11
11-كۈي •••• «قېنى، قاچمامسەن؟» 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي:  
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛  
ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ!   
 2 چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ،  
قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ،  
ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛   
 3 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،  
ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟ ◼«ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..» ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.   
 4 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر،  
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛  
ئۇ نەزەر سالىدۇ،  
ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ. ◼«ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ» ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى».   
 5 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛  
رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ.   
 6 ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛  
پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ. ◼«پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ» ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.   
 7 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛  
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛  
كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ.   
◼11:3 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..» ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
◼11:4 «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ» ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى».
◼11:6 «پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ» ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.