12
كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛
لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان-ھاماقەتتۇر.
ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛
ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر.
ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس. پەند. 10‏:25
پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛
ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر. 1كور. 11‏:7
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛
يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر. «...ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار» ــ ياكى: «...ئوي-پىكرى دۇرۇستۇر».
يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛
لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار. پەند. 1‏:11،18؛ 11‏:9
يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار. «يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار» ــ باشقا بىرخىل تەجىمىسى: «يامانلار ئاغدۇرۇلغاندا، يوقىلار».   زەب. 37‏:36-40؛ پەند. 11‏:21
ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛
ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس.
پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى،
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر. پەند. 13‏:7
10 ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛
ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر. قان. 25‏:4
11 تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛
ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر. پەند. 28‏:19
12 يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛
ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار.
13 يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛
ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار. «يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار» ــ ياكى «ئېغىزدىكى ئىتائەتسىزلىكتىن رەزىل بىر تۇزاق چىقار».   پەند. 10‏:14؛ 18‏:7
14 ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛
ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار. پەند. 13‏:2
15 ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛
ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر. پەند. 3‏:7
16 ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛
زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس. «... ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىككى ئىبارە «ئىككى بىسلىق» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەنگەن.
17 ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛
يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر. پەند. 14‏:5
18 بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛
بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر. زەب. 57‏:4؛ 59‏:7؛ پەند. 16‏:27
19 راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛
لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر. «راستچىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەقىقەتنىڭ لېۋى». «لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغانچى تىل بولسا بىردەملىكتۇر».
20 يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛
ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر.
21 ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛
قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر.
22 يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار.
23 پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛
بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار. پەند. 13‏:16؛ 15‏:2
24 تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛
ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار. پەند. 10‏:4
25 كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛
لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار. پەند. 15‏:13
26 ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛
بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار. «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر» ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تەكشۈرەر»، «ھەققانىي كىشى دوست تۇتۇشتا سەگەك بولار» ياكى «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستىغا يول كۆرسىتەر».
27 ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛
بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر. «بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق تىرىشچان كىشى ئۆز تەئەللۇقاتىنى ئەتىۋارلايدۇ».
28 ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھايات تېپىلار؛
شۇ يولدا ئۆلۈم كۆرۈنمەستۇر.
 
 

12:3 پەند. 10‏:25

12:4 1كور. 11‏:7

12:5 «...ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار» ــ ياكى: «...ئوي-پىكرى دۇرۇستۇر».

12:6 پەند. 1‏:11،18؛ 11‏:9

12:7 «يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار» ــ باشقا بىرخىل تەجىمىسى: «يامانلار ئاغدۇرۇلغاندا، يوقىلار».

12:7 زەب. 37‏:36-40؛ پەند. 11‏:21

12:9 پەند. 13‏:7

12:10 قان. 25‏:4

12:11 پەند. 28‏:19

12:13 «يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار» ــ ياكى «ئېغىزدىكى ئىتائەتسىزلىكتىن رەزىل بىر تۇزاق چىقار».

12:13 پەند. 10‏:14؛ 18‏:7

12:14 پەند. 13‏:2

12:15 پەند. 3‏:7

12:16 «... ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىككى ئىبارە «ئىككى بىسلىق» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەنگەن.

12:17 پەند. 14‏:5

12:18 زەب. 57‏:4؛ 59‏:7؛ پەند. 16‏:27

12:19 «راستچىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەقىقەتنىڭ لېۋى». «لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغانچى تىل بولسا بىردەملىكتۇر».

12:23 پەند. 13‏:16؛ 15‏:2

12:24 پەند. 10‏:4

12:25 پەند. 15‏:13

12:26 «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر» ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تەكشۈرەر»، «ھەققانىي كىشى دوست تۇتۇشتا سەگەك بولار» ياكى «ھەققانىي كىشى ئۆز دوستىغا يول كۆرسىتەر».

12:27 «بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق تىرىشچان كىشى ئۆز تەئەللۇقاتىنى ئەتىۋارلايدۇ».