29
 1 قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى،  
تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.   
 2 ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار،  
قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. 
◘    3 دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛  
بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. 
◘    4 پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛  
بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. 
◼    5 ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى،  
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر.   
 6 رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛  
بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار.   
 7 ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛  
بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. 
◘    8 ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛  
بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.   
 9 دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا،  
ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس.   
 10 قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛  
دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. 
◼    11 ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛  
بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. 
◘    12 ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا،  
ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس.   
 13 گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛  
ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. 
◼  ◘    14 يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا،  
تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. 
◘    15 تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛  
بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. 
◘    16 يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛  
لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. 
◘    17 ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛  
ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. 
◘    18 پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛  
لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. 
◼    19 قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛  
ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس.   
 20 ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟  
ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. 
◘    21 كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە،  
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. 
◼    22 تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛  
ئاسان غەزەپلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. 
◘    23 مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار،  
بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. 
◘    24 ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛  
ئۇ سوراقچىنىڭ 
گۇۋاھ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. 
◼  ◘    25 ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛  
بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. 
◼    26 كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛  
بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. 
◘    27 ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛  
دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر.