150
150-كۈي •••• ئاخىرىدا ــ پەقەت ھەمدۇسانا! 
  1 ھەمدۇسانا!  
تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛  
قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ ◘يەش. 6:3   
 2 ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛  
غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛   
 3 ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛  
ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛   
 4 ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛  
ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛   
 5 ئۇنى جاراڭلىق جاڭلار ھەم ياڭراق جاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛   
 6 بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىغاي!  
ھەمدۇسانا!