◼30:1 «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۈكلەنگەن سۆزلەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئاگۇرنىڭ دىل-روھىغا يۈكلىگەن سۆزلىرى. «بۇ ئادەم» ــ ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇر. «ئاگۇر» دېگەننىڭ مەنىسى «توپلىغۇچى». سۇلايمان «توپلىغۇچى» دېگەن كىتابپا بىرنەچچە ھېكمەت سۆزلەرنى تولپلىغانغا ئوخشاش، ئاگۇر بۇ بابتا بىرنەچچە ھېكمەت سۆزلەرنى تولپلىغان.
◼30:3 «بىراق ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولدۇم» ــ ئىبرانىي تىلىدائەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر». بىز بۇ تەرجىمىنى قوبۇل قىلمايميز، چۈنكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئېنىقكى، يازغۇچى هەقىقەتەن خۇدانى تونۇيدۇ. بىزنىڭچە ئۇنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنى، ئىگە بولغان ساۋاتى يالغۇز خۇدانىڭ ۋەھىيسى بىلەنلا كەلگەندۇر.
◘30:4 ئايۇپ 38:4؛ زەب. 104:3؛ يەش. 40:12
◘30:5 زەب. 12:6-7؛ 18:30-31؛ 19:7-8؛ 119:140؛ 2تىم. 2:16
◘30:6 قان. 4:2؛ 12:32؛ ۋەھ. 22:18
◼30:13 «ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قاپاقلىرى نېمانچە كۆتۈرۈلگەن!».
◘30:13 پەند. 6:17
◘30:14 پەند. 12:18
◼30:15 «زۈلۈك» ــ سۇ ئىچىدە ياشايدىغان قانخور بىر خىل پارازىتتۇر.
◼30:16 «گۆر» ــ مۇشۇ يەردە «گۆر» ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا»، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.
◼30:20 «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ زىناخور خوتۇننىڭ يولىنىڭ ئاجايىبلىقى بولسا ئۆزىنىڭ ئوپئوچۇق گۇناھىنى ھېچ تونۇمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت.
◼30:23 «نەپرەتكە پاتقان» ــ ياكى «نەپرەتلىك»، «نەپرەتلەنگەن».
◘30:25 پەند. 6:8
◼30:31 «زىلۋا بەيگە ئىتى» ــ ياكى «بەيگە ئېتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز بەك ئاز ئۇچرايدۇ. «پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «ئاغدۇرۇلماس ۋە ئۆرۈلمەس پادىشاھدۇر» ياكى «ئۆز قوشۇنىنى باشلىغان پادىشاھدۇر».
◘30:31 ئايۇپ 39:19-28
◼30:32 «قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم!» ــ بەلكىم ئىبرانىي تىلىدا «بولدى، بەس!» دېگەن مەنىنى بېرىش مۇمكىن.
◘30:32 ئايۇپ 21:5
◼30:33 «كالا سۈتى قوچۇلسا ... بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا.... ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا ...» ــ بۇ جۈملىدىكى «قوچۇلسا» «مىجىلسا» ۋە «قوزغاپ ... ئويلىسا» ئىبرانىي تىلىدا ئوخشاش بىر پېئىل بىلەن ئىپادىلەنگەن.