10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 
  1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ  
   
 دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛  
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. 
◘    2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛  
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. 
◘    3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛  
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.   
 4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛  
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. 
◼  ◘    5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛  
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.   
 6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛  
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. 
◼    7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛  
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.   
 8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛  
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. 
◘    9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر،  
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.   
 10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛  
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.   
 11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،  
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. 
◼  ◘    12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛  
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. 
◘    13 ئەقىل-ئىدراكلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛  
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. 
◘    14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛  
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.   
 15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛  
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.   
 16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار،  
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. 
◼    17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛  
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.   
 18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛  
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. 
◼    19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس،  
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.   
 20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛  
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. 
◼    21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛  
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.   
 22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛  
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. 
◼    23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛  
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ 
خۇرسەنلىكىدۇر. 
◼  ◘    24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛  
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.   
 25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛  
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.   
 26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك،  
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك،  
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. 
◼    27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،  
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. 
◘    28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛  
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. 
◘    29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛  
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. 
◘    30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛  
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.   
 31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛  
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.   
 32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛  
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.