18
كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛
ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار.
ئەخمەق يورۇتۇلۇشقا قىزىقماس؛
قىزىقىدىغىنى پەقەت ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرسىتىشلا، خالاس.
يامان كىشى كەلسە، نەپرەتمۇ پەيدا بولار؛
نومۇسسىز ئىش ئىزا-ئاھانەتتىن ئايرىلماس. «نەپرەتمۇ پەيدا بولار» ــ ياكى «پەسلىكمۇ پەيدا بولار».
ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار؛
دانالىق بۇلىقى ئېرىق سۈيىدەك ئۆركەشلەپ ئاقار.
يامانغا يان بېسىشقا،
سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس. «قەتئىي بولماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».   لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17؛ 16‏:19؛ پەند. 24‏:23
ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛
ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار.
ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛
ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر. پەند. 10‏:14؛ 12‏:13؛ 13‏:3
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك،
كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. «كىشىنىڭ قەلبىگە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قورسىقىنىڭ ئىچكى يەرلىرىگە...».   پەند. 26‏:22
ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ،
بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ. «كىشىمۇ...» ــ ...مۇ ــ دېمەك، هۇرۇن ئادەم عەيۋەتخورغا ئوخشاش بۇزغۇنچىدۇر.
10 پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛
ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار. ھاك.9‏:51؛ 2سام. 22‏:51؛ زەب. 18‏:1-3؛ 61‏:3-4؛ پەند. 29‏:25
11 باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛
نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار. پەند. 10‏:15
12 بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛
ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. پەند. 11‏:2؛ 15‏:33؛ 16‏:18
13 سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن،
ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر.
14 تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛
بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟
15 يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە،
ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە.
16 سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛
ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر.
17 دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛
لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر. پەند. 25‏:8
18 چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛
غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار.
19 رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛
جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر.
20 ئادەم دۇرۇس سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛
ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار. «ئادەم دۇرۇس سۆزلىگەنلىكىدىن .. مول ھوسۇل ئالار» ــ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن ئادەمنىڭ قورسىقى توق بولار؛ لەۋلىرىنىڭ ھوسۇلىدىن قانائەتلىنەر» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.   پەند. 12‏:14؛ 13‏:2
21 ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛
كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر. «كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر» ــ ياكى «كىمكى ئۆز سۆزلىرىگە ئامراق بولسا، شۇ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يەر».   پەند. 21‏:23؛ ياق. 3‏:2
22 خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ،
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. پەند. 19‏:14
23 مىسكىنلەر پەس ئاۋازدا يېلىنىپ سۆزلەر؛
باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر.
24 دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛
لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر. پەند. 17‏:17
 
 

18:3 «نەپرەتمۇ پەيدا بولار» ــ ياكى «پەسلىكمۇ پەيدا بولار».

18:5 «قەتئىي بولماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس».

18:5 لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17؛ 16‏:19؛ پەند. 24‏:23

18:7 پەند. 10‏:14؛ 12‏:13؛ 13‏:3

18:8 «كىشىنىڭ قەلبىگە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قورسىقىنىڭ ئىچكى يەرلىرىگە...».

18:8 پەند. 26‏:22

18:9 «كىشىمۇ...» ــ ...مۇ ــ دېمەك، هۇرۇن ئادەم عەيۋەتخورغا ئوخشاش بۇزغۇنچىدۇر.

18:10 ھاك.9‏:51؛ 2سام. 22‏:51؛ زەب. 18‏:1-3؛ 61‏:3-4؛ پەند. 29‏:25

18:11 پەند. 10‏:15

18:12 پەند. 11‏:2؛ 15‏:33؛ 16‏:18

18:17 پەند. 25‏:8

18:20 «ئادەم دۇرۇس سۆزلىگەنلىكىدىن .. مول ھوسۇل ئالار» ــ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن ئادەمنىڭ قورسىقى توق بولار؛ لەۋلىرىنىڭ ھوسۇلىدىن قانائەتلىنەر» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.

18:20 پەند. 12‏:14؛ 13‏:2

18:21 «كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر» ــ ياكى «كىمكى ئۆز سۆزلىرىگە ئامراق بولسا، شۇ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يەر».

18:21 پەند. 21‏:23؛ ياق. 3‏:2

18:22 پەند. 19‏:14

18:24 پەند. 17‏:17