11
يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار. لاۋ. 19‏:36؛ قان. 25‏:13؛ پەند. 16‏:11؛ 20‏:10،23
تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛
لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار. پەند. 15‏:33؛ 16‏:18؛ 18‏:12
توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛
لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار. پەند. 13‏:6
خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛
لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار. پەند. 10‏:2؛ ئ‍ەز. 7‏:19؛ زەف. 1‏:18
كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛
يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛
لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار.
رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛
گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار. «گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «كۈچلۈكلەرنىڭ ئۈمىدى...».
ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛
رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار. زەب. 34‏:19؛ پەند. 21‏:18
مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛
لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
10 ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛
رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار.
11 توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛
لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار.
12 ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛
ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار.
13 گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛
سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس.
14 يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛
ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار. «يوليورۇق كەم بولسا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «كۆپ مەسلىھەتچىلەر بولسا،...». «...نىجات تاپار» ــ ياكى «....بىخەتەر تۇرار».   1پاد. 12‏:1-20
15 ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛
قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار. «ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس» ــ 1:6 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
16 شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛
زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس.
17 رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛
رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار.
18 يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛
ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار. «يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان ئادەمنىڭ ئىش ھەققى يالغان بولار».
19 ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛
يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار.
20 نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
21 قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار. «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شۈبھىسىزكى،...».   پەند. 16‏:5
22 چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن،
چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر.
23 ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛
يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر.
24 بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛
يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار.
25 مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛
باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار. زەب. 112‏:9؛ 2كور. 9‏:9
26 ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛
لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر.
27 ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛
يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر. زەب. 7‏:16؛ 9‏:15،16؛ 10‏:2؛ 57‏:6
28 ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛
ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر. زەب. 1‏:3، 4؛ 92‏:12-14
29 ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛
ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار.
30 ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛
دانا كىشى كۆڭۈللەرنى ھاياتلىققا مايىل قىلار. «ھاياتلىق دەرىخى» ــ مۇشۇ يەردە «ھاياتلىق دەرىخى» دېگەنلىك، «ئېرەن باغچىسى»دىكى ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەييارلانغان دەرەخنى كۆرسىتىدۇ (3-باب 18-ئايەتنى كۆرۈڭ). «... ھاياتلىققا مايىل قىلار» ــ ئەينى تېكىستتە «ھاياتلىق» دېگەن سۆز يوق. لېكىن ھەققانىيلىق يولىدا خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى خۇدانىڭ يولىغا جەلپ قىلىدۇ؛ شۇڭا تولۇق مەنىسى: «كىم دانا بولسا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى نىجات يولىغا باشلايدۇ» دەپ قارايمىز. مۇشۇ ئايەتنى «لۇقا» 10:5 بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.
31 قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا سەۋەنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن يەردە،
رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ «قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم ... بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟» ــ بۇ ئايەت ئىنجىل، «1پېت.» 18:4دە نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ.   1پېت. 4‏:17،18
 
 

11:1 لاۋ. 19‏:36؛ قان. 25‏:13؛ پەند. 16‏:11؛ 20‏:10،23

11:2 پەند. 15‏:33؛ 16‏:18؛ 18‏:12

11:3 پەند. 13‏:6

11:4 پەند. 10‏:2؛ ئ‍ەز. 7‏:19؛ زەف. 1‏:18

11:7 «گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «كۈچلۈكلەرنىڭ ئۈمىدى...».

11:8 زەب. 34‏:19؛ پەند. 21‏:18

11:14 «يوليورۇق كەم بولسا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «كۆپ مەسلىھەتچىلەر بولسا،...». «...نىجات تاپار» ــ ياكى «....بىخەتەر تۇرار».

11:14 1پاد. 12‏:1-20

11:15 «ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس» ــ 1:6 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

11:18 «يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان ئادەمنىڭ ئىش ھەققى يالغان بولار».

11:21 «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شۈبھىسىزكى،...».

11:21 پەند. 16‏:5

11:25 زەب. 112‏:9؛ 2كور. 9‏:9

11:27 زەب. 7‏:16؛ 9‏:15،16؛ 10‏:2؛ 57‏:6

11:28 زەب. 1‏:3، 4؛ 92‏:12-14

11:30 «ھاياتلىق دەرىخى» ــ مۇشۇ يەردە «ھاياتلىق دەرىخى» دېگەنلىك، «ئېرەن باغچىسى»دىكى ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەييارلانغان دەرەخنى كۆرسىتىدۇ (3-باب 18-ئايەتنى كۆرۈڭ). «... ھاياتلىققا مايىل قىلار» ــ ئەينى تېكىستتە «ھاياتلىق» دېگەن سۆز يوق. لېكىن ھەققانىيلىق يولىدا خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى ئۈچۈن ئالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى خۇدانىڭ يولىغا جەلپ قىلىدۇ؛ شۇڭا تولۇق مەنىسى: «كىم دانا بولسا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى نىجات يولىغا باشلايدۇ» دەپ قارايمىز. مۇشۇ ئايەتنى «لۇقا» 10:5 بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.

11:31 «قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم ... بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟» ــ بۇ ئايەت ئىنجىل، «1پېت.» 18:4دە نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ.

11:31 1پېت. 4‏:17،18