8
«دانالىق» خىتاب قىلىدۇ
قۇلاق سال، دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟
يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟پەند. 1‏:20،21
يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن،
دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ،
شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا،
ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ
«ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن،
ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن،
گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار،
ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!«گۆدەك بولغانلار، ...ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» «نادانلار»غا (ياكى «گۆدەكلەر» يانكى «ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ، پەقەت بەزىدە «ئەخمەقلەر»گە بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ، لېكىن «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا ھەرگىز بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار» رەزىل يوللارنى تۇتقىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ھېچقانداق نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (22:1، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،
چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن،
ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن.
ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر،
ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ «ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تاڭلايىم ھەقىقەتنى سېغىنىپ سۆزلەيدۇ».
سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق،
ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق،
بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر.
10 كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار،
ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار.
11 چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل،
ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ پەند. 3‏:14،15؛ 16‏:16
12 مەن بولسام دانالىقمەن،
زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن،
ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن.«...بىلىمنى ئايان قىلىمەن» ــ ياكى «...بىلىمنى تېپىپ بېرىمەن».
13 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛
تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.
14 مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛
مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر.
15 پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ،
مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس.
16 مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ،
ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار توغرا ھۆكۈم قىلىدۇ.
17 كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن،
مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛
18 مەندە بايلىق، شۆھرەت،
ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار.پەند. 3‏:16
19 مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن،
ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر،
مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر.پەند. 3‏:14
20 مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛
ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى،
21 مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛
ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.
22‏-23 پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا،
قەدىمدە ياسىغانلىرىدىن بۇرۇنلا،
مەن ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمەن. ئەزەلدىن تارتىپلا ــ مۇقەددەمدە،
يەر-زېمىن يارىتىلماستىلا،
مەن تىكلەنگەنمەن.«پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار يولىنى باشلىشىدىلا...». «...مەن تىكلەنگەنمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...مەن مەسىھ قىلىندىم».  يـۇھ. 1‏:1
24 چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال،
مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛
مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا،
25‏-26 ئېگىز تاغلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلماستىنلا، تۆپىلىكلەر شەكىللەنمەستىنلا،
پەرۋەردىگار بىپايان زېمىن، كەڭ دالالارنى،
ئالەمنىڭ ئەسلىيدىكى توپا-چاڭلىرىنىمۇ تېخى ياراتماستىنلا،
مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن.
27‏-29 ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا،
دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا،
ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،
چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا،
دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا،
بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا،
مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛ئايۇپ 26‏:10؛ يار. 7‏:11؛ يار. 1‏:9، 10؛ ئايۇپ 38‏:10، 11؛ زەب. 104‏:6-9.
30 شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم،
مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛ يـۇھ. 5‏:17
31 مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ،
دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم،
32 شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار!زەب. 119‏:1، 2؛ 128‏:1؛ لۇقا 11‏:28
33 ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ،
دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما.
34 سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ،
ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي،
ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
35 كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ.پەند. 12‏:2
36 لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ،
مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ».«لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ» ــ بۇ 8-باب ھەمدە 1:9-12تىكى چوڭ تېما «دانالىق»تۇر. بۇ بابلاردىكى خەۋەردىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە «دانالىق» بىر شەخستۇر. ئىنجىلدا بۇ شەخسنىڭ خۇدا بىلەن بىللە مەڭگۈلۈك تۇرغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكى ئايان قىلىدۇ (مەسىلەن «يۇھ،» 1:1-4، 18، «1كور.» 24:1، 30، «فىل.» 5:2-11، «كول.» 15:1-18، «ئىبر.» 1:1-12، «1يۇھ.» 1:1-2، «ۋەھ.» 12:22-13 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).
 
 

8:1 پەند. 1‏:20،21

8:5 «گۆدەك بولغانلار، ...ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» «نادانلار»غا (ياكى «گۆدەكلەر» يانكى «ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ، پەقەت بەزىدە «ئەخمەقلەر»گە بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ، لېكىن «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا ھەرگىز بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار» رەزىل يوللارنى تۇتقىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ھېچقانداق نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (22:1، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).

8:7 «ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تاڭلايىم ھەقىقەتنى سېغىنىپ سۆزلەيدۇ».

8:11 ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ پەند. 3‏:14،15؛ 16‏:16

8:12 «...بىلىمنى ئايان قىلىمەن» ــ ياكى «...بىلىمنى تېپىپ بېرىمەن».

8:18 پەند. 3‏:16

8:19 پەند. 3‏:14

8:22‏-23 «پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار يولىنى باشلىشىدىلا...». «...مەن تىكلەنگەنمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...مەن مەسىھ قىلىندىم».

8:22‏-23 يـۇھ. 1‏:1

8:27‏-29 ئايۇپ 26‏:10؛ يار. 7‏:11؛ يار. 1‏:9، 10؛ ئايۇپ 38‏:10، 11؛ زەب. 104‏:6-9.

8:30 يـۇھ. 5‏:17

8:32 زەب. 119‏:1، 2؛ 128‏:1؛ لۇقا 11‏:28

8:35 پەند. 12‏:2

8:36 «لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ» ــ بۇ 8-باب ھەمدە 1:9-12تىكى چوڭ تېما «دانالىق»تۇر. بۇ بابلاردىكى خەۋەردىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە «دانالىق» بىر شەخستۇر. ئىنجىلدا بۇ شەخسنىڭ خۇدا بىلەن بىللە مەڭگۈلۈك تۇرغۇچى مەسىھ ئىكەنلىكى ئايان قىلىدۇ (مەسىلەن «يۇھ،» 1:1-4، 18، «1كور.» 24:1، 30، «فىل.» 5:2-11، «كول.» 15:1-18، «ئىبر.» 1:1-12، «1يۇھ.» 1:1-2، «ۋەھ.» 12:22-13 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).