9
دانالىقنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى، بۇزۇق خوتۇننىڭ سۆزلىرى 
  1 دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ،  
ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى.   
 2 ئۇ ماللىرىنى سويۇپ،  
ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ،  
زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛   
 3 دېدەكلىرىنى مېھمان چاقىرىشقا ئەۋەتتى،  
ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: ◘پەند. 8:2   
 4 «ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛  
نادانلارغا:   
 5 قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ،  
مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛   
 6 نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار،  
يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ.   
 7 ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ،  
قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ.   
 8 ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛  
ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. ◘مات. 7:6   
 9 دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛  
ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ،  
بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.   
 10 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر،  
مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. ◘ئايۇپ 28:28؛ زەب. 111:10؛ پەند. 1:7   
 11 مەن دانالىق سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن،  
ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. ◘پەند. 10:27   
 12 سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن،  
دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن.   
 13 نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر،  
ھېچنېمە بىلمەستۇر. ◘پەند. 7:11   
 14 ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،  
شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ،   
 15 ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا:   
 16 «كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ،  
ۋە ئەقىلسىزلەرنى:   
 17 «ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ،  
ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. ◘پەند. 20:17   
 18 لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر،  
ئۇنىڭ بۇرۇنقى مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. ◼«تەھتىسارانىڭ تەگلىرى» ــ «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر.  ◘پەند. 2:18