20
شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار،
ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛
كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛
ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر. «... ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۆز جېنىغا گۇناھ قىلغان بولىدۇ».   پەند. 16‏:14؛ 19‏:12
ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛
بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس. پەند. 17‏:14
ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛
يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر. «ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس» ــ پەلەستىندە بىر يىل ئالتە پەسىلگە بۆلىنىدۇ. ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ئاي «قىش پەسلى» ھېسابلىنىدۇ. «قىش» پەسلى يەر ھەيدىلىدىغان پەسىل، چۈنكى بۇ پەسىلدە يامغۇر يېغىپ تۇپراق يۇمشاق بولىدۇ.
كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛
يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ. «كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى ... يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ» ــ بۇ پەند-نەسىھەتكە قارىتا ئالىملاردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل چۈشەنچە بار: (1) ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئوي-نىيەتلەر باردۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى بۇ ئوي-نىيەتلەرنى (ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن) ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. (2) يورۇتۇلغان كىشى دانىشمەن ھەم ئاز سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ ياخشى ئوي-پىكىرلىرىنى، ياخشى نەسىھەتلىرىنى ئالالايدۇ. (3) يورۇتۇلغان كىشى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى بىلەلەيدۇ. (4) بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنى «ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدە خۇدادىن كەلگەن دالالەت (يوليورۇق، ھىدايەت) باردۇر؛ ئۇ چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشايدۇ؛ ...» دەپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى: «خۇدادىن كەلگەن شۇ «دالالەت» ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بولغان بولىدۇ، يورۇتۇلغان كىشى بۇ دالالەتنى جاكارلاپ باشقىلارنى يورۇتالايدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

بىزنىڭچە بىرىنچى خىل چۈشەنچىنى توغرا دەپ قارايمىز.
   پەند. 18‏:4
ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛
بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟
ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار!
پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا،
ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ. پەند. 20‏:26
كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم،
ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟ 1پاد. 8‏:46؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 51‏:5-7؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8
10 ئىككى خىل تارازا تېشى،
ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش،
ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. قان. 25‏:13؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:23
11 ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛
ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار.
12 كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى،
ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى. مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9
13 ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛
كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار. پەند. 19‏:15
14 خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛
ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن «ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ ماختىنىدۇ.
15 ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛
بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر! پەند. 3‏:14،15
16 ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛
يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. پەند. 11‏:15؛ 27‏:13
17 ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛
كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار. پەند. 9‏:17
18 پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛
پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن.
19 گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛
شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما. پەند. 11‏:13
20 كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا،
ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر! مىس. 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 27‏:16؛ مات. 15‏:4
21 تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس. پەند. 13‏:11؛ 28‏:20
22 يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛
پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر. قان. 32‏:35؛ پەند. 17‏:13؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9
23 ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس. «قەتئىي يارىماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».   پەند. 20‏:10
24 ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛
ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟ ئايۇپ 31‏:4؛ زەب. 37‏:23؛ 139‏:1-3؛ يەر. 10‏:23
25 بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش،
قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش،
ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر.
26 دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ،
خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر.
27 ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر،
ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر.
28 مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛
ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
29 ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛
قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر. پەند. 16‏:31
30 تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار،
تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار. پەند. 10‏:13
 
 

20:2 «... ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۆز جېنىغا گۇناھ قىلغان بولىدۇ».

20:2 پەند. 16‏:14؛ 19‏:12

20:3 پەند. 17‏:14

20:4 «ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس» ــ پەلەستىندە بىر يىل ئالتە پەسىلگە بۆلىنىدۇ. ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ئاي «قىش پەسلى» ھېسابلىنىدۇ. «قىش» پەسلى يەر ھەيدىلىدىغان پەسىل، چۈنكى بۇ پەسىلدە يامغۇر يېغىپ تۇپراق يۇمشاق بولىدۇ.

20:5 «كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى ... يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ» ــ بۇ پەند-نەسىھەتكە قارىتا ئالىملاردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل چۈشەنچە بار: (1) ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئوي-نىيەتلەر باردۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى بۇ ئوي-نىيەتلەرنى (ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن) ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. (2) يورۇتۇلغان كىشى دانىشمەن ھەم ئاز سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ ياخشى ئوي-پىكىرلىرىنى، ياخشى نەسىھەتلىرىنى ئالالايدۇ. (3) يورۇتۇلغان كىشى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى بىلەلەيدۇ. (4) بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنى «ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدە خۇدادىن كەلگەن دالالەت (يوليورۇق، ھىدايەت) باردۇر؛ ئۇ چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشايدۇ؛ ...» دەپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى: «خۇدادىن كەلگەن شۇ «دالالەت» ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بولغان بولىدۇ، يورۇتۇلغان كىشى بۇ دالالەتنى جاكارلاپ باشقىلارنى يورۇتالايدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى خىل چۈشەنچىنى توغرا دەپ قارايمىز.

20:5 پەند. 18‏:4

20:8 پەند. 20‏:26

20:9 1پاد. 8‏:46؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 51‏:5-7؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8

20:10 قان. 25‏:13؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:23

20:12 مىس. 4‏:11؛ زەب. 94‏:9

20:13 پەند. 19‏:15

20:15 پەند. 3‏:14،15

20:16 پەند. 11‏:15؛ 27‏:13

20:17 پەند. 9‏:17

20:19 پەند. 11‏:13

20:20 مىس. 21‏:17؛ لاۋ. 20‏:9؛ قان. 27‏:16؛ مات. 15‏:4

20:21 پەند. 13‏:11؛ 28‏:20

20:22 قان. 32‏:35؛ پەند. 17‏:13؛ 24‏:29؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9

20:23 «قەتئىي يارىماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».

20:23 پەند. 20‏:10

20:24 ئايۇپ 31‏:4؛ زەب. 37‏:23؛ 139‏:1-3؛ يەر. 10‏:23

20:29 پەند. 16‏:31

20:30 پەند. 10‏:13