19
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل،
ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر. پەند. 28‏:6
يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛
ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار. «بولماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس». «ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاياغلىرىنى ئالدىراتقۇچى كىشى خاتا قەدەم باسار».
كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار. ياق. 1‏:13،14،15
بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛
مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار. پەند. 14‏:20
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛
يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس. «يالغان ئېيتقۇچى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى....»   قان. 19‏:19؛ پەند. 21‏:28
تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛
سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر. «تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر...» ــ ياكى «تولا ئادەم ئەمىردىن ئىلتىپات كۆزلەر...».
نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛
ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛
يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس. پەند. 14‏:20
پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛
نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛
يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار. «يالغان ئېيتقۇچى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى...».
10 ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛
قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس. پەند. 30‏:22
11 دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛
خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر.
12 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛
ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر. پەند. 16‏:14،15؛ 20‏:2
13 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛
ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر. پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 17‏:25؛ 21‏:19؛ 27‏:15
14 ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛
بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر. پەند. 18‏:22
15 ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛
بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار. پەند. 6‏:9؛ 10‏:4؛ 20‏:13
16  پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛
ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر. «ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر» ــ ياكى «ئۇنىڭ (دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ) يوللىرىنى كەمسىتكەن كىشى ئۆلەر».   پەند. 3‏:21،22؛ لۇقا 11‏:28
17 كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان،
پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛
ئۇنىڭ شەپقىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
18 پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ،
ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛
لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما. «لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «....بىراق ئۇنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سالما».   پەند. 13‏:24؛ 23‏:13؛ ئ‍ەف. 6‏:4
19 قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛
ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك.
20 نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن،
ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.
21 كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛
ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار. ئايۇپ 23‏:13؛ زەب. 33‏:11؛ 115‏:3؛ يەش. 46‏:10
22 كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛
مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر.
23 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛
ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار. زەب. 34‏:9-10
24 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن،
غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار. پەند. 26‏:15
25 ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛
يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ،
ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار. پەند. 21‏:11
26 ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان،
ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان،
رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر.
27 ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ،
ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر. «ئى ئوغۇل، ... ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى ئوغلۇم، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن ئۆزۈڭنى تارت!».
28 پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار. «پەسكەش گۇۋاھچى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) گۇۋاھچىسى».
29 ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر،
ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر. «ھاكاۋۇرلار» ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار».
 
 

19:1 پەند. 28‏:6

19:2 «بولماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس». «ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاياغلىرىنى ئالدىراتقۇچى كىشى خاتا قەدەم باسار».

19:3 ياق. 1‏:13،14،15

19:4 پەند. 14‏:20

19:5 «يالغان ئېيتقۇچى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى....»

19:5 قان. 19‏:19؛ پەند. 21‏:28

19:6 «تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر...» ــ ياكى «تولا ئادەم ئەمىردىن ئىلتىپات كۆزلەر...».

19:7 پەند. 14‏:20

19:9 «يالغان ئېيتقۇچى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يالغان (سۆز) پۈۋلىگۈچى...».

19:10 پەند. 30‏:22

19:12 پەند. 16‏:14،15؛ 20‏:2

19:13 پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 17‏:25؛ 21‏:19؛ 27‏:15

19:14 پەند. 18‏:22

19:15 پەند. 6‏:9؛ 10‏:4؛ 20‏:13

19:16 «ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر» ــ ياكى «ئۇنىڭ (دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ) يوللىرىنى كەمسىتكەن كىشى ئۆلەر».

19:16 پەند. 3‏:21،22؛ لۇقا 11‏:28

19:18 «لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «....بىراق ئۇنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سالما».

19:18 پەند. 13‏:24؛ 23‏:13؛ ئ‍ەف. 6‏:4

19:21 ئايۇپ 23‏:13؛ زەب. 33‏:11؛ 115‏:3؛ يەش. 46‏:10

19:23 زەب. 34‏:9-10

19:24 پەند. 26‏:15

19:25 پەند. 21‏:11

19:27 «ئى ئوغۇل، ... ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى ئوغلۇم، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن ئۆزۈڭنى تارت!».

19:28 «پەسكەش گۇۋاھچى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) گۇۋاھچىسى».

19:29 «ھاكاۋۇرلار» ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار».