149
149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار!
1 ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛
مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!
2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانغاي؛
زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! ◘زەب. 100‏:3
3 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىگەي؛
ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتقاي! ◘زەب. 81‏:2-4
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛
ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛
5 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي،
ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! ◼«ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.
6 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولغاي،
قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلغاي؛ ◘2تېـس. 2‏:8؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16
7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس،
خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛
8 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن،
ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ ◘مات. 18‏:18
9 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ
ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ!
ھەمدۇسانا! ◘قان. 4‏:6
 
 

◘149:2 زەب. 100‏:3

◘149:3 زەب. 81‏:2-4

◼149:5 «ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.

◘149:6 2تېـس. 2‏:8؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16

◘149:8 مات. 18‏:18

◘149:9 قان. 4‏:6