؛ پەند. 9‏:10؛ توپ. 12‏:13

1:11 «... تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۇزاق قۇرۇپ قان تۆكەيلى».

1:12 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېگەن سۆز).

1:15 «ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۇتۇڭنى ئۇلارنىڭ يولىدىن نېرى قىل!».

1:16 يەش. 59‏:7؛ رىم. 3‏:15

1:19 ئايۇپ 8‏:13

1:20 «دانالىق» ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «دانالىق» پەزىلەتلىك بىر ئايالنىڭ سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ «پەزىلەتلىك ئايال» 1:5-14، 20:6-35، 6:7-27، 13:9-18دە بايان قىلىنغان «پاھىشە ئايال» بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشى «پەند-نەسىھەتلەر»نىڭ مۇھىم بىر تېمىسىدۇر.

1:22 «ساددىلار» ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «ساددىلار» (ياكى «نادانلار») دېگەننىڭ «ئۆگەنمىگەنلەر»، «ساۋاتقا ئېرىشمىگەنلەر» دېگەن باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ بار. «ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» موشۇ يەردە «نادانلار»غا («ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلسىمۇ، لېكىن «ئەخمەقلەر»گە ۋە «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى رەزىل يوللارنى تۇتقاچقا، ئۇلارغا ھېچقانداق بىۋاسىتە نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (4:8، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).

1:24 يەش. 65‏:12؛ 66‏:4؛ يەر. 13‏:10

1:27 ئايۇپ 27‏:9؛ 35‏:12؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ 14‏:12؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 3‏:4