12
12-كۈي •••• رەزىل دۇنيادىن ساقلاش 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛  
ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. ◼«شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ...» ــ «شېمىنىت» بەلكىم، «سەككىز تارلىق ساز» ياكى «سەككىز نوتىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە.   
 2 ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛  
خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ.   
 3 پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى،  
ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!   
 4 ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛  
لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛  
كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ.   
 5 «ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن،  
مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن،  
ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،  
«مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». ◼«مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى «تۈفى!» دەپ مازاق قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىمەن»   
 6 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛  
ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان،  
ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. ◘2سام. 22:31؛ زەب. 18:30؛ 19:8؛ 119:140؛ پەند. 30:5   
 7 سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛  
سەن مۆمىنلەرنى مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ ◼«سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن» ــ «ئۇلار» 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئېزىلگەنلەر» ۋە «مىسكىنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.   
 8 چۈنكى رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ،  
پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا!   
◼12:1 «شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ...» ــ «شېمىنىت» بەلكىم، «سەككىز تارلىق ساز» ياكى «سەككىز نوتىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە.
◼12:5 «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى «تۈفى!» دەپ مازاق قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىمەن»
◘12:6 2سام. 22:31؛ زەب. 18:30؛ 19:8؛ 119:140؛ پەند. 30:5
◼12:7 «سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن» ــ «ئۇلار» 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئېزىلگەنلەر» ۋە «مىسكىنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.